نۇرۇنگۈل توختى: ئەرزىم سورالمىسا، جىنايەتكە جىنايەت بىلەن جاۋاب قايتۇرىمەن

نۇرۇنگۈل توختىنىڭ 8 ياشلىق ئوغلىنى بۇلاپ قاچقان جىنايەت گۇماندارى ھازىرغىچە قانۇنىي جازاغا تارتىلمىغان.

0:00 / 0:00

بىز تۈنۈگۈن، خىتاينىڭ داليەن شەھىرىدە 8 ياشلىق بىر ئۇيغۇر بالىنىڭ خىتاي قاراقچىلىرى تەرىپىدىن بۇلاپ كېتىلىش ۋە ئانىسى نۇرۇنگۈل تەرىپىدىن قۇتۇلدۇرۇلۇش جەريانى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن ئىدۇق. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ 8 ياشلىق بالىنى بۇلاپ قاچقان جىنايەت گۇماندارى ھازىرغىچە قانۇنىي جازاغا تارتىلمىغان. نۇرۇنگۈل توختى قاراقچىنىڭ جازالىنىشىنى تەلەپ قىلىپ، داليەن، ئۇچتۇرپان ۋە بېيجىڭ قاتارلىق جايلاردىكى ئالاقىدار ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى بىلەن ئىزچىل ھالدا داۋالاشماقتا. نۇرۇنگۈل مۇخبىرىمىزغا بۈگۈن 8 ياشلىق ئوغلىغا زىيانكەشلىك قىلغان خىتاي قاراقچى جازالانمىسا، جىنايەتكە جىنايەت بىلەن جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پروگراممىسىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.