بۈگۈن دۇنيا مەتبۇئاتى ئوبامانىڭ يۈز كۈنلۈك مۇساپىسى ھەققىدە پىكىر ۋە باھالارغا كەڭ ئورۇن ئورۇن بەردى.
پرېزىدېنت ئوباما بۈگۈن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىپ، ئۆزىنىڭ ئۆتكەن يۈز كۈنلۈك مۇساپىسىدىكى نەتىجىلىرىدىن مەمنۇن ئىكەنلىكىنى، ئەمما ئۇنىڭغا قانائەت قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۈگۈن دۇنيا مەتبۇئاتى ئوبامانىڭ بۇ يۈز كۈنلۈك خىزمىتى ئۈستىدە توختالماقتا. ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، ئوباما، بۇ يۈز كۈن ئىچىدە، ئىقتىسادىي كرىزىسنى ئوڭشاش،گۈەنتانامو تۈرمىسىنى تاقاشتا تاشقى ياردەمگە ئېرىشىش، پاكىستاندا كۇچىيىۋاتقان تالىبان كۈچلىرىنىڭ ئالدىنى توسۇش ۋە چوشقا زۇكامى قاتارلىق بىر قانچە كرزىس خاراكتېرلىك مەسىلىگە تەڭ دۇچ كەلدى.
ئوباما بۈگۈن مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە ئادەتتە پرېزىدېنتلارنىڭ 2 ياكى 3 چوڭ مەسىلىگە دۇچ كېلىدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ بولسا، دۇنيادا ئىقتىسادىي كرىزىس يۈز بەرگەن ئالاھىدە ۋەزىيەتتە تەختكە چىققىنى ئۈچۈن، 7 ھەتتا 8 تۈرلۈك مەسىلىگە تەڭ دۇچ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ بۇ مەسىلىلەر قاتارىدا ئافغانىستان، ئىراق، ئىران ۋە شىمالىي كورىيە مەسىلىلىرىنى؛ دۆلەت ئىچىدە ئېنىرگىيە مەسىلىسى، سالامەتلىك سۇغۇرتىسى قاتارلىق مەسىلىلەرنى كۆرسەتتى ۋە بۇلارنى ۋاز كېچىشكە ۋە كېچىكتۈرۈشكە بولمايدىغان مەسىلىلەر دەپ بايان قىلدى. ئوباما سۆزىنىڭ ئاخىرىدا كېلەر يۈز كۈنلۈك ياكى ئۇنىڭدىن كېيىنكى كۈنلەردە ئامېرىكىنىڭ يۇقىرىقى مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسىنى بىر تەرەپ قىلىشقا قادىر بولالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
پرېزىدېنت ئوباما ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئىسلام دۇنياسىغا تۇتقان سىياسىتىدە سابىق پرېزىدېنت بوشقا نىسبتەن ئالاھىدە پەرقلىق يول تاللىدى. بۇ يولنى ئوباما ئىسلام دۇنياسى بىلەن ئۆز -ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ۋە ئۆز - ئارا ھۆرمەت قىلىش دەپ شەرھىلىدى. ئوباما ئىسلام دۇنياسىغا خىتاپ قىلىپ ئامېرىكىنىڭ ئىسلام دۈشمىنى ئەمەسلىكىنى ئېنىق بايان قىلدى ۋە ئامېرىكىنىڭ ئىلگىرىكى ئىسلام سىياسىتىدە بەلگىلىك خاتالىقلارنىڭ بولغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى.
ئوباما تۇنجى ئىشى سۈپىتىدە گۈەنتانامو تۈرمىسىنى تاقاش قارارى ئالدى ۋە مەھبۇسلارغا قارىتا سوراقخانىدا قىيىن-قىستاقنى چەكلىدى؛ ئىران بىلەن يادرو قوراللىرى مەسىلىسدە سۈھبەت ئۈتكۈزىدىغانلىقىنى بايان قىلدى؛ ئىراقتا، سايلام ئۈتكۈزىدىغانلىقى ۋە ئۇ يەردىن كېلەر يىلى ئەسكەر چېكىندۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئەمما كۆزەتكۈچىلەر، ئامېرىكا بىلەن ئىسلام دۇنياسى ئارىسىدىكى ئاساسلىق مەسىلىنىڭ پەلەستىن مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى، ئەگەر ئامېرىكا پەلەستىن مەسىلىسىدە ئىسرائىلىيىگە يان بېسىش پوزىتسىيىسىنى ئۆزگەرتمىسە، ئامېرىكىنىڭ ئىسلام دۇنياسىدىكى ئوبرازىدا تۈزۈلۈش بولمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. ئوتتۇرا شەرق تەتقىقاتچىسى داۋىد پەتېر ئوباما ھۆكۈمىتىنى مانا مۇشۇ يۆنۈلۈشتە قەدەم بېسىۋاتىدۇ دەپ قارىغۇچىلاردىندۇر. ئۇ بۈگۈن ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىدا قىلغان سۆزىدە، ئوبامانىڭ تۇنجى تېلىۋىزىيە زىيارىتىنى بىر ئەرەپ تېلىۋىزىيىسىدە ئۆتكۈزۈشىنى، جورج مايكىلنى ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسىگە ئالاھىدە ۋەكىل قىلىپ تەيىنلىشىنى ئىسلام ئەللىرىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى دەپ كۆرسىتىدۇ.
نۆۋەتتە يەنە كۆزەتكۈچىلەر، ئەگەر ئوباما ھۆكۈمىتى، پەلەستىن مەسىلىسىدە بۇش ھۆكۈمىتىدىن راستىنلا پەرقلىق يول تۇتماقچى بولسا، پەلەستىندە سايلامدا ئۇتۇپ چىققان كۈچ خاماسنى ئېتىراپ قىلىشى كېرەكلىكىنى، ئەگەر بۇنداق بولمىغاندا ئامېرىكىنىڭ دېموكىراتىيە مەسىلىسدە قوش بىسلىق پوزىتسىيە تۇتقان بولىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ بىلەن يەنىلا ئىسلام دۇنياسىدىكى ئوبرازىدا تۈزۈلۈش بولمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھىللارىي كىلىنتون بۇ ھەقتىكى بايانىدا، ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرق سۆھبەت پىلانىدا ھەر خىل لايىھەسى بولۇشى كېرەكلىكىنى، بۇلاردىن بىرىنىڭ خاماسنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پەلەستىن بىرلەشمە ھۈكۈمىتىگە سوغۇق نەزەردە باقماسلىق كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئاقساراي ئىسرائىلىيە، پەلەستىن ۋە مىسىر دۆلەت رەھبىرىنى پات يېقىندا، سۆھبەت ئۈستىلىگە ئەكەلمەكچى ۋە پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيە تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان ئىككى دۆلەت لايىھەسىسنى ئوتتۇرىغا قويماقچى.
ئوبامانىڭ 100 كۈنلۈك پرېزىدېنتلىق ئىجرائىتىدىكى ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار كۆزگە كۆرۈنەرلىك ۋەقە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ گۈەنتانامو ئۇيغۇرلىرىدىن بىر قانچە نەپىرىنى ئامېرىكىغا قويۇپ بېرىشكە تەييارلىنىۋاتقانلىقىدۇر.