كېيىن باراك ھۆسەيىن ئوباما چىراغىن سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق مەدەنىيەتلەر ئىتتىپاقى يىغىنغا قاتناشتى.
تۈركىيە زىيارىتىنىڭ ئىككىنچى كۈنىدە ئىستانبۇلدىكى زىيارىتىنى باشلىغان باراك ھۆسەيىن ئوباما كونراد مېھمانخانىسىدا دىنى زاتلار بىلەن ئۇچراشتى. ئىستانبۇل مۇپتىسى مۇستافا چاغرى، قاتارلىق ئىسلام دىنى، خرىستىئان ۋە يەھۇدى دىنلارنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن ئۇچرىشىپ سۆھبەتلەشتى.
4 - ئاينىڭ 7 - كۈنى ئەتتىگەن سائەتلەردە ئامېرىكا رەئىسى باراك ئوباما تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردۇغاننىڭ ھەمرالىقىدا دۇنياغا مەشھۇر ئاياسوفىيا مۇزىيى ۋە سۇلتان ئەخمەت مەسچىتىنى زىيارەت قىلدى. ئوباما ئاياسوفىيا ۋە سۇلتان ئەخمەد مەسجىدى ھەققىدە بېرىلگەن مەلۇماتلارنى دىققەت بىلەن ئاڭلىدى.
تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردۇغان ئەتتىگەن سائەت 10:35 دە ئامېرىكا رەئىسى باراك ھۆسەيىن ئوباما تۇرىۋاتقان كونراد مېھمانخانىسىغا يېتىپ كەلدى، 10:45 دە ئىككىسى بىرلىكتە مېھمانخانىدىن چىقتى ۋە ئەردۇغان ئوبامانىڭ رەسمى ماشىنىسىدا ئوباما بىلەن بىرگە ئولتۇرۇپ ئىككىسى بىرلىكتە سۇلتان ئەخمەت مەيدانىغا يېتىپ كەلدى.
ئايا سوفىيا مۇزېيغا زىيارەت
ئامېرىكا رەئىسى باراك ئوباما تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردۇغاننىڭ ھەمراھلىقىدا سائەت 11:05 ئۆتكەندە ئاياسوفىيا مۇزېينى زىيارەت قىلدى.

مۇزىيخانا مۇدىرى خالىق تۇرسۇن رەئىس ئوباماغا ئايا سوفىيا مۇزېيى ھەققىدە مەلۇمات بەردى. خالىق تۇرسۇن ئاياسوفىيا مۇزىيىسىنىڭ تارىخى، مۇنارى ۋە كېيىن مېمار سىنان تەرىپىدىن يېڭىلانغان قۇرۇلۇشلىرىنى چۈشەندۈردى.
ئاياسوفىيا مۇزېيىدا دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ ھەجىمدىكى خەت لەۋھەسى ھېسابلانغان مۇستافا ئىززەت ئەپەندى دېگەن خەتتات تەرىپىدىن يېزىلغان، ئاللاھ، مۇھەممەد، ۋە تۆت خەلىپە بىلەن ھەسەن ۋە ھۇسەيىننىڭ ئىسىملىرى يېزىلغان لەۋھەلەرگە ئوبامانىڭ ئايرىم - ئايرىم ئىنچىكىلەپ قاراشلىرى مۇخبىرلارنىڭ دىققىتىنى تارتتى.
ئاياسوفىيا مۇزېيىنى زىيارەت قىلىش جەريانىدا، مۇخبىرلارنىڭ "سىزچە ئايا سوفىيا مۇزېي قانداقراق" دېگەن سوئالىغا، "ناھايىتى كۆركەم،" دەپ جاۋاپ بەردى.
ئامېرىكا رەئىسى ئوبامانىڭ ئاياسوفىيا مۇزېيىنى زىيارەت قىلىش جەريانىدا تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەلى باباجان، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرى ئەرتۇغۇل گۈنەي قاتارلىق مىنىستىرلار ھەمرا بولدى.
تەخمىنەن 16 مىنۇت ئاياسوفىيا موزىيىنى زىيارەت قىلغان باراك ئوباما بىلەن ئەردۇغان كېيىن ئاياسوفىيا مۇزېيىدىن چىقتى، ئىستانبۇل شەھىرىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان ئاياسوفىيا موزىيى، مەشھۇر قەدىمى مەسچىتلەردىن سۇلتان ئەخمەت مەسچىتىگە يېقىن ئەتراپقا جايلاشقان بولۇپ، باراك ئوباما بىلەن ئەردۇغان پىيادە يۈرۈپ سۇلتان ئەخمەت مەسچىتىگە يېتىپ كەلدى.
سۇلتان ئەخمەت مەسچىتىنى زىيارەت
ئامېرىكا رەئىسى باراك ھۆسەيىن ئوباما، سۇلتان ئەخمەت مەسچىتىنى زىيارەت قىلدى. ئاياغلىرىنى سېلىپ مەسچىتكە كىرگەن باراك ئوباماغا ئىستانبۇل مۇپتىسى مۇستافا چاغرى ۋە مەسچىتنىڭ باش ئىمامى ئەمىرۇللا خاتىپئوغلۇ مەسچىت ھەققىدە مەلۇمات بەردى.
ئوباما مەسجىد ھەققىدە بېرىلگەن مەلۇماتلارنى ۋە مەسچىتنىڭ نەقىش چېكىلگەن گۈزەل شەكىللەرنىڭ لايىھىلەنگەن ئۇسلۇبىغا ئالاقىدار مەلۇماتلارنى دىققەت بىلەن

ئاڭلىدى.
مۇستافا چاغرى باراك ھۆسەيىن ئوباماغا مەسچىت گۈمبەزنىڭ ئىچ تەرىپىگە چوڭ ھەرپلەر بىلەن يېزىلغان 8 ئىسىم ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ بۇ ئىسىملارنىڭ، ئاللاھ، مۇھەممەد ۋە تۆت خەلىپە ئەبۇ بەكرى، ئۆمەر، ئوسمان ۋە ئەلى بىلەن پەيغەمبىرىمىزنىڭ نەۋرىلىرى ھەسەن ۋە ھۆسەيىن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئوبامانىڭ ھۆسەيىن ئىسىمنى ئاڭلىغاندا يۈزلىرىگە تەبەسسۇم كەلگەنلىكى مۇخبىرلارنىڭ دىققىتىدىن قاچمىدى.
مەزىن ئەزان ئوقۇيدىغان ئورۇن بىلەن مېھراب ھەققىدە مەلۇمات ئالغان باراك ئوباما مېھراب ئالدىدا باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردۇن، مۇستافا چاغرى ۋە ئىمام ئەمىرۇللا خاتىپئوغلۇ بىلەن بىرلىكتە مۇخبىرلارنىڭ رەسىمگە تارتىشىغا پۇرسەت بەردى.
ئوباما سۇلتان ئەخمەت مەسچىتىنىڭ گۈزەل ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەپ مۇپتى ۋە مەسچىت ئىمامىغا تەشەككۈر ئېيتىپ مەسچىتتىن يۈرۈپ كەتتى. بۇ ئارىدا باراك ئوباماغا تەرجىمانلىق قىلغان ئايال بىلەن مەسچىتكە كىرگەن يەنە بىر ئايالنىڭ بېشىغا رومال ئارتىپ كىرگەنلىكى مۇخبىرلارنىڭ دىققىتىنى تارتتى.
ئامېرىكا رەئىسى باراك ھۆسەيىن ئوبامانىڭ ئاياسوفىيا مۇزېيى بىلەن سۇلتان ئەخمەت مەسچىتىنى زىيارەت قىلىش جەريانىدا بىخەتەرلىكنى كۆزدە تۇتۇپ بۇ رايونغا كىشىلەرنىڭ كىرىشى چەكلەندى، بۇ رايوننىڭ ئەتراپىدىكى يوللار قاتناش ۋاستىلىرىغا تاقالدى. ئىستانبۇل ساقچى ئىدارىسى باشلىقى جالالىدىن جەرراھ ئۇرايۇننىڭ بىخەتەرلىك خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈردى. نۇرغۇن كىشىلەر ساقچىلار رېشاتكا قويۇپ توسقان يەردىن باراك ئوبامانى كۆرۈشكە ئۇرۇندى.
ئۇنىۋېرسىت ئۇقۇغۇچىلىرى بىلەن سۆھبەت
ئامېرىكا رەئىسى باراك ئوبامانىڭ كېيىنكى پروگراممىسى، ئۇنىۋېرسىتى ئۇقۇغۇچىلار بىلەن سۆھبەتلىشىش ئىدى. تۈركىيىنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدىكى 29 ئونىۋېرىسىتىدىن تاللانغان 99 ئوقۇغۇچى ۋە ئاخباراتچىلار بىلەن توپخانا ئامىرە يىغىن زالدا ئۇچراشتى ۋە ئوقۇغۇچىلارغا نۇتۇق سۆزلىدى.
باراك ئوباما نۇتىقىدا تۈركىيىگە زىيارەتتە كېلىشتىكى ئاساسى مەقسىتىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى:" ئامېرىكا بىلەن ئىسلام دۇنياسىنىڭ تۈپتىن بىر بىرىنى ھۆرمەتلەيدىغان بىر مۇناسىۋەتنى يېڭىدىن قۇرۇشنى خالايدىغانلىقىمىز ئۈچۈن تۈركىيىگە زىيارەتكە كەلدىم." ئوباما سۆزىنى يەنە مۇنداق داۋام قىلدى، "يېڭى توسما قۇرۇش ئورنىغا يېڭى كۆۋرۈك قۇرالايمىز، بۇ ھەقتە ئامېرىكىمۇ بىر دوست بىر قوللىغۇچى ۋە بىر ئورتاق ھەمكارلاشقۇچى بولىدۇ."
ئوباما سۆزىدە يەنە تۈركىيىگە، ئىستانبۇل شەھىرىنىڭ گۈزەل ئورۇنلىرىنى كۆرۈش ئۈچۈن ئەمەس بەلكى ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق مۇناسىۋەتلىرىنى يېڭىلاش ئۈچۈن كەلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ تۈركىيە ۋە ئامېرىكىنىڭ دوستلۇق ۋە ھەمكارلىشىشنىڭ ئۇزۇن بىر تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى ۋە ئۆتكەن يىللاردا بەزى مەسىلىلەرنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى، بەزى ۋاقىتلاردا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئورتاق مەنپەئەتنىڭ ئۇنتۇلغانلىقىنى ئىپادىلىدى.
ئوباما سۆزىدە يەنە دوستلۇقىمىزنى كۈچەيتىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ئورتاق بىر ئارزۇلىرىمىزنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئۇنتۇماسلىقىمىز لازىم، دېدى. ئوباما يەنە، توغرا، دۇرۇس، ۋە ئاكتىپ شەكىلدە ئۆز - ئارا ھۆرمەت ئۈستىگە قۇرۇلغان بىر دوستلۇقنىڭ قۇرۇلىدىغانلىقىغا ئىشەنچىسىنىڭ كامىل ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىدە يېڭى بىر دەۋرنىڭ باشلانغانلىقىنى، ئوخشاشماسلىق تەرەپلەردە چىڭ تۇرۇۋالماسلىق، ئەتراپقا خەتەرلىك توسمىلارنىڭ قۇرۇلماسلىق كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئوباما سۆزىدە يەنە، پىكىر ئوخشاشماسلىق كۆرۈلگەن زامانلاردىمۇ بىر - بىرىنىڭ كۆز - قاراشلىرىغا ھۆرمەت كۆرسىتىش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
ئوباما سۆزىدە يەنە دۇنيادىكى باشقا دۆلەتلەرگە ئوخشاش ئامېرىكىنىڭمۇ خاتالىق ئۆتكۈزگەنلىكىنى مۇكەممەل بولالىغانلىقىنى، ئەمما 200 يىلدىن بىرى تېخىمۇ بىر ياخشى ئىتتىپاق قۇرۇش تېخىمۇ ئۈمىد تولغان بىر دۇنياغا يېتىش ئۈچۈن تىرىشىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئۇباما تۈركىيىدىكى ئىنسانلار ۋە ئىسلام دۇنياسى بىلەن بىر ھەمكارلىق قۇرۇشنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: تۈركىيە ۋە ئامېرىكا دۇنيانىڭ يېڭى ئىقتىسادى ساھەسىدە تەرەققىي قىلمىغان دۆلەتلەرگە قانداق ياردەم قىلىدىغانلىقى تېخىمۇ پاراۋان بىر دۇنيانىڭ قانداق مەيدانغا كېلىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
باراك ئوباما نۇتىقىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ سورىغان سوئاللىرىغا تەپسىلى جاۋاپ بەردى. ئوباما سۇئال جاۋاپ ئەسناسىدا، يانچۇقىدىن بىر مىكروفۇننى چىقىرىپ، كىچىك بىر مىكروفۇن بار تۈركچە سۇئال سورىسىڭىز بولىدۇ، نامازغا ئەزان چىقىشتىن ئىلگىرى پروگراممىنى تۈگىتىشنى خالايمەن دەپ ئەسكەرتتى.
ئوباما ئىستانبۇلدىن ئايرىلدى
ئامېرىكا رەئىسى باراك ئوباما تۈركىيە ۋاقتى سائەت 14:20 دە تۈركىيىدىن يۈرۈپ كەتتى. ئىستانبۇل ئاتاتۈرك ئايرىدۇرۇمىدا دۆلەت مىنىستىرى مەھمەت شىمشەك، ئىستانبۇل ۋالىيسى مۇئەممەر گۈلەر، شەھەر باشلىقى قادىر توپباش، ساقچى باشلىقى جالالىدىن جەرراھ ۋە ئامېرىكىنىڭ ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلى شارون ۋېينېر قاتارلىق شەخسلەر ئامېرىكا رەئىسى باراك ھۆسەيىن ئوبامانى ئۇزىتىپ قويدى.
ئىككى كۈنلۈك رەسمى زىيارەت ئۈچۈن تۈركىيىگە كەلگەن ئامېرىكا رەئىسى باراك ھۆسەيىن ئوباما، ئىستانبۇلدىكى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ يۈرۈپ كەتتى.