Street ژۇرنىلىدا نۇرى تۈركەلنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئادالەت ناملىق ماقالىسى ئېلان قىلىندى

ئامېرىكا ئالىي سوتىنىڭ دۈشەنبە كۈنىدىكى قارارى بىلەن، گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇر مەھبۇسلار مەسىلىسى يېڭى بىر باسقۇچقا قەدەم قويدى. سوت پەرھات ھۇزەيفە داۋاسىدىكى قارارى ئارقىلىق، ئۇيغۇر مەھبۇسلارنىڭ گۈەنتانامو تۈرمىسىدىن قۇتۇلۇش يولىنى ئاچتى. ئەمدىكى مەسىلە مەھبۇسلارنىڭ قەيەرگە يەرلىشىش مەسىلىسىدۇر. نۆۋەتتە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى بۇنىڭ ئۈچۈن ھەرىكەتتە. بۈگۈن ئامېرىكىدا چىقىدىغان ۋال سىترىت ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان ئۇيغۇرلارغا ئادالەت ناملىق ماقالە مانا بۇ ھەرىكەتلەردىن بىر پارچىدۇر.

0:00 / 0:00

ماقالىنىڭ ئاپتورى نۇرى تۈركەل ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ سابىق رەئىسى. نۆۋەتتە ۋاشىنگتوندىكى بىر تىجارىي قانۇن مۇلازىمەت شىركىتىنىڭ ئادۋۇكاتى. ئۇ ماقالىسىدا، گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى ئامېرىكىغا يەرلەشتۈرۈشنى ئەڭ توغرا يول دەپ كۆرسىتىدۇ ۋە مۇنداق يازىدۇ: شۇنداق، ئۇيغۇرلارنى ئامېرىكىغا يەرلەشتۈرۈش بەلگىلىك قىيىنچىلىقلارنى تۇغدۇرىدۇ، ئەمما ئارىدىن 6 يىل ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندە ئىشنىڭ توغرىسى بۇ. ئاپتور يەنە مۇنداق يازىدۇ: خىتاي دىپلوماتىك قاناللىرى ئارقىلىق، 100 دىن ئارتۇق دۆلەتنىڭ بۇ مەھبۇسلارنى قوبۇل قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلدى. ئامېرىكىنىڭ قوبۇل قىلىشىغىمۇ نارازىلىق بىلدۈرىدىغانلىقى ئېنىق، ئەمما، ئامېرىكا بۇ ئىشنى ئامېرىكا ئاساسىي قانۇنى ۋە جىنايى ئىشلار قانۇنى بۇيىچە خىتايغا چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدۇ.

نۇرى تۈركەل ماقالىسىدە يەنە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئامېرىكىلىقلار بىلەن مەيلى تارىختا، مەيلى بۈگۈن بولسۇن بىر مەنپەئەت توقۇنۇشى بولمىغانلىقىنى، گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قارشى ئەركىنلىك جەڭچىلىرى ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ئامېرىكىغا قارىتا بىر تەھدىت ئامىلى بولۇشنىڭ مۇمكىنسىزلىكىنى بايان قىلىدۇ ۋە مۇنداق يازىدۇ: ئامېرىكىدا ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي پاناھلىق تىلىشى مۇشۇ ئەسىرنىڭ 50 ‏ - يىللىرى باشلانغان. ھازىرغا قەدەر ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن، ئۇلار بۈگۈن ھەر قايسى ساھەدىكى نەتىجىلىرى بىلەن ئامېرىكا جەمئىيىتىگە توھپە قوشۇۋاتىدۇ. نۇرى تۇركەل پىكرىنى مۇنداق داۋاملاشتۇرىدۇ: بىز بىلەن يەنى بۈگۈن ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار بىلەن بۈگۈن گۈەنتانامودا تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئارىسىدا بىرلا پەرق بار، ئۇ بولسىمۇ، بىز بۇ يەرگە ئايروپىلان ئارقىلىق كەلدۇق، ئۇلار بولسا تاغ ئاتلاپ كەلدى، يەنى تۇتۇلۇپ كەلدى.

نۇرى تۈركەل ماقالىسىدە يەنە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەزەلدىن ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيەپەرۋەر خەلق ئىكەنلىكى، ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى كۈرىشىنىڭ ئالدىنقى ئەسىردە قۇرغان مىللىي ۋە دېموكراتىك دۆلىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىكەنلىكىنى شۇ سەۋەبتىن، ئامېرىكىنىڭ نۆۋەتتە ئېلىپ بېرىۋاتقان دىكتاتورلارغا قارشى ھەرىكىتىنى ئۇيغۇرلارمۇ قارشى ئېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ ئۆتتى.

بىز بۈگۈن ئادۋوكات نۇرى تۈركەل بىلەن گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ ئۇيغۇر داۋاسىدىكى ئورنى ھەققىدە پىكىر ئىگىلىدۇق. ئۇنىڭ قارىشىچە، گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلار مەسىلىسى يالغۇز ئون نەچچە ئۇيغۇرنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى بىر مىللەتنىڭ مۇستەقىللىق داۋاسىنىڭ ھەققانىيلىق مەسىلىسىدۇر.

گۈەنتانامودىكى ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ داۋاسىنىڭ، بۈگۈن ئامېرىكا سوتىدا بىر مىللەتنىڭ داۋاسى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن نۇرى تۈركەل، بۇ ماقالىنى يېزىش مەقسىتى ھەققىدە مۇنداق توختىلىدۇ: نۇرى تۈركەلنىڭ قارىشىچە، گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلار مەسىلىسى بۈگۈن ياخشى بىر يۆنۈلۈشكە يۈزلەندى ئەمما، ئۇلارنىڭ ھاياتى خەپ - خەتەردىن تامامەن قۇتۇلۇپ بولمىدى.

نۇرى تۈركەل گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى ئارىسىدا خەلقئارا سەھنىدىكى ئەڭ كەسكىن بىر كۈرەش دەپ قارايدۇ.