ئوباما دالاي لاما مەسىلىسىدە تەنقىدكە ئۈچرىدى

ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوبامانىڭ تىبەتلەرنىڭ روھانىي داھىيسى دالاي لاما بىلەن كۆرۈشۈش ۋاقتىنى بۇ يىل 11 - ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىغا كېچىكتۈرگەنلىكى، ئامېرىكىدىكى تىبەتنى قوللىغۇچىلارنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىدى.

0:00 / 0:00

دالاي لاما 5 - ئۆكتەبىر كۈنى ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتونغا يېتىپ كېلىپ، 5 كۈنلۈك زىيارىتىنى باشلىدى. ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما گەرچە قول ئاستىدىكىلەرنى دالاي لاما بىلەن كۆرۈشۈشكە ئورۇنلاشتۇرغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ دالاي لاما بىلەن كۆرۈشۈشنى 11 - ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىغا سۈرگەنلىكى، بىر قىسىم تىبەتنى قوللىغۇچى پارلامېنت ئەزالىرى ھەم تىبەتنى قوللىغۇچى تەشكىلات ۋە ئەربابلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى.

1991 - يىلى سابىق ئامېرىكا پرېزېنتى جورج بوش دالاي لاما بىلەن كۆرۈشكەندىن بۇيان ئامېرىكا پرېزىدېنتلىرىنىڭ ھەممىسى دالاي لاما بىلەن كۆرۈشۈپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ھەر قېتىملىق كۆرۈشۈش خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ كېلىۋاتقان ئىدى.

باراك ئوباما بۇلتۇر پرېزىدېنتلىق سايلىمىدىن ئىلگىرى دالاي لاما بىلەن كۆرۈشكەن بولۇپ، بۇ يىل دالاي لاما بىلەن كۆرۈشۈش ۋاقتىنى خىتايغا بولغان زىيارىتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، يەنى 11 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى ياكى ئاخىرىغا سۈرگەن.

ئوتكەن ئايدا، 14 - سېنتەبىر كۈنى ئوبامانىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ياردەمچىلىرى ھىندىستاندىكى دارامسالاغا بېرىپ، دالاي لاما بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، ئەتىسى خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى جاڭ يۇ خىتاي ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن بايانات ئېلان قىلىپ، "خىتاينىڭ تىبەت مەسىلىسىدىكى مەيدانى ئېنىق، ئەلۋەتتە خىتاينىڭ قارىشى ھۆرمەت قىلىشىنى كېرەك، تىبەت مەسىلىسى خىتاينىڭ ئىچكى ئىشى، بۇنىڭغا باشقا دۆلەتلەر ئارىلاشماسلىقى كېرەك" دېگەن ئىدى.

ئوبامانىڭ بۇ نۆۋەت دالاي لاما بىلەن كۆرۈشۈش ۋاقتىنى ئارقىغا سۈرگەنلىكى، ئالدى بىلەن ھۆكۈمەت ئاپاراتلىرىدىكى تىبەتنى قوللىغۇچى بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ ئۇلارنىڭ تەنقىد قىلىشىغا ئۇچرىغان.

ئامېرىكا پالاتا رەئىسى نەنسي پېلوسى ھەم كېڭەش پالاتا ئەزاسى جون مىكائىن قاتارلىقلار ئۇزۇندىن بۇيان دالاي لامانى قوللاپ كېلىۋاتقانلار ئىدى. بۈگۈن يەنى 6 - ئۆكتەبىر سەيشەنبە كۈنى دالاي لامانى قوللىغۇچى بىر قىسىم پالاتا ئەزالىرى ئامېرىكا مەجلىسىدە دالاي لاماغا كىشىلىك ھوقۇق جەڭچىسى مېدالى تەقدىم قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ دالاي لامانىڭ ئاكتىپ قوللىغۇچىلىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

يىغىندا دالاي لاما ئامېرىكىنىڭ دېموكراتىك تۈزۈمى ھەم كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى ھەققىدە توختىلىپ، ئامېرىكىنىڭ بۇ يىللاردا كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىپ، دېموكراتىك تۇزۇم يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى ماختىدى.

يىغىندا پالاتا رەئىسى نانسى پېلوسى دالاي لامانىڭ بۇ يىللاردا تىبەت خەلقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ئۇچۇن تىنچلىق بىلەن ئېلىپ بارغان كۈرەشلىرىنى مەدھىلەپ، "دالاي لاما ئۆزىنىڭ 50 يىلدىن بۇيانقى كۈرەش تارىخى ئارقىلىق، تىبەت خەلقىنىڭ ئوز ھەق ھوقۇقىغا ئېرىشىش يولىدا ئۆچمەس تۆھپىلەرنى يارىتىش بىلەن بىللە، تىنچلىق بىلەن ئوز ھوقۇقىنى تەلەپ قىلىشنىڭ شانلىق ئۈلگىسىنى ياراتتى،" دېدى. نانسى پېلوسى سۆزىدە يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنى دالاي لاما بىلەن سۆھبەتكە چاقىردى.

گەرچە نەنسى پېلوسى قاتارلىق پارلامېنت ئەزالىرى ئامېرىكا پرېزېنتى باراك ئوبامانىڭ بۇ قېتىم دالاي لامانى قوبۇل قىلىشنى كەينىگە سۈرگەنلىكىنى ئوچۇق - ئاشكارا ئەيىبلىمىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۆزلىرىنىڭ دالاي لامانىڭ ئارقىسىدا كۈچلۈك تايانچ ئىكەنلىكىنى، تىبەت خەلقىنىڭ ئۆز ھەق - ھوقۇقلىرى ئۇچۇن قىلغان كۈرىشىنى ھەر ۋاقىت قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇزۇن يىل تىبەت مەدەنىيىتى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن،ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتى تىبەت تەتقىقات مەركىزىنىڭ مەسئۇلى ئېللوت سپېرلىڭ ئەپەندى ئا ف پ نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغىنىدا "ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوبامانىڭ بۇ نۆۋەت دالاي لامانى قوبۇل قىلىشنى ئارقىغا سوزۇشى، خىتايغا يېشىل چىراغ يېقىپ بەرگەنلىك" دەپ ئەيىبلىدى.

ئېللوت سپېرلىڭ ئەپەندى بۈگۈن ئەركىن ئاسىيا رادىئو ئىستانسىسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغىنىدىمۇ ئۆزىنىڭ بۇ قارىشىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ مۇنداق دېدى: "ئەلۋەتتە يۇقىرى دەرىجىلىك پالاتا ئەزالىرى دالاي لاما بىلەن كۆرۈشۈپ، دالاي لاما ھەم تىبەت خەلقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقلىرى ئۇچۇن ئېلىپ بارغان كۈرەشلىرىدە ئامېرىكىنىڭ ھەر ۋاقىت كۈچلۈك تىرەك ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىدى، ئەمما بۇ يېتەرلىك ئەمەس. بۇ نۆۋەت پرېزىدېنت ئوباما 1991 - يىلدىن بۇيانقى 15 يىل ئىچىدە، ئامېرىكا پرېزىدېنتلىرى ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، دالاي لامانى قوبۇل قىلىپ كېلىۋاتقان قائىدىنى تۇنجى قېتىم بۇزۇپ، دالاي لامانى قوبۇل قىلىشنى كەينىگە سۈردى. بۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە خاتا سىگنال بېرىش ئېھتىمالى تولىمۇ يۇقىرى. چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈزلۈكسىز ھالدا خەلقئارادىكى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ دالاي لاما بىلەن كۆرۈشۈشىنى چەكلەپ كېلىۋاتقان ئىدى.گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى شۇنچە نارازىلىقلارنى بىلدۈرسىمۇ، كانادا ھەم فرانسىيىگە ئوخشاش دۆلەتلەر رەھبەرلىرى يەنىلا دالاي لاما بىلەن كۆرۈشۈپ ئۆزلىرىنىڭ مەيدانىنى ئىپادىلىگەن ئىدى. ئەمما بۇ قېتىم ئوباما ئەپەندى دالاي لاما بىلەن كۆرۈشۈشنى خىتاي زىيارىتىدىن كېيىنگە قالدۇردى. خىتاي ھۆكۈمىتى دالاي لامانىڭ ئاۋسترالىيە ھەم جەنۇبىي ئافرىقىدىكى زىيارىتىنى چەكلىگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ دۆلەتلەر پەرۋا قىلمىغان ئىدى. مۇشۇنداق بىر شارائىتتا ئوبامانىڭ بۇ قارارنى چىقىرىشى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ناچار بولغان كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى تۈزىتىشكە قىلچە پايدىسى يوق. بىز ئەلۋەتتە بۇ خىل قىلمىشنى تەنقىتلەيمىز."

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ئىئان كېللي ئەپەندى ئوبامانىڭ دالاي لاما بىلەن كۆرۈشۈشنى خىتاي زىيارىتىدىن كېيىنگە ئورۇنلاشتۇرۇشىنىڭ ئامېرىكا ‏ - خىتاي مۇناسىۋىتى ھەم تىبەت مەسىلىسى ئۈچۈنمۇ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى، ئوبامانىڭ مۇۋاپىق پەيتتە دالاي لاما بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ قېتىم ئوبامانىڭ دالاي لاما بىلەن كۆرۈشۈش ۋاقتىنى كەينىگە سۈرۈشى ئامېرىكىدىكى تىبەت ھەرىكىتىنى قوللىغۇچىلارنىڭ نارازىلىقىنى كۈچەيتمەكتە.