قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار نۇرسۇلتان نازاربايېفنىڭ پرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى 2020-يىلغىچە ئۇزارتىش قارارىنى قوللىماقتا

24-يانۋار كۈنى قازاقىستاننىڭ باش قانۇن كېڭىشى نۇرسۇلتان نازاربايېفنىڭ پرېزىدېنتلىق ۋەزىپە قەرەلىنى 2020-يىلغىچە ئۇزارتىش تەشەببۇسىنىڭ قانۇنىيلىقىنى تەكشۈرۈشكە كىرىشكەن.

0:00 / 0:00

قازاقىستان ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، ئەگەر پرېزىدېنتلىق قەرەلنى ئۇزارتىش توغرىلىق قارارنىڭ مەملىكەت قانۇنىغا قارشى كەلمەيدىغانلىقى ئىسپاتلانسا، ئۇ ۋاقىتتا قازاقىستان پۇقرالىرىنىڭ ئون يىل ئىچىدە پرېزىدېنتلىق سايلام ئۆتكۈزۈشنى كۈچتىن قالدۇرۇش ئۈچۈن ئاۋاز بېرىشىگە ھېچنەرسىنىڭ توسالغۇ بولالمايدىغانلىقى، ھەتتا دۆلەت رەھبىرىنىڭمۇ بۇنىڭغا قارشى چىقالمايدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ن.نازاربايېفنىڭ ۋەزىپىسىنى ئۇزارتىش بويىچە ئاممىۋى بېلەت تاشلاش ئۇسۇلىنى ئۆتكۈزۈش تەشەببۇسىنى 5 مىليوندىن ئوشۇق قازاقىستانلىق قوللىغان.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي تەشكىلاتى جەمئىيەتلىك بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى تامارا مەمەتوۋا ۋە جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى ئاياللار كېڭىشى باشلىقى ئەختىرىم ئەخمەتوۋالار بۇ ھەقتە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.