ئوباما نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنى تاپشۇرۇۋالدى

ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما پەيشەنبە كۈنى، 10 - دېكابىر، نورۋېگىيە پايتەختى ئوسلودا نوبېل مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمىغا قاتنىشىپ، تىنچلىق مۇكاپاتىنى تاپشۇرۇۋالدى. ئۇ، مۇكاپات تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمىدىكى نۇتقىدا ئۆزىنىڭ "ئەرزىگۈدەك" بىر نەتىجە قازانمىغانلىقىنى بىلدۈردى شۇنداقلا ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندىكى ئۇرۇشىنى ئاقلىدى.

0:00 / 0:00

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بولسا ئوبامانىڭ كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدىكى ئىش ئىزلىرىغا شۈبھى بىلەن قارىماقتا.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما پەيشەنبە كۈنى، نورۋېگىيە پايتەختى ئوسلودىكى نوبېل مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ، نوبېل كومىتېتىنىڭ ناھايىتى كۆپ تالاش - تارتىش قوزغىغان بۇ قېتىمقى تىنچلىق مۇكاپاتىنى ناھايىتى كەمتەرلىك بىلەن قوبۇل قىلدى.

ئوباما، "دۇنيا سەھنىسىدىكى خىزمىتى"نىڭ باشلانغۇچ نۇقتىسىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، "مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، مەن دۇنيا سەھنىسىدىكى خىزمىتىمنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىدا ئەمەس، بەلكى باشلانغۇچ نۇقتىسىدا تۇرماقتىمەن. مېنىڭ نەتىجەم ئىلگىرى بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن شۋېتزېر، كىڭ، مارشال ۋە ماندىلاغا ئوخشاش بۈيۈكلەرگە سېلىشتۇرغاندا ئەرزىگۈدەك ئەمەس" دەپ كۆرسەتتى.

ئوباما نوبېل مۇكاپاتى تارىخىدىكى ئۇرۇش مەزگىلىدە نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن تۇنجى دۆلەت رەھبىرى بولۇپ، ئۇ مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىدىكى سۆزىدە بۇ مەسىلىنى تىلغا ئالدى. ئوباما تالىبان ۋە ئەل -قائىدىگە قارشى ئۇرۇشنىڭ ئامېرىكا خالاپ قوزغىغان ئۇرۇش ئەمەسلىكى، بۇ ئامېرىكىنىڭ 2001 - يىلى 11 - سېنتەبىردە يۈز بەرگەن نيۇ -يورك ۋە ۋاشىنگتوندىكى تېررورلۇق ھۇجۇمغا قايتۇرغان ئىنكاسى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى. ئوباما مۇنداق دەيدۇ" : بىز ئۇرۇش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىمىز. شۇنداقلا مەن مىڭلىغان ياش ئامېرىكىلىقلارنى يىراق بىر زېمىنغا ئەۋەتىپ، ئۇرۇش قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئىجرا قىلىۋاتىمەن. بەزىلەر ئۆلىدۇ، بەزىلەر ئۆلتۈرۈلىدۇ. شۇڭا مەن بۇ يەرگە قوراللىق توقۇنۇشنىڭ بەدىلى قانداق بولىدىغانلىقىغا ئائىت ناھايىتى سەزگۈر بىر تۇيغۇ بىلەن كەلدىم. بۇ تۇيغۇ ئۇرۇش بىلەن تىنچلىقنىڭ مۇناسىۋىتىگە ھەمدە بىرى يەنە بىرىنىڭ ئورنىنى ئالىدىغان قىيىن سوئاللارغا دائىر بىر تۇيغۇدۇر."

ئوباما 1964 ‏ - يىلدىكى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى مارتېن لۇتىر كىڭ باشچىلىقىدىكى زوراۋانلىقسىز يولىدا ھېچقانداق ئاجىزلىق يوقلۇقى، لېكىن بۇنىڭ بىردىن -بىر يول بولالمىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئۆزىنىڭ ئامېرىكا خەلقى دۇچ كەلگەن تەھدىت ئالدىدا ئامالسىز قاراپ تۇرالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، "زوراۋانلىقسىز بىر ھەرىكەت گىتلېر ئارمىيىسىنى توسۇپ قالالمايتى. سۆھبەت ئەل‏ -قائىدىنى قورال تاشلاشقا قايىل قىلالمايتتى. بەزى چاغدا قورال كۈچىنى زۆرۈر، دەپ قاراش ئۈمىدسىزلىكنى تەشەببۇس قىلغانلىق ئەمەس. بۇ تارىخنى تونۇش، ئىنساننىڭ تاكامۇلسىزلىقى ۋە سەۋەبنى بىلىش ئىقتىدارىدىكى چەكلىمىنى ئىپادىلەيدۇ،" دەيدۇ.

پرېزىدېنت ئوباما ئوسلودىكى مۇكاپات تارقىتىش يىغىنىغا قاتنىشىدىغان ھارپا كۈنى، مەركىزى لوندون ۋە نيۇ -يوركتىكى ئىككى چوڭ خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى بايانات ئېلان قىلىپ، ئوبامانىڭ كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدىكى تىرىشچانلىقىغا شۈبھىلىك باھا بەرگەن.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئامېرىكا بۆلۈمىنىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى لاررىي كوكس، ئوبامانى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە كۆز يۇمۇپ، خىتايغا يېتەرلىك بېسىم ئىشلەتمەسلىك بىلەن ئەيىبلىگەن.

"ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى"نىڭ 10 - دېكابىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، لاررىي كوكس، "ئوباما، نوبېل مۇكاپاتى ساھىبى ئاڭسەن سۇكيىنىڭكىگە ئوخشاش بەزى مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى يېتەرلىك دەرىجىدە قەتئىيلىك بىلەن ئوتتۇرىغا قويمىدى. بۇ مەسىلە باشقا ئېھتىياجلار سەۋەبى سۆزلەشكە تېگىشلىك يەردە سۆزلەنمىدى"دېگەن.

مەزكۇر گېزىتنىڭ خەۋىرىدە يەنە، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى كاررول بوگېرت، ئوباما ھۆكۈمىتىدە ئامېرىكا كىشىلىك ھوقۇقنى تەكىتلەشنى ئازايتسا، ئامېرىكىنىڭ خەلقئارا مەسىلىلەردە ئوينايدىغان رولى كۈچىيىدۇ، دەيدىغان قاراش بارلىقىنى ئەسكەرتىپ، "كىشىلىك ھوقۇقنى ئوتتۇرىغا قويسا ئامېرىكىنىڭ ئورنى ئاجىزلايدۇ، دەيدىغان بۇ قاراش خاتا بىر ھۆكۈمدۇر. بۇ مەسىلىدە سۈكۈت قىلىش ئوبامانى ئاجىز كۆرسىتىۋاتىدۇ" دەپ تەكىتلىگەن.

ھالبۇكى، ئوباما نوبېل مۇكاپاتىنى تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمىدىكى سۆزىدە ئۆزىنىڭ ئىستىبدات دۆلەتلەر بىلەن ئالاقە قىلىش سىياسىتىنى ئاقلاپ، بۇ دۆلەتلەرگە يېڭى بىر يولدا مېڭىشى ئۈچۈن ئىشىكنى ئېچىش كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئوباما مۇنداق دەيدۇ" :كىشىلىك ھوقۇقنى ئىلگىرى سۈرۈش، يالغۇز ئېلىپ بارغىنى بولىدىغان نەرسە ئەمەس. بۇ ۋاقىت سەرپ قىلىش ۋە دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلارنى تەلەپ قىلىدۇ. مەن شۇنى بىلىمەنكى زومىگەر ھاكىمىيەتلەر بىلەن بولغان مۇئامىلىدە غەزەپ نەپرەتكە تايانغىلى بولمايدۇ. دىئالوگ ئېلىپ بارماي ئېمبارگو قويۇش، سۆھبەت ئېلىپ بارماي تەنقىد قىلىش ئۈنۈملۈك نەتىجىدە بەرمەيدۇ."