ئوبامانىڭ كانادا زىيارىتى ۋە گۇئانتانامودىكى تۇتقۇنلار

ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما 19 - فېۋرال كۈنى كانادانى زىيارەت قىلىدۇ. ئاقساراينىڭ باياناتچى ۋە كانادا باش مىنىستىرى ستىپھن ھارپرنىڭ ئىشخانىسى بۇ خەۋەرنىڭ توغرىلىقىنى دەلىللىدى.

0:00 / 0:00

بۇ ئوبامانىڭ پرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىگە ئولتۇرغاندىن بۇيانقى تۇنجى چەتئەل زىيارىتىدۇر. ئوبامانىڭ بۇ زىيارىتى جەريانىدا قايسى مەسىلىلەرنىڭ نۇقتىلىق ئوتتۇرىغا قويۇلىدىغانلىقى ھەققىدە ئىككى تەرەپ رەسمىي مەلۇمات بەرمىدى.

ئەمما كانادا مەتبۇئاتلىرى، ئوباما ۋە ستىپھن ھارپر ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەتنىڭ ئىقتىسادى كرىزىس، ئېنېرگىيە، سودا ۋە گۈەنتانامودىكى تۇتقۇنلار قاتارلىق مەسىلىلەرگە مەركەزلىشىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

ئۇيغۇرلار بولسا، ئىككى دۆلەت رەھبىرى ئوتتۇرىسىدىكى بۇ سۆھبەتتە گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇر تۇتقۇنلار مەسىلىسىنىڭ يەر ئالىدىغانلىقىدىن ئۈمىدۋار.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى تەپسىلى مەلۇماتىمىزنى ئاڭلايسىلەر.