ئاپتور ماقالىسىنى مۇنداق باشلىغان: " بۇ يىل خىتاينىڭ ئەڭ غەربىدىكى مۇسۇلمانلار رايونىدىن كەلگەن، نەتىجىلىك بولماي قالغان ئايروپىلان پارتلىتىش سۇيىقەستى، بۇ يىللىق ئولىمپىكنى TNT بىلەن پارتلىتىش، ھەتتا ئولىمپىك تەنھەرىكەتچىلىرىنى گۆرۈگە ئېلىشنى پىلان قىلىۋاتقان ' ۋەھشىي تېررورچىلار گۇرۇھى ' قاتارلىق تېررورلۇق سۇيىقەستلىرى ھەققىدىكى خەۋەرلەر قارىماققا ئويدۇرمىدەك قىلاتتى".
" تېررورچى ئىزدەپ قەشقەرگە ئۇچتۇم "
ئاپتور بۇلارنىڭ ئىنتېرنېت تور بەتلەردىكى ئەپقاچتى گەپلەر بولماستىن، بەلكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دوكلاتلىرى ئىكەنلىكىنى شۇڭلاشقا بۇ جەھەتتە يىپ ئۇچىغا ئېرىشىش ئۈچۈن قەشقەرگە

سەپەر قىلغانلىقىنى بايان قىلىپ " شۇنداق قىلىپ مەن تېررورچى ئىزدەپ، نەقىشلىك مۇنارلىرى، تۆگە ۋە گىلەملىرى بىلەن ئوتتۇرا شەرقچە كەيپىيات بېرىدىغان قەدىمىي يىپەك يولىدىكى بوستانلىق - قەشقەرگە ئۇچتۇم" دەپ يازىدۇ.
ئاپتور قەشقەرگە بارغاندىن كېيىن ئۆزى يولۇققان كەچۈرمىشلەرنى ئىنتايىن ساتىرىك ئۇسۇلدا بايان قىلغان بولۇپ، ئۆزى ئىزدەۋاتقان نەرسىنى تاپماستىن تۇرۇپ قەشقەرگە كېلە - كەلمەي، خىتاي بىخەتەرلىك تارماقلىرىنىڭ ئۇنى تېپىۋالغانلىقىنى يازىدۇ ۋە ئۆزى ياللىغان خىتاي ئاپاراتورنىڭ ئۇنىڭغا تېلېفون قىلىپ ئۆزىنى ئىككى نەپەر پۇقراچە كىيىنگەن ساقچىنىڭ سوراق قىلغانلىقىنى ھەمدە سوراقتىن كېيىن ئۇ ساقچىلارنىڭ بۇ سوراق ھەققىدە ھېلىقى ئامېرىكىلىق مۇخبىرغا ھېچنېمە ئېيتماسلىقى كېرەكلىكىنى، مۇخبىرلارنىڭ بۇنداق ئىشلارغا بەك سەزگۈر مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
مۇستەقىلچىلەر "شەرقىي تۈركىستان" دۆلىتى قۇرۇش ئۇچۇن پاراكەندىچىلىك سېلىپ تۇرىدۇ
ئاپتور يۇقىرىدىكى سوراقلار ھەققىدە توختىلىپ: " سوراق قىلىش بولسا خىتاي ھۆكۈمىتى، خىتاينىڭ غەربىدىكى بۇ مۇسۇلمانلار رايونىنىڭ مۇقىملىقىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنىڭ بەلگىسى بولسا كېرەك" دەپ يازىدۇ ۋە بۇ رايوندىكى مۇستەقىلچىلەرنىڭ "شەرقىي تۈركىستان"دۆلىتى قۇرۇش ئۇچۇن ئاندا - ساندا خىتاي ساقچىلىرىغا پاراكەندىچىلىك سېلىپ تۇرىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 1997 - يىلىدىن 2001 - يىلىغا بولغان ئارىلىقتا مۇشۇ خىلدىكى ۋەقەلەرگە ئالاقىدار دەپ قارالغان كىشىلەردىن 200 نەپەرگە ئۆلۈم جازاسى بەرگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتىدۇ.
ئاپتور ماقالىسىنى ئاخىرىدا، 11 - سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن خىتاينىڭ ئۆز ئالدىغا تېررورلۇققا زەربە بېرىشنى باشلىغانلىقىنى، ئەمما كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ھەمدە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش باھانىسىدا ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكىنى ھەمدە خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى باستۇرۇشلىرىنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ مەلۇم جەھەتتىن قوللىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ: " بۇ بىر نومۇسسىزلىق بولۇپ، بىز خىتاي قىلغان ئىپلاسلىقلارنى سادىر قىلماسلىقىمىز كېرەك ئىدى" دەپ يازىدۇ.
" خىتاي ئىشپىيونلىرىنى ئازدۇرۇشتىن خۇشاللىق تاپتىم "
بۇ ماقالىدە ئادەمنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان بىر تەرەپ بولسا، قەشقەردە ئاپتور زىيارەت قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز پىكىرلىرىنى ئىنتايىن ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇشى ھەمدە ئۇنىڭ ئارقىسىغا سايىدەك ئەگىشىۋالغان خىتاي بىخەتەرلىك تارماقلىرىنىڭ ئىشپىيونلىرى بولۇپ، گەرچە ئاپتور نېمە ئۈچۈن خىتاي ئىشپىيونلىرىنىڭ ئۆزىنىڭ ئارقىسىغا كىرىۋالغانلىقىنى ۋە ئۇلارنى ئازدۇرۇش جەريانىدىن خۇشاللىق تاپقانلىقىنى سۈرەتلىسىمۇ، ئەمما ئۆزى زىيارەت قىلغان ئۇيغۇر ياشلىرى ئولىمپىكنىڭ ئۈستىدىن شىكايەت قىلغان بولسا، بەزى دۇكاندارلار ئۆزلىرىنىڭ خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە كۆپلەپ كىرىشىدىن ئىنتايىن نارازى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشكەن بولۇپ، ئاپتور بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز پىكىرلىرىنى ئىنتايىن ئېھتىيات بىلەن دەڭسەپ تۇرۇپ ئىپادىلىشىدىن تەئەججۈپلەنگەن - يۇ سۇئال قويمىغان.
بۇ ھەقتە ئۆز كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان سىياسىي كۆزەتچى ئىلشات ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز پىكىرلىرىنى ئېھتىيات بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇشى ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى سىياسىي بېسىمنىڭ ئىنتايىن ئېغىر ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
"ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەل مۇخبىرىغا ئەمەلىي ئەھۋالنى چۈشەندۈرەلىشى مۇمكىن ئەمەس"
دەرۋەقە يەرلىك خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدا يېقىندىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان ھەربىي ھالەت يۈرگۈزۈش، كېچىسى تالاغا چىقىشنى چەكلەش، ئايروپىلانغا چىققان ئۇيغۇرلارنى قاتتىق تەكشۈرۈش قاتارلىق تەدبىرلەرنى ئالغان بولۇپ، ئىلشات ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھازىر پويىز بىلەن سەپەر قىلغان ئۇيغۇرلارمۇ قاتتىق تەكشۈرۈلىدىغان بولۇپ، بۇ ھەقتە توختالغان ئىلشات ئەپەندى: " بۇنداق ئەھۋالدا ئۇيغۇرلارنىڭ بىر چەتئەل مۇخبىرىغا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى چۈشەندۈرەلىشى مۇمكىن ئەمەس" دېدى.
ئۇيغۇر ئىلىدىن كەلگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئالغان بىخەتەرلىكى تەدبىرلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ نورمال تۇرمۇش كەچۈرۈشىگە ھەر خىل توسالغۇلارنى پەيدا قىلغان بولۇپ، ئۇلار ھازىر ئولىمپىكنىڭ تېزرەك ئاياغلىشىشىنى كۈتمەكتە ئىكەن.
ئىلگىرى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئولىمپىك بىخەتەرلىكى سەۋەبىدىن قەشقەرنىڭ ئۈستى ئوچۇق تۈرمىگە ئايلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.