ئوغلىنى ئېلىپ قاچقان خىتاي قاراقچى ئۈستىدىن ئەرز قىلىۋاتقان نۇرۇنگۈل توختى قاماقتا

35 ياشلىق بىر ئانا، ئورۇق، ئېگىز بويلۇق گۈزەل بىر خانىم مۇشۇ كۈنلەردە ئۇچتۇرپان قاماقخانىسىدا كويزا-كىشەنلىك ھالەتتە خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن سوراق قىلىنماقتا.

0:00 / 0:00

ئۇ كىم؟ ئۇ نېمە ئىشلارنى قىلغان؟

ئوغلىنى خىتاي قاراقچىنىڭ قولىدىن ساقچىلارنىڭ ياردىمىسىز قۇتقۇزۇش، قاراقچىنى جازالىمىغان داليەن ساقچى ئورگانلىرى ئۈستىدىن بېيجىڭغا ئەرز سۇنۇش، ئۇچتۇرپان ساقچىلىرى بېيجىڭدىن مەجبۇرىي ئېلىپ ماڭغاندا پويىزدىن سەكرەپ قېچىش، بېيجىڭدىكى دۆلەت ئورگانلىرى ئەرزىگە قۇلاق سالمىغاندا، چەتئەل كونسۇلخانىلىرى ۋە ب د ت دەرۋازىسى ئالدىدا خىتاي دۆلىتى ئۈستىدىن شىكايەت قىلىش، ئۈچتۇرپاندىكى يەرلىك دائىرىلەرنىڭ چىرىكلىكى ۋە يارامسىزلىقىنى يۈزىدىن-يۈزىگە ئەيىبلەپ ئەل-جامائەتنىڭ ئالدىدا ئەدىپىنى بېرىش‏، مانا بۇلار، مەھبۇس نۇرۇنگۈل توختىنىڭ يېقىنقى 3 يىللىق ھاياتىدىكى ئۇنتۇلماس مەنزىرىلەردۇر.

بۇ مەنزىرىلەر نۇرۇنگۈل توختىنىڭ ئەل-جامائەت ئىچىدىكى ئىززەت-ھۆرمىتىنى يۈكسەلتكەن بولسا، بېيجىڭ ۋە ئۈچتۇرپاندىكى ئالاقىدار خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئوغىسىنى قايناتقان. شۇڭا ئۇ 6 ئايدىن بېرى قاماقتا.

جاراڭلىق سۆزلىرى بىلەن رادىئو ئاڭلىغۇچىلىرىمىزغا تونۇشلۇق بولغان نۇرۇنگۈل توختىنىڭ 6 ئايدىن بېرى ئۇچۇرى ئېلىنمىغاندىن كېيىن، يەرلىك ئاھالىلەرگە تېلېفون قىلدۇق. ئاھالىلەردىن بىرى ئۇنىڭ بۇلتۇر 6-ئاينىڭ 4-كۈنى تۇتۇپ كېتىلگەنلىكىنى ۋە تۇتۇلۇش سەۋەبىنىڭ ئائىلىسىگە بىلدۈرۈلمىگەنلىكىنى ئېيتتى.

بىز بۇ ئۇچۇرنىڭ توغرا-خاتالىقىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن، نۇرۇنگۈل توختىنى بېيجىڭدىن تۇتۇپ كېتىش ۋە نازارەت قىلىش ئىشلىرىغا ئارىلاشقان بىر ساقچى خادىمىغا تېلېفون قىلدۇق. ساقچى خادىمى دەسلەپتە سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى، ئارقىدىن ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسىدىن يوليورۇق سورىغاندىن كېيىن، سوئالىمىزغا قىسمەن جاۋاب بەردى. ئۇنىڭ ئاشكارىلىشىچە، نۇرۇنگۈل توختى دۆلەت بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش گۇمانى بىلەن قولغا ئېلىنغان. ئۇ قولغا ئېلىنغىنىغا 6 ئايدىن ئاشقان بولسىمۇ، ئۈستىدىن تېخى سوت ئېچىلمىغان، سوراق ۋە تەكشۈرۈش يەنىلا داۋاملاشماقتا.

ساقچى خادىمى نۇرۇنگۈلنىڭ دېلوسىنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىدى. ئەمما نۇرۇنگۈل توختى قولغا ئېلىنىشتىن بۇرۇن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىمىزدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇچتۇرپان ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسىدىن ئىككى كىشى، بۇلتۇر 5-ئاينىڭ 25-كۈنى ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن، سۆھبەت داۋامىدا ئۇلار، ئۇنىڭ بېيجىڭدىكى باشقا ئەرزدارلار بىلەن تەشكىلىي مۇناسىۋىتى بار-يوقلۇقىنى سورىغان ۋە ئۇلار ھەققىدە مەلۇمات ئىگىلىگەن؛ ئۇنىڭ يەنە، بېيجىڭدىكى چەتئەل كونسۇلخانىلىرى، ب د ت ئىشخانىسىغا بېرىش جەريانى ھەققىدىمۇ مەلۇمات ئىگىلىگەن ۋە بۇ سۆھبەتتىن 10 كۈن كېيىن سۆھبەتنىڭ خۇلاسىسىنى بىلدۈرىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

مانا بۇ ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا، نۇرۇنگۈلنىڭ مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئىدارىسى ئالدىدا ساقچىلار بىلەن تاكاللاشقانلىقى ۋە ب د ت ئىشخانىسى ئالدىدا ئەرزدارلار بىلەن بىرلىكتە توپلىشىپ شىكايەت ئېيتقانلىقى، ئۇنىڭ ئاتالمىش جىنايىتىگە پاكىت ھېسابلانغان. يەنە بەزى ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇچتۇرپان ناھىيە رەھبەرلىرى ئاۋارىچىلىكتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن نۇرۇنگۈلنى تۈرمىگە تاشلاش ئارقىلىق جىمىقتۇرماقچى بولغان ۋە ناھىيە دەرىجىلىك سوتقا بۇ ھەقتە بۇيرۇق چۈشۈرگەن، ئەمما ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى نۇرۇنگۈلنىڭ قىلمىشىنىڭ جىنايەت ئۆلچىمىگە توشمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ناھىيىلىك سوت ھۆكۈمىنى رەت قىلغان.

تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.