گۇئانتانامونى تەنقىد قىلغۇچىلار بۇنىڭ ئامېرىكا قىممەت قارشىغا خىلاپ بولۇپلا قالماي، مۇناسىۋەتلىك خەلقئارا ئەھدىنامىلارغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. پرېزىدېنت ئوباما ئىلگىرى لاگېرنى تاقايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. بۈگۈن گۇئانتانامونى تاقاش بۇيرۇقىغا رەسمىي ئىمزا قويغان.
ئالدىنقى كۈنى قەسەم بېرىپ ئامېرىكىنىڭ 44 - نۆۋەتلىك پرېزىدېنتلىقىنى تاپشۇرۇۋالغان باراك ئوباما، ۋەزىپىگە ئولتۇرغان كۈننىڭ ئەتىسى تېررور گۇماندارلىرىنى سوتلايدىغان گۇئانتانامو ھەربىي سوتىنى تۇتقۇنلارنى سوتلاشنى توختىتىپ تۇرۇشقا بۇيرىغان بولۇپ، سوت كوللىگىيىسى سوت ئىشلىرىنىڭ 120 كۈن توختىتىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. ئۇ ۋەزىپىگە ئولتۇرغان 3 - كۈنى يەنى پەيشەنبە كۈنى، ئاقسارايدا گۇئانتانامو لاگىرىنى تاقاش توغرىسىدىكى پرېزىدېنتنىڭ مەمۇرى بۇيرۇقىغا ئىمزا قويۇپ، تۇتقۇنلار لاگىرىنى بىر يىل ئىچىدە تاقاشنى بۇيرىدى.
بۇيرۇقنامە گۇئانتانامو تۈرمىسىدىكى سوتلىنىدىغان تۇتقۇنلارنى باشقا تۈرمىلەرگە يۆتكەش، ئاقلانغان تۇتقۇنلارنى قويۇپ بېرىش، سوتلىنىدىغان تۇتقۇنلارنىڭ دېلوسىنى قايتا كۆرۈپ چىقىپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى جىنايەت سادىر قىلغان، دەپ قارالغانلارنى قانداق جازالاش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. ئوباما گۇئانتانامو تۈرمىسىنىڭ " ھازىردىن باشلاپ بىر يىلدىن ئېشىپ كەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە تاقىلىدىغانلىقى" نى بىلدۈردى.
ئوباما ئىمزا قويۇش مۇراسىمىدىكى بايانىدا ئامېرىكىنىڭ تېررورلۇققا قارشى كۈرەشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى، لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئامېرىكا قىممەت قارىشىنى قوغدايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، "بىزنىڭ دۇنياغا بېرىدىغان سىگنالىمىز شۇ، ئامېرىكا زوراۋانلىق ۋە تېررورلۇقنى جازالاش نىيىتىدىن قايتمايدۇ شۇنداقلا بىز بۇنى ئىنچىكىلىك بىلەن، ئۈنۈملىك ۋە بىزنىڭ قىممەت قارىشىمىز ھەم غايىمىزدىن چەتنىمىگەن ئاساستا ئېلىپ بارىمىز" دەپ كۆرسەتتى.
ئۇزۇن يىللاردىن بېرى گۇئانتانامو تۇتقۇنلىرىنىڭ ئادۋوكاتلىقىنى قىلىۋاتقان ئامېرىكا ئاساسىي قانۇنى ھوقۇق مەركىزىدىكى مۇناسىۋەتلىك زاتلار ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ گۇئانتانامونى تاقاش توغرىسىدىكى بۇيرۇقىنى ئادالەت يولىدا بېسىلغان زور قەدەم، دەپ قارايدىغانلىقىنى، لېكىن بىر يىلنىڭ بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.
ئاساسىي قانۇن ھوقۇق مەركىزى مۇتەخەسسىسى ئەمىي مىكلېين خانىم مۇنداق دەيدۇ": بۇ بۇرۇنلا تاقىلىشقا تېگىشلىك جاي بولسىمۇ، لېكىن بۇ بىزنى يەنىلا ناھايىتى خۇشاللاندۇردى.گۇئانتانامو ھەرگىز ئېچىلماسلىقى، مەۋجۈت بولماسلىقى كېرەك ئىدى. پرېزىدېنت ئوبامانىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇپ تۇنجى قىلغان ئىشىنىڭ گۇئانتانامونى تاقاش ۋەدىسىنى ئەمەلدە كۆرسەتكەنلىكى قالتىس ۋە ناھايىتى مۇھىم بىر قەدەم بولدى. شۇنداقتىمۇ بىر يىل بەك ئۇزۇن، چۈنكى بۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ ئاساسەن ھەممىسى دېگىدەك7 يىلدىن بېرى سوئال - سوراقسىز تۇتۇپ تۇرۇلغان شۇنداقلا تاشلىنىپ قالغان ئىدى. بىز گۇئانتانامونىڭ بىر يىلنى كۈتمەي تېزراق تاقىلىشىنى، بولۇپمۇ پرېزىدېنت ئوباما ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بۇ جەھەتتىكى ۋەدىسىنى تېزرەك ئەمەلىيلەشتۈرۈشىنى كۈتىمىز."
گۇئانتانامو ھەربىي تۈرمىسىنى تاقاشتا تۈرمىدىكى 17 نەپەر ئۇيغۇرنى ئۇلارنىڭ ھاياتى تەھدىتكە ئۇچرىمايدىغان بىر دۆلەتكە ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك. ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى پورتۇگالىيە، فرانسىيە، ئەنگىلىيىلەر شۇنداقلا ئوتتۇرا ياۋروپادىكى شۋېتسارىيە ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنى قوبۇل قىلىشنى ئويلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار ئامېرىكىنىڭ بولمىدى دېگەندە بىر قىسىم تۇتقۇنلارنى قوبۇل قىلىشى كېرەكلىكىنى، چۈنكى بۇ مەسىلە ئامېرىكا ئۆزى پەيدا قىلغان مەسىلە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. گېرمانىيىگە ئوخشاش يەنە بەزى دۆلەتلەر بۇ مەسىلىگە ھازىرغا قەدەر ئىپادە بىلدۈرمەي كەلدى. لېكىن ئىپادە بىلدۈرگەن دۆلەتلەر ئىچىدە ئاۋسترالىيىگە ئوخشاش ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئەللەر بار.
ئاۋسترالىيىنىڭ كەۋىن رود ھۆكۈمىتى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تەلىپى ۋە ئاۋسترالىيىدىكى ئۇيغۇر جەمئىيەتلىرىنىڭ تىرىشچانلىقىغا قارىماي، ئۇيغۇرلارغا پاناھ جاي بېرىشنى رەت قىلغان ئىدى. يېقىندا ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىدىكى ئەمەلدارلار بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ 2008 - يىلى ئىككى قېتىم ئىلتىماستا بولغانلىقىنى، لېكىن كەۋىن رود ھۆكۈمىتىنىڭ 2008 - يىلى 12 - ئايدا بۇش ھۆكۈمىتىگە ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلالمايدىغانلىقىنى رەسمىي ئۇقتۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
ئامېرىكا ئاساسىي قانۇن ھوقۇق مەركىزىدىكى ئامىي مىكلېين خانىم، ئوباما ھۆكۈمىتى ئامېرىكا فېدىرال رايونلۇق سىوت مەھكىمىسى 2008 - يىلى 10 - ئايدا چىقارغان گۇئانتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى ئامېرىكىغا قويۇۋېتىش توغرىسىدىكى سوت قارارىنى ئىجرا قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى ئامېرىكىغا ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ،" بۇ يەردە ئامېرىكا سوت مەھكىمىسىنىڭ 17 نەپەر ئۇيغۇرنى ئامېرىكىغا قويۇۋېتىشكە بۇيرىغان سوت قارارى بار. بۇش ھۆكۈمىتى دەۋرىدە ئۇلار سوت قارارىغا ئاكتىپ قارشى چىققان شۇنداقلا يۇقىرى سوتقا ئەرز سۇنغان ئىدى. بىز ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ ئەرز قىلماسلىقىنى، تۆۋەن سوتنىڭ قارارىنى كۈچكە ئىگە دەپ قاراپ، ئۇيغۇرلارنى ئامېرىكىغا قويۇۋېتىشكە يول قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز،" دەپ كۆرسەتتى.
ئامېرىكا گۇئانتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن خىتاي ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇپ كېتىش تىرىشچانلىقىدىن ۋاز كەچمەي، ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلىش ئېھتىمالى بار دۆلەتلەرگە بېسىم ئىشلەتمەكتە. پرېزىدېنت ئوباما گۇئانتانامونى تاقاش بۇيرۇقىغا ئىمزا قويغان شۇ كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئامېرىكىنىڭ گۇئانتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشىنى يەنە بىر قېتىم تەلەپ قىلدى.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جياڭ يۈي پەيشەنبە كۈنلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئامېرىكا " قانۇن بۇيىچە بىر تەرەپ قىلىنىشى كېرەك بولغان بۇ مەھبۇسلارنى مۇمكىن بار تېز ئارىدا جۇڭگوغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك. جۇڭگو ھەر قانداق بىر دۆلەتنىڭ بۇ مەھبۇسلارنى قوبۇل قىلىشىغا قارشى تۇرىدۇ،" دەپ تەكىتلىگەن. لېكىن ئاساسىي قانۇن ھوقۇق مەركىزىدىكى ئەمىي مىكلېين خانىم، ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش مۇمكىنچىلىكى يوقلۇقىنى بىلدۈردى.
ئەمىي مىكلېين خانىم مۇنداق دەيدۇ ": خەلقئارا قانۇنلار كىشىلەرنى تەن جازاسىغا ئۇچراش ياكى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىش خەۋپى بار دۆلەتلەرگە ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى چەكلەيدۇ. ئەگەر ئۇيغۇرلار قايتۇرۇپ بېرىلسە ئۇلارنىڭ جازالىنىشقا ياكى تەن جازاسىغا ئۇچرايدىغانلىقى شەكسىز. شۇڭا ئۇلار ئامېرىكىنىڭ ئىچكى قانۇنى ۋە خەلقئارا قانۇنلارغا ئاساسەن قايتۇرۇلمايدۇ. ئۇلارنى ئەركىن ياشىيالايدىغان 3 - بىر دۆلەتكە ئورۇنلاشتۇرۇش لازىم. بىز ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ سوت قارارىنى ئاساس قىلىپ، ئۇلارنى ئامېرىكىغا قويۇپ بېرىش ۋە ئەركىن ياشىشىغا يول قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز ۋە شۇنىڭغا چاقىرىمىز. لېكىن شۇنى دىيىشكە بولىدۇكى، ئوباما ھۆكۈمىتى ھەرگىز ئۇلارنى خىتايغا قايتۇرمايدۇ."
پرېزىدېنت ئوباما بۇيرۇقنامىسىدە گۇئانتانامو تۈرمىسىنى تاقاشنى بۇيرۇپلا قالماي ئامېرىكا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ تېررور گۇمداندارلىرىنى سولايدىغان چەتئەللەردىكى مەخپىي تۈرمىلىرىنى تاقاش، تەن جازاسغا ياتىدىغان سوراق ئۇسۇللىرىنى چەكلەش، ھەربىي سوت كوللىگىيىسىدە سوتلانغان تېررور گۇماندارلىرىنىڭ دىلوسىنى قايتا كۆزدىن كەچۈرۈشنى بۇيرىغان.
بۇش ھۆكۈمىتى ئىلگىرى تېررور گۇماندارلىرىغا قارىتىلغان بەزى سوراق ئۇسۇللىرىنىڭ تەن جازاسى ئىكەنلىكىنى رەت قىلغان ئىدى. لېكىن ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ ئەدلىيە مىنىستىرى ئەرىك خاردېر يېقىندا ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ قانۇن كومىتېتىدا ئىسپاتلىقتىن ئۆتكەندە بۇش ھۆكۈمىتى تەن جازاسى ئەمەس، دەپ قارىغان بەزى ئۇسۇللارنىڭ تەن جازاسىغا كىرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.