ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنىڭ يېقىنقى باياناتلىرىدىن قارىغاندا تۇتقۇنلارنى ئامېرىكىغا قويۇپ بېرىش مۇمكىنچىلىكى كۈچىيىۋاتىدۇ. يېقىندا ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرى خولدېر، ئامېرىكىغا قويۇپ بېرىش ئېھتىماللىقىنى تىلغا ئالغان. بۈگۈن ئامېرىكىنىڭ دۆلەتلىك ئاخبارات باش مەسئۇلى بۇ مۇمكىنچىلىكنى يەنە تەكىتلىدى.
گۈئەنتانامودىكى تۇتقۇنلارغا مۇناسىۋەتلىك ھەر خىل ئۇچۇرلار ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ گۈئەنتانامو تۈرمىسىدىكى 17 نەپەر ئۇيغۇرنى ئامېرىكىغا قويۇپ بېرىشكە يېقىنلىشىۋاتقانلىقىنىڭ بىشارىتىنى بېرىۋاتىدۇ. يېقىندا ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرى ئەرىك خولدېر ئۇيغۇرلارنىڭ ئامېرىكىغا قويۇپ بېرىلىش ئېھتىمالى بارلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
تۈنۈگۈن ئامېرىكا دۆلەتلىك ئاخبارات باش مۇپەتتىشى دېنىس بلايىر، گۈئەنتانامودىكى بەزى تۇتقۇنلارنىڭ ئامېرىكىغا قويۇپ بېرىلىش مۇمكىنچىلىكى بارلىقىنى تەكىتلىگەن. بۇ ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇن ۋە بىخەتەرلىك ساھەسىدىكى ئەڭ ھوقۇقدار ئەمەلدارلارنىڭ يېقىنقى 10 كۈن ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئامېرىكىغا قويۇپ بېرىلىش مۇمكىنچىلىكى بارلىقىنى 2 - قېتىم تەكىتلىشىدۇر.
دېنىز بلايىر پەيشەنبە كۈنى ئاق سارايدا مۇخبىرلارغا بەرگەن گۈئەنتانامو توغرىسىدىكى باياناتىدا يەنە ئامېرىكىغا قويۇپ بېرىلىش ئېھتىمالى بار كىشىلەرنىڭ 20 ئەتراپىدا ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ 17 نەپەر ئۇيغۇرنى ئاساس قىلىدىغانلىقىنى، بۇ كىشىلەرنىڭ جەمئىيەتكە قايتىپ كېلىشىگە ياردەمدە بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى "كرىشتايىن يوڭ قانۇن مۇلازىمەت شىركىتى" نىڭ ئادۋوكاتى نۇرى تۈركەل ئەپەندى، دېنىس بلايىرنىڭ سۆزىدە كونكىرىت بىر نەرسە ئوتتۇرىغا قويۇلمىغانلىقىنى، لېكىن دېنىس بلايېرنىڭ سالاھىيىتىنى نەزەردە تۇتقاندا ئۇنىڭ سۆزى ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، دەپ قارايدىغان مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىرىدۇر. ئۇ مۇنداق دەيدۇ": ئۇنىڭ سۆزىدە ئەتە ئەتىگەنلىككە ئۇيغۇرلارنى قويۇپ بېرىمىز، دەيدىغان كونكرېت بىر گەپ يوق. ئەمما بۇ ئادەم ئامېرىكىدىكى ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ مۇدىرى بولۇش سۈپىتىدە بۇ گەپنى قىلىشى ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئوباما ھۆكۈمىتىدىكى ئەمەلدارلار بۇ ئىككى ھەپتىدىن بېرى ئۇيغۇرلارنى ئامېرىكىغا ئەكىلىش توغرىسىدا (جەمئىيەتنىڭ تومۇرىنى تۇتۇپ بېقىش مەقسىتىدە بولسا كېرەك) بەزى ئىستەك ئارزۇلىرىنى ئامېرىكا جەمئىيىتىگە چىۋەرلىك بىلەن ئاڭلىتىپ كېلىۋاتىدۇ. بۇ بىر ياخشى باشلىنىش. ئامېرىكىدا ھەر تۈرلۈك ئادەملەر بار، بەزىلەر گۈئەنتانامودىكىلەرنى تېرورچى، دەيدۇ. يەنە بەزىلەر 11 - سېنتەبىر ۋەقەسىگە شۇلار جاۋابكار بولۇشى كېرەك، دەيدىغانلار بار. لېكىن كۆپچىلىك ئادەملەرنىڭ ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىقى بار. ئوباما ھۆكۈمىتىدىكى ئەمەلدارلار خەلقنىڭ تومۇرىنى تۇتۇپ كۆرىۋاتقان بولسا كېرەك."
جورجى كلارك گۈئەنتانامودىكى ئۇيغۇرلاردىن ئەنۋەر ھەسەن ۋە بايىت ئابدۇرېھىملارنىڭ ئادۋوكاتى. كلارك، ئۇلارنىڭ جىسمانىي سالامەتلىك ئەھۋالى يامان ئەمەس تۇرغانلىقىنى، لېكىن ئۇلار ھەققىدىكى تۈرلىك تۇراقسىز خەۋەرلەر ئۇلارنى بىزار قىلىۋەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.
كلارك، "ئۇلار ناھايىتى بىزار بولۇپ كەتتى، ئۇلارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى يامان ئەمەس، ئۇلار تۇرىدىغان ئىگئۇئانا لاگىرى بۇ يەردىكى تۈرمىلەرنىڭ ئىچىدە بىر قەدەر ياخشىراقى. بۇ يەر يەنىلا بىر تۈرمە، لېكىن بۇ يەردە بىر قەدەر كەڭچىلىك بار. لېكىن ئۇلارنىڭ ھەقىقى مەسىلىسى ئۇلاردىكى روھى بىزارلىقتۇر. ئۇلار ھەققىدىكى ھەر خىل خەۋەرلەر ئۇلارنى ناھايىتى بىزار قىلىۋەتتى. بۈگۈن پورتۇگالىيە بىر نېمە دەيدۇ. ئەتىسى ياۋروپا ئىتتىپاقى باشقا بىر نېمە، دېگەن. گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى باشقا بىر نېمە دېسە، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى باشقا بىر نەرسە دەۋاتقان .... بۇ ئىشلار ئۇلارنى ناھايىتى بىزار قىلدى،" دەپ كۆرسەتتى.
ئەگەر گۈئەنتانامودىكى ئۇيغۇرلار ئامېرىكىغا قويۇپ بېرىلسە دۇچ كېلىدىغان 1 - مۇھىم مەسىلە ئۇلارنى قانداق قىلىپ ئامېرىكا جەمئىيىتىگە ماسلاشتۇرۇش مەسىلىسى بولۇپ قالىدۇ. دېنىس بلايىر ئۇلارنىڭ جەمئىيەتكە قايتىپ كېلىشىگە ياردەمدە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، ئۇ ": ئەگەر بىز ئۇلارنى ئامېرىكىغا قويۇپ بەرسەك، بىز ئۇلارنىڭ يېڭى ھاياتىنى باشلىشىغا ياردەمدە بولۇشىمىز لازىم." لېكىن "سىز ئۇلارنى كوچىغا قويۇپ بەرسىڭىز بولمايدۇ، " دېگەن. "كرىشتايىن ياڭ قانۇن مۇلازىمەت شىركىتى" دىكى ئادۋوكات نۇرى تۈركەل ئەپەندى گۈئەنتانامودىكىلەر قويۇپ بېرىلسە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇلارغا تۆۋەندىكى ياردەملەردە بولۇشى ناھايىتى زۆرۈر، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
نۇرى تۈركەل "ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 3 ئىشتا ئۇلارغا ياردەم بېرەلەيدۇ. بىرىنچىسى، ئۇلارنى تۈرمىدىن چىقارغاندىن كېيىن جەمىيەتتىكى نورمال بىر ئىنساننىڭ تۇرمۇشىغا كېرەكلىك بولغان تۇرالغۇ بىلەن تەمىنلىشى كېرەك. ئىككىنچى، ئۇلارنىڭ جەمىيەتكە قوشۇلۇپ، ئۇيغۇر ئامېرىكىلىقلارغا ئوخشاش جەمئىيەتكە تۆھپە قوشۇدىغان تۆھپىكار ۋەتەنداش بولۇش سالاھىيىتىگە ئېرىشىشىگە شارائىت ھازىرلاپ بېرىشى لازىم.
بۇ شەرتلەر ئۇلارغا مەنىۋى ۋە باشقا جەھەتلەردە روھى تەسەللى بېرىش، ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىش ۋە باشقا تالانت يېتىشتۈرىدىغان شارائىتلارنى ھازىرلاپ بېرىش قاتارلىقلار. ئۈچىنچى، بىزنىڭ ئۇيغۇر يىگىتلەر 7 - 8 يىلدىن بېرى ئۇرۇندى - سوقۇندى بولۇپ روھى ۋە جىسمانىي جەھەتتىن ناھايىتى ئېغىر قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلدى. ئۇلارنىڭ ھەر بىرىنى راھەتلەندۈرىدىغان، ئۇلارنىڭ ئىستىقبالىنى ئاچىدىغان يول ئۇلارنىڭ ئائىلىسىنى ئەكىلىپ بېرىش"، دەيدۇ
بلايېر، گۈئەنتانامو تۇتقۇنلىرىنىڭ دېلوسى يەنىلا كۆزدىن كەچۈرۈلۈش باسقۇچىدا كېتىۋاتقانلىقىنى، ھۆكۈمەتنىڭ "ھەر بىر تۇتقۇنغا ئايرىم ئارخىپ تۇرغۇزىۋاتقانلىقى"نى تەكىتلىگەن. بىلدۈرگەن. لېكىن ئادۋوكات جورجى كلارك، گۈئەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئامېرىكىغا ئۆچمەنلىك قىلىدۇ، دەپ قارىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
كلارك مۇنداق دەيدۇ ":مەن ئادۋوكاتلىقىنى قىلىۋاتقان ئىككى بالىنى باشقا 15 نەپەر ئۇيغۇرغا قارىغاندا ياخشى بىلىمەن. مەن 17 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ھەممىسى بىلەن پاراڭلىشىپ باقمىغان. لېكىن مەن ئادۋوكاتلىقىنى قىلغان چئەنۋەر ھەسەن ۋە بايىت ئابدۇرېھىملار بىلەن ناھايىتى كۆپ پاراڭلاشتىم. ئەلۋەتتە ئۇلار ئامېرىكىغا ئۆچمەنلىك قىلمايدۇ. ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسى ئامېرىكىنى ياخشى كۆرىدۇ. بولۇپمۇ ئەنۋەر ھەسەن ۋاشىنگتونغا كېلىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ ناھايىتى ھاياجانلانغان ئىدى. چۈنكى ئۇنىڭ ئامېرىكىدا نەۋرە تۇغقىنى بار. ئۇ ئامېرىكىغا كېلىشنى شۇنچىلىك ئارزۇ قىلىدۇ."
ئامېرىكا فېدېرال رايونلۇق سوت مەھكىمىسى 2008 - يىلى 10 - ئايدا قارار چىقىرىپ، گۈئەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى ئامېرىكىغا قويۇپ بېرىشكە بۇيرۇغان ئىدى. لېكىن ئەينى چاغدا بۇش ھۆكۈمىتى رايونلۇق فېدېرال سوتنىڭ مەزكۇر قارارىنى ئىجرا قىلىشنى توختىتىش توغرىسىدا فېدېرال ئەرزىيەت سوتىغا داۋا ئاچقان.
فېدېرال ئەرزىيەت سوتى رايونلۇق فېدېرال سوتنىڭ ھۆكۈمەتكە تۇتقۇنلارنى قويۇپ بېرىش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرۈش ھوقۇقى يوقلىقىنى سەۋەب قىلىپ، رايونلۇق فېدېرال سوتنىڭ قارارىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان ئىدى. لېكىن كرىشتايىن يوڭ قانۇن مۇلازىمەت شىركىتىدىكى ئادۋوكات نۇرى تۈركەل، ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ سايلام جەريانىدا بەرگەن گۈئەنتانامونى تاقاش، تۇتقۇنلارنى ئادىلانە بىر تەرەپ قىلىش، كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش توغرىسىدىكى ۋەدىسىدە تۇرۇش مەجبۇرىيىتى بارلىقىنى، ئۇ، ئەگەر ئوباما ھۆكۈمىتى " ئۆزى تەرغىپ قىلغان يولدا ماڭالمىسا ئۆزىنىڭكى سىياسى سەھنىدىكى مەيدانىغا دەز كېتىدىغان ئىش بار،" دەپ كۆرسەتتى.