ئوبامانىڭ ب د ت يىغىنىدا قىلغان سۆزى ھەققىدىكى ئىنكاسلار

ئامېرىكا پرېزىدېنتى بارەك ئوبامانىڭ ب د ت يىغىنىدا سۆزلىگەن نۇتقى ھەققىدە، ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى كەينى-كەينىدىن خەۋەر ۋە مۇلاھىزە ئېلان قىلىپ، ئوخشىمىغان نۇقتىدىن ئىنكاس قايتۇرۇۋاتىدۇ.

0:00 / 0:00

«شەرق سەھەر گېزىتى» نىڭ بايان قىلىشىچە، ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتىدە يۈز بەرگەن چوڭ ئۆزگىرىشتىن كېيىن ئېچىلغان ب د ت يىغىنىدا، ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ، پۈتۈن دۇنيانىڭ دېموكراتىيە تۈزۈمگە ئۆتۈشىنى تېزلىتىش ئۈچۈن ھەرخىل ۋاسىتىلەرنى قوللىنىشقا باشلىدى.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىنىشىچە، تۈنۈگۈن ب د ت يىغىنىدا، ئوباما بىلەن ياۋروپالىقلار كۆمەكلىشىپ، پەلەستىننى ب د ت غا جۈمە كۈنى قويىدىغان تەلىپىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا ئۈندىگەن. ئەمما پەلەستىن پرېزىدېنتى ماخمۇد ئابباس جۈمە كۈنى ب د ت يىغىنىدا پەلەستىننىڭ ب د ت غا ئەزا بولۇش تەلىپىنى سۇنۇشتىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن. ئەگەر ماخمۇد ئابباس پىكرىدىن يانمىسا، بارەك ئوباما پەلەستىن مەسىلىسىدە تەس ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىشى مۇمكىن.

خىتاينىڭ «يەرشارى ۋاقىت» گېزىتىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما ب د ت يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، پەلەستىنگە بېسىم ئىشلەتكەن. ئوخشاش مەسىلىدىكى ئىككى تەرەپكە ئوخشاش ئۆلچەم قوللانمىغان. پەلەستىن ئەمەلدارلىرى ئۆز-ئارا قىلىشقان پاراڭلىرىدا، ئوبامانىڭ سۆزىنى «بىر بالايىئاپەت» دەپ تەسۋىرلىگەن.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، بارەك ئوباما ب د ت يىغىنىدا سۆزلىگەن نۇتقىدا دۇنيا ۋەزىيىتىدە يۈز بەرگەن تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشلەرنى بايان قىلىشنى ئاساسى ئورۇنغا قويدى. ئوباما نۇتقىدا، خەلقئارادا دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكىنى، خەلقنىڭ ئەركىنلىكى ۋە ئىپتىخارىنى قوغداش ئۈچۈن ئالدىغا قاراپ ناھايىتى چوڭ قەدەم باسقان دۆلەتلەر كۆپەيگەنلىكىنى، بولۇپمۇ، ئەرەب دۇنياسىدا تارىختا مىسلى كۆرۈلۈپ باقمىغان يېڭى ۋەزىيەت پەيدا بولغانلىقىنى كۆرسەتتى.

ئوبامانىڭ قارىشىچە، تۇنىس خەلقنى ئۆزىنىڭ مىللىي ئىپتىخارىنى ساقلاش ئۈچۈن مۇستەبىتكە قارشى نامايىش قىلىپ ئۈلگە تىكلىدى. مىسىردا ھەر ساھە، ھەر دىندىكى ئەر‏-ئايال، قېرى‏-ياش ھەممىسى بىر نىشان ئۈچۈن قوزغىلىپ، كىشىلىك ھوقۇقنىڭ قەدىر-قىممىتىنى نامايان قىلدى. لىۋىيە خەلقى قوزغىلىپ 40 نەچچە يىللىق مۇستەبىتنى ئاغدۇرۇپ تاشلىدى. بۇنىڭ تۈرتكىسىدە، پۈتۈن ئەرەب دۇنياسىدا ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيە ھەرىكىتى ئەۋج ئېلىشقا باشلىدى. بۇ جەرياندا جەنۇبىي سۇدانغا ئوخشاش يېڭىدىن مۇستەقىللىق ئېلان قىلغان دۆلەتلەر پەيدا بولدى. بۇ يېڭى ۋەزىيەت بارغانسېرى تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ.

ئوبامانىڭ قارىشىچە، ئوساما بىنلادىن 11‏-سېنتەبىر ۋەقەسىنى پەيدا قىلىپ، ئامېرىكا تېررورچىلىققا قارشى ئۇرۇشقا ئاتلانغاندىن كېيىنكى 10 يىل ئىچىدە، ئامېرىكا مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە قۇدرەت تاپتى. بۇمۇ دۇنيا ۋەزىيىدە يۈز بەرگەن تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشلەرنىڭ بىرى. گەرچە ئامېرىكا ھازىر تېخىچە يەر شارى خاراكتېرلىك ئىقتىسادىي كرىزىسنىڭ تەسىرىدىن قۇتۇلۇپ كېتەلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ھازىرقى ۋاقىتتا ئامېرىكا يەنىلا دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىلىك ئورنىنى ساقلاپ تۇرماقتا.

ئوبامانىڭ قارىشىچە، ھازىر دۇنيادا يەنە، خۇددى ئىرانغا ئوخشاش، ھازىرغا قەدەر ئۆز خەلقىنى خۇدا ئاتا قىلغان كىشىلىك ھوقۇقىدىن مەھرۇم قالدۇرۇۋاتقان، شىمالىي كورىيىدەك تېخىچە تىنچلىق يۆنىلىشىگە قاراپ ئەمەس، بەلكى دۇنيانى يادرو ئۇرۇشىغا سۆرەپ كىرىدىغان بالايىئاپەت يولىغا مېڭىۋاتقان دۆلەتلەر بار. بۇلارنىڭ مەسىلىسى ئۈچۈن، ئامېرىكا بۇنىڭدىن كېيىن، خەلقئارادا دۆلەتلەر ئارا ئاللىقاچان شەكىللىنىپ بولغان بىر-بىرىدىن ئايرىلالمايدىغان ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەرگە تايىنىدۇ، شۇنداقلا يېڭىدىن باش كۆتۈرۈۋاتقان ئىقتىسادىي گەۋدىلەر بىلەن ھەمكارلىشىدۇ.