ئوباما غەلىبە قىلدى، كۆپ دۆلەت رەھبەرلىرى تەبرىكلىدى

6-نويابىر كۈنىدىكى ئامېرىكا پرېزىدېنت سايلىمىدا باراك ئوباما رىقابەتچىسى مىت رومنېينى يېڭىپ، يەنە بىر قېتىم پرېزىدېنتلىق ئورنىغا ئېرىشتى. بۇ ئامېرىكا تارىخىدا قارا تەنلىك تۇنجى پرېزىدېنتنىڭ ئۇدا ئىككى قېتىم پرېزىدېنتلىققا سايلىنىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

سەيشەنبە كۈنى كېچىدە ئېلان قىلىنغان سايلام نەتىجىسىدە باراك ئوباما 206 گە قارشى 303 ئاۋاز بىلەن رىقابەتچىسى مىت رومنېني ئۇستىدىن تولۇق غەلىبە قىلدى.

ئوبامانىڭ رىقابەتچىسى رومنېيمۇ ئوبامانىڭ غەلىبىسىنى تەبرىكلىدى.

ئوبامانىڭ قايتا پرېزىدېنتلىققا سايلىنىشى مۇناسىۋىتى بىلەن كۆپ دۆلەت رەھبەرلىرى ئۇنى تەبرىكلىدى. بۇلارنىڭ ئارىسىدا رۇسىيە، ئىسرائىلىيە، ياۋروپا ئەللىرى رەھبەرلىرى، خىتاي ھەمدە ب د ت باش كاتىپى بان كىمون قاتارلىقلار بار.

رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىن ئوباماغا تېلېفون بېرىپ، ئۇنى بىۋاسىتە تەبرىكلىگەن. باش مىنىستىرى مېدۋېدېۋ ئوخشاشلا ئوبامانى تەبرىكلىگەن. بان كىمون ئوبامنى قىزغىن تەبرىكلەش بىلەن بىرگە سۈرىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا داۋاملىق ھەمكارلىشىش ئارزۇسىنى ئىپادىلىگەن. ئوبامانى قىزغىن تەبرىكلىگەن ئەنگلىيە باش مىنىستىرى كامېروننمۇ تەبرىكنامىسىدە ئوباما بىلەن داۋاملىق بىرلىكتە سۈرىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈمىدىنى ئىپادە قىلغان.

ئوبامانىڭ غەلىبىسىدىن كېيىن خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ، مۇئاۋىن رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە باش مىنىستىر ۋېن جاباۋ قاتارلىقلار ئوباما ۋە مۇئاۋىن پرېزىدېنت جوۋ بايدىننى تەبرىكلىگەن.