ئۇچتۇرپانلىق ئايال نۇرۇنگۈل توختى، 8 ياشلىق ئوغلىنى ئېلىپ قاچقان خىتاي قاراقچى ئۈستىدىن 2 يىلدىن بېرى داۋا قىلىپ كېلىۋاتقان ھەم خىتاي قاراقچى جازاغا تارتىلمىسا، ئوغلى ئۈچۈن ئىنتىقام ئالىدىغانلىقىنى خىتاي دائىرىلىرىگە ئاشكارا بىلدۈرۈپ كېلىۋاتقان ئىدى. ئارىلىقتا 39 كۈن قاماق جازاسى بېرىپمۇ نۇرۇنگۈلنىڭ ئىرادىسىنى سۇندۇرالمىغان ئۇچتۇرپاندىكى خىتاي دائىرىلىرى، بۇ يىل 2-ئايدا ئۇنى يېڭىئاۋات يېزىلىق سىياسىي قانۇن ئىشخانىسىغا خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرغان ھەم ئۇنىڭغا ئايلىقى 3500 يۈەندىن مائاش بېكىتكەن. ئەمما، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ ئىلتىپاتى نۇرۇنگۈلنىڭ مەيدانىنى ئۆزگەرتەلمىگەن. نۇرۇنگۈل خىزمەت داۋامىدىمۇ ھەقنى سۆزلىگەن، ھەقسىزلىققا ئۇچرىغانلارغا يان باسقان.
خىتاينىڭ ئاتالمىش ئەبەدىي ئەمىنلىكنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش، قورقۇتۇش، تۇتقۇن قىلىش ھەرىكەتلىرى، گەرچە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىغا جاپا-مۇشەققەت ۋە ئازاب-ئوقۇبەت ئېلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، يەنە بىر قىسىم كىشىلەرگە خىزمەت تېپىش ۋە ئۆرلەپ ئۆسۈش پۇرسىتى يارىتىپ بەرمەكتە. نۇرۇنگۈلمۇ ئەنە شۇ پۇرسەتكە ئېرىشكۈچىلەردىن، ئەمما ئۇ بۇ پۇرسەتكە ئېرىشكەن چېغىدا، ئۆزىنىڭ ئىنسانىي پەزىلىتى ۋە مىللىي مەيدانىنى ئۇنتۇپ قالمىغان. مەسىلە ئىككىدىن بىرىنى تاللاش نۇقتىسىغا كەلگەندە، خىزمىتىدىن ئىستېپا بەرگەن. ئۇ نۆۋەتتە بېيجىڭدا ئەرزدار سەپداشلىرى بىلەن بىرلىكتە، خىتاينىڭ مىللىي كەمسىتىش سىياسىتىگە قارىتا نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن نۇرۇنگۈلنىڭ ئىككى ئايلىق «سىياسىي قانۇن خىزمەت تەجرىبىسى» ھەققىدە مەلۇمات ئاڭلايسىلەر.