باراك ئوباما جون كېررىينى دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقىغا كۆرسەتتى
2012.12.21
ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما بۈگۈن دېموكرات دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى جون كېررىينى ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقىغا نامزات قىلىپ كۆرسەتتى. ھازىرقى ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى ھىللارىي كىلىنتون ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق ۋەزىپە ئۆتەش مەزگىلىدە ئۆزىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنى داۋاملاشتۇرمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئورنىغا چىقىدىغان نامزاتلار تاللىنىشقا باشلىغان ئىدى. دەسلەپتە ئامېرىكىنىڭ ب د ت دىكى دائىمىي ۋەكىلى سۇسان رايسنىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنغان بولسىمۇ، ئەمما جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ بۇنىڭغا قارشى چىقىشى بىلەن سۇسان رايس نامزاتلىقتىن چېكىنگەن ئىدى. بۈگۈن ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما جون كېررىينىڭ ئىسمىنى رەسمىي ئېلان قىلدى.
بۇ يىل 69 ياشقا كىرگەن جون كېررىي پىشقەدەم ۋېيتنام ئۇرۇشى جەڭچىسى بولۇپ، ئۇ ھازىر ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ باشلىقى. ئۇ 2004 - يىلى پرېزىدېنتلىق سايلىمىغا چۈشكەن. ئەمما سايلامدا جۇمھۇرىيەتچى نامزات جورج بۇشقا ئۇتتۇرۇپ قويغان ئىدى.
جون كېررىي ئۇزۇن يىللىق دىپلوماتىيە تارىخىغا ئىگە بىر كىشى بولۇپ، ئۇ دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى مەزگىلىدىمۇ ناھايىتى ئاكتىپ بىر سىياسەتچى بولغان. ئۇ پاكىستان، غازا ۋە سۈرىيىلەرنىمۇ زىيارەت قىلغان. ئۇ تاشقى سىياسەتتە مۆتىدىللىكى بىلەن تونۇلىدىغان كىشى بولۇپ، ھەرۋاقىت دۆلەتلەر ئارا ئىتتىپاقلىق ۋە كېلىشىش تەرەپدارى بولۇپ كەلگەن. مەسىلەن، بۇ ھەقتە مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنىۋاتقان مۇلاھىزىلەردە ئېيتىلىشىچە، سۈرىيىدە كرىزىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە يەنى بەشەر ئەساد پۇقرالارنى قىرىشقا باشلاشتىن ئىلگىرى، ئۇ بەشەر ئەسادنىڭ خەلقنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سېلىپ، دۆلەتتە ئىسلاھات ئېلىپ بارىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى قايتا - قايتا تىلغا ئالغان. ئەمما بەشەر ئەسەد كۈتكەن يەردىن چىقمىغاندىن كېيىن، ئۇ پوزىتسىيىسىنى ئۆزگەرتىپ، سۈرىيىدە بىخەتەر رايون بەرپا قىلىشنى ۋە ئۆكتىچىلەرنى قوراللاندۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىشقا باشلىغان. ئۇ ھەم لىۋىيە ئاسمىنىدا ئۇچۇش چەكلەنگەن رايون بەرپا قىلىشقا قارشى چىققۇچىلارنىڭ بىرى ئىدى.
پرېزىدېنت ئوباما جون كېررىينىڭ نامزاتلىقىنى چۈشتىن كېيىن سائەت بېر يېرىم ئەتراپىدا ئېلان قىلدى. ئۇ سۆزىدە ئالدى بىلەن ئۆتكەن 4 يىل ئىچىدە ئامېرىكىنىڭ ئىلگىرى يىللارغا قارىغاندا تېخىمۇ كۈچلۈك، تېىخمۇ بىخەتەر ۋە خەلقئارادىمۇ ھۆرمىتىنىڭ ئاشقانلىقىنى بىلدۈردى ۋە بۇنى ئەلۋەتتە بۇ 4 يىل جاپالىق خىزمەت قىلغان ھىللارىي كىلىنتون خانىمنىڭ تۆھپىسىدىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۇنىڭغا ئالاھىدە تەشەككۈر ئېيتتى.
ئاندىن ئوباما سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «مەن بۇ نۆۋەتلىك ھۆكۈمەت مەزگىلىدە دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ۋەزىپىسىگە ئۆزەمنىڭ جون كېررىينى كۆرسىتىدىغانلىقىمنى ناھايىتى پەخىرلەنگەن ھالدا ئېلان قىلىمەن» دېدى. ئۇ جون كېررىينىڭ ئۇزۇن يىلدىن بېرى دىپلوماتىيە ساھەسىدە خىزمەت قىلغان، تەجرىبىلىك شەخس ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئۆز خىزمىتى ۋە كۆرسەتكەن تۆھپىلىرى بىلەن ۋە ھەم دېموكراتىك، ھەم جۇمھۇرىيەتچى ئەزالارنىڭ ئوخشاشلا ھۆرمىتىگە سازاۋەر بىر كىشىلىكىنى بىلدۈرۈپ، جون كېررىينىڭ بۇندىن كېيىنكى ئامېرىكا دىپلوماتىيىسىنى ئېلىپ بېرىشقا ئەڭ مۇۋاپىق نامزاتلىقىنى ئەسكەرتتى.
ئوباما ئامېرىكىنىڭ ئالدىدا نۇرغۇن رىقابەتلەر بولسىمۇ، ئامېرىكا ھەر ۋاقىت ئۆزىنىڭ قىممەت قارىشىدا چىڭ تۇرغان ئاساستا ھەرقانداق رىقابەتنى يېڭىپ، مەڭگۈ كۈچلۈك دۆلەت بولۇشنى داۋام قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقى، ھەم ئۆزىگە قوشۇلغان بۇ يېڭى سەپداشلىرىنىڭ سايىسىدە بۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىشەنچىسىنىڭمۇ يۇقىرىلىقىنى بىلدۈردى.
خەۋەرلەردىن قارىغاندا، جون كېررىي دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى بولغان تەقدىردە، ئۇ ئامېرىكىنىڭ سۈرىيە كرىزىسىنى قانداق ھەل قىلىدىغانلىقى، يۈكسېلىۋاتقان خىتايغا قانداق پوزىتسىيە تۇتۇدىغانلىقى ۋە ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىگە ئوخشاش بىر قاتار سۇئاللارغا دۇچ كېلىدىغانلىقى مەلۇم. ئۇ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەردە ئامېرىكا - خىتاينىڭ ھەر جەھەتتىن ھەمكارلىقىنى تەشەببۇس قىلىپ كەلگەن شەخس بولسىمۇ، ئەمما بۇ يىلنىڭ بېشىدا ئۇ خىتاينىڭ ئامېرىكا شېركەتلىرىنىڭ ئۇچۇر سېستىسىغا ھۇجۇم قىلىپ، مەخپىيەتلىكلىرىنى ئوغرىلاش ۋەقەسى ئاشكارىلانغاندا خىتاينى قاتتىق تەنقىد قىلغان. ئۇ خىتاينىڭ ئىنتېرنېت ھۇجۇملىرى، جاسۇسلۇق ۋە تېخنىكا ئوغرىلىقىغا ئوخشاش نۇرغۇن مەسىلىلىرىنى تىلغا ئېلىپ، ئامېرىكا - خىتاي ئارىسىدىكى سۆھبەتلەردە بۇ مەسىلىلەرنىڭ چوقۇم ھەل قىلىنىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، جون كېررىينىڭ نامزاتلىقى دۆلەت مەجلىسىدە ئاۋازغا قويۇلىدۇ. ئەگەر ئۇ يېتەرلىك ئاۋازغا ئېرىشكەن تەقدىردە، ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى بولىدۇ. ئەمما، ئۇنىڭ دۆلەت مەجلىسىدە ھېچقانداق توسالغۇغا ئۇچرىمايدىغانلىقى، جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭمۇ ئۇنى قوللايدىغانلىقى يۈزدە - يۈز دەپ قارالماقتا.