خىتاي دائىرىلىرى شەربازخاننىڭ ۋىزا ئىلتىماسىىنى 3 ئايغىچە تەستىقلىمىدى

شەربازخاننىڭ ئوغلى نۇرۇلئىسلام «5-ئىيۇل ۋەقەسى» گە چېتىلىپ قولغا ئېلىنغان ۋە خىتاي تۈرمىسىدە ئۆلۈپ كەتكەن ئىدى. شەربازخان ئەسلى پاكىستانلىق بولۇپ، ئۇ ئوغلى قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغاندىن كېيىن، پاكىستانغا مەجبۇرىي چىقىرىۋېتىلگەن.
مۇخبىرىمىز جۈمە
2012.02.13
nurul-islam-sherbaz-305.jpg شەربازخان بىلەن ئوغلى نۇرۇل ئىسلام شەربازنىڭ ئاتا-بالىلىق ئىسپاتى.
RFA

خىتاينىڭ پاكىستاندىكى ئەلچىخانىسى ۋىزا بەرمىگەنلىكى ئۈچۈن ئوغلىنىڭ مېيىت نامىزىغىمۇ بارالمىغان شەربازخان ئۈرۈمچىدە قالغان ئايالى ۋە باشقا ئائىلە تاۋابىئاتلىرى بىلەن كۆرۈش ئىمكانىيىتىدىنمۇ مەھرۇم قالدۇرۇلغان.

نۇرۇلئىسلام 2009-يىلىدىكى «5-ئىيۇل ۋەقەسى» قۇربانلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنىڭ دادىسى شەربازخان پاكىستانلىق، ئانىسى پاشايىم ئۇيغۇر. ئۇ ئۇيغۇر ئېلىدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان ۋە ئەينى يىلى قولغا ئېلىنغاندا ئەمدىلا 17 ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئىدى.

نۇرۇلئىسلام 2010-يىلى 13-ئاپرېل ئاقسۇ ۋىلايەتلىك سوت دائىرىلىرى تەرىپىدىن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.

شەربازخان ئوغلى نۇرۇلئىسلام جازاغا تارتىلغاندىن كېيىن تۇتقۇن قىلىنىپ، 2010-يىلى 10-ئىيۇن خىتاي چېگراسىدىن مەجبۇرىي پاكىستانغا چىقىرىۋېتىلگەن.

شەربازخاننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ ئەلەم قىلغىنى بولسا، ئۇ پاكىستانغا قايتۇرۇلۇپ بىر يىلدىن ئاشقاندا ئوغلى نۇرۇلئىسلامنىڭ تۈرمىدە ئۆلگەنلىك خەۋىرىنى ئاڭلاش ۋە ئۇنىڭ مېيىت نامىزىغا بېرىشقىمۇ يول ئالالماسلىق بولغان.

نۇرۇلئىسلام 2001-يىلى 13-نويابىر ئۈرۈمچى 1-تۈرمىدە نامەلۇم سەۋەبلەر بىلەن ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىدى. شەربازخان شۇ چاغدا رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئوغلىنىڭ تۈرمىدە قىيناپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

شەربازخان شۇندىن كېيىن دۇنيا مەتبۇئاتلىرىغا ئوغلى ۋە ئائىلىسىنىڭ بېشىغا كەلگەن دەرد-ئەلەملەرنى پاش قىلىشتىن باشقا «فېيىسبوك»، «يۇتۇب» قاتارلىق تور بەتلىرىدە ۋېدىئولۇق باياناتلارنى ئېلان قىلىپ، خىتاي ئۈستىدىن شىكايەت قىلىشنى توختاتمىغان.

ئارىلىقتا شەربازخان خىتايغا بېرىپ ئوغلىنى كۆرۈشكە كۆپ تىرىشقان، پاكىستاندىكى خىتاي ئەلچىخانىسىدىن ۋىزا ئىلتىماس قىلغان، ئەمما دائىرىلەر ئۇنىڭ ۋىزا ئىلتىماسنى ھازىرغىغىچە تەستىقلىمىغان.

ئۇنىڭ بۈگۈن رادىئومىزغا بىلدۈرۈشىچە، پاكىستاندىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئۆتكەن يىلى 11-ئايدىن باشلاپ ئۇنىڭ ۋىزا ئىلتىماسىغا جاۋاب قايتۇرمىغاننىڭ ئۈستىگە پاسپورتىنى قايتۇرۇپ بەرمىگەن.

كېيىن ئۇ پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا ئۆزىنىڭ ئەندىشىسىنى يەتكۈزگەن.

شەربازخان سۆھبەت جەريانىدا ئوغلى نۇرۇلئىسلام خىتاي تۈرمىسىدە ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن، سالامەتلىكىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقى ۋە راۋالپىندىدە ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ داۋالانغانلىقىنى بىلدۈردى.

شەربازخان ئاخىردا دۇنيا جامائەتچىلىكىگە مۇراجىئەت قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا زۇلۇم سېلىۋاتقانلىقى، خىتاي تۈرمىلىرىدە يەنە نۇرغۇن ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ ئۆلۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ سۆزىنى «بۇ ئىشلارغا سەبرە قىلىمەن» دېگەن جۈملىلەر بىلەن ئاياغلاشتۇردى.

خىتاي دائىرىلىرى شۇندىن كېيىن «5-ئىيۇل ۋەقەسى» گە چېتىپ 30 غا يېقىن ئادەمگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەنلىكىنى ئوچۇق ئېلان قىلغان، ئەمما يەنە قانچىلىك ئادەمنىڭ مۇددەتسىز ۋە مۇددەتلىك قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى ئېنىق ئاشكارىلىمىغان.

ھالبۇكى، بىر قىسىم كۆزەتكۈچىلەر «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن جازا ھۆكۈم قىلىنغان ياشلارنىڭ بىر نەچچە مىڭدىن ئېشىپ كېتىدىغانلىقىنى ھەتتا بەزى ياشلارنىڭ تۈرمىدىكى تاياق ۋە قىيىن قىستاق-سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.