پرېزىدېنت باراك ئوباما: قەيەردە كىشىلەر ئەركىنلىك ئىزدەيدىكەن، ئامېرىكا ئۇلارنىڭ دوستى

پرېزىدېنت ئوبامانىڭ نۇتقى بىر قىسىم ئامېرىكىلىقلاردا ئامېرىكىنىڭ لىۋىيىدىكى ھەربىي ھەرىكىتىگە نىسبەتەن سوئال پەيدا بولۇۋاتقان ۋە لىۋىيىدىكى قوزغىلاڭچى خەلق كازافىي قىسىملىرى ئۈستىدىن غەلىبە قىلىۋاتقان مەزگىلگە توغرا كەلدى.

0:00 / 0:00

پرېزىدېنت ئوباما نۇتقىنى ئامېرىكا ئەسكەرلىرىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش بىلەن باشلىدى.

ئوباما ئالدى بىلەن ئامېرىكىنىڭ دۇنيادىكى توقۇنۇشلارنى ھەل قىلىش خاسلىقى ئۈستىدە توختالدى ۋە نەچچە ئەۋلادتىن بېرى ئامېرىكىنىڭ دۇنيا تىنچلىقى ۋە كىشىلىك ئەركىنلىكىنى قوغداشتا تايانچ كۈچلۈك رول ئويناپ كەلگەنلىكى، ھەربىي ھەرىكەتلەرنىڭ چىقىمى ۋە خەتىرىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئامېرىكىنىڭ دۇنيادىكى كۆپلىگەن رىقابەتلەرنى ھەربىي كۈچ بىلەن ھەل قىلىشقا ئالدىراپ كەتمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ، ئامېرىكىنىڭ لىۋىيىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەربىي ھەرىكەتلىرىنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدە توختالدى ۋە مۇنداق دېدى: ھالبۇكى، مەنپەئىتىمىز ۋە قىممەت قارىشىمىز تەھدىتكە ئۇچرىغاندا، بىزنىڭ ھەرىكەت قوللىنىش مەجبۇرىيىتىمىز بار. ئۆتكەن 6 ھەپتىدىن بۇيان لىۋىيىدە يۈز بەرگەن ۋەقەلەرمۇ دۆلەت مەنپەئىتىمىزگە تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغان ۋەقەلەر ئىدى.

2010-يىلى 17-دېكابىر، تۇنىستا پارتلاپ غەلىبىگە ئېرىشكەن «ياسىمەن ئىنقىلابى» مىسىر، يەمەن ۋە لىۋىيە قاتارلىق ئەرەب ئەللىرىگە تۇتاشقان ئىدى. مىسىردىكى ئىنقىلاب مۇبارەكنىڭ ئىستېپا بېرىشى بىلەن خاتىمىلەنگەن بولسىمۇ، لىۋىيە پرېزىدېنتى كازافىي 2011-يىلى 15-فېۋرالدىن بۇيان نامايىشچىلارنى باستۇرۇشقا باشلىغان.
نامايىش قوزغىلاڭ تۈسىنى ئالغاندىن كېيىن، قوزغىلاڭچىلار لىۋىيىنىڭ بېنغازى شەھىرىگە توپلانغان. كازافىي ئارمىيىسى قوزغىلاڭچىلارغا زەربە بېرىش ئۈچۈن شەھەرنى مۇھاسىرىگە ئالغان ۋە شەھەرگە ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىنغان ئىدى.

ئوباما، يۇقىرىقى ۋەقەلەرنى بىر قاتار ئەسلەپ ئۆتكەندىن كېيىن، ئەينى چاغدا لىۋىيىدىكى ھۆكۈمەتكە قارشى كۈچلەر ۋە ئەرەب ئىتتىپاقى دۇنياغا مۇراجىئەتنامە قىلىپ، لىۋىيىدە قىرغىنچىلىق يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى ئۆتۈنگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئەگەر بىز يەنە بىر كۈن كۈتكەن بولساق، ئامېرىكىنىڭ چارلوت شەھىرى چوڭلۇقىدىكى بېنغازى شەھىرى، پۈتۈن ئوتتۇرا شەرق رايونىدا ئەكس سادا پەيدا قىلىدىغان ۋە پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ۋىجدانىغا داغ تەگكۈزىدىغان قىرغىنچىلىقتىن ئېغىر ھالسىرىغان بولاتتى.

دەرۋەقە، كازافىي ئارمىيىسى قوزغىلاڭچىلارنى قىرغىن قىلىشنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرگەندىن كېيىن، 18-مارت بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى 1973-نومۇرلۇق قارارنى ماقۇللاپ، كازافىي ئارمىيىسىنىڭ لىۋىيىدە ئۇچۇشىنى چەكلەش چارىسىنى يولغا قويغان ئىدى.

پرېزىدېنت ئوباما لىۋىيىدىكى قىرغىنچىلىق، بىرلەشكەن دۆلەت تەشكىلاتىنىڭ مەزكۇر قارارى ۋە ئۆزىنىڭ ھەربىي بۇيرۇقى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: بۇنىڭ يۈز بېرىشىگە يول قويۇش، بىزنىڭ دۆلەت مەنپەئىتىمىزگە ئۇيغۇن ئەمەس. مەن بۇ ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىشىگە قاراپ تۇرالمىدىم. شۇڭلاشقا 9 كۈن مۇقەددەم، دۆلەت مەجلىسى بىلەن باش قوشقاندىن كېيىن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 1973-نومۇرلۇق قارارىنى ئىجرا قىلىشى ۋە قەتلىئامنى توختىتىش ئۈچۈن ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىش بۇيرۇقى بەردىم.

پرېزىدېنت ئوباما نۇتقىدا، 1990 يىللاردا بوسنىيە خەلقى ۋەھشىيلىككە ئۇچرىغاندا خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ بۇنىڭغا قارىتا ئىنكاس قايتۇرۇشى ئۈچۈن بىر يىل كەتكەنلىكى، بۇ نۆۋەت لىۋىيىدىكى قىرغىنچىلىقىنىڭ ئالدىن ئېلىش قارارىنى 31 كۈندە تەييار قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

پرېزىدېنت ئوباما نۇتقىدا ئامېرىكىنىڭ ئىنسانىي مەجبۇرىيىتى ھەققىدىمۇ توختالدى. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: دۇنيادىكى يېتەكچى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ئامېرىكىنىڭ مەجبۇرىيەتلىرىدىن باش تارتىشىمىز، تېخىمۇ چوڭقۇرراق قىلىپ ئېيتقاندا، باشقا ئىنسانلار مۇشۇنداق ئەھۋالغا يولۇققاندا مەجبۇرىيىتىمىزدىن باش تارتىشىمىز بىزنىڭ كىم ئىكەنلىكىمىزگە قىلىنغان ئاسىيلىق بولىدۇ.

پرېزىدېنت ئوباما يەنە، ئامېرىكىنىڭ قىممەت قارشى جەھەتتە باشقا دۆلەتلەرگە ئوخشىمايدىغان تەرەپلىرىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: بەلكىم بەزى دۆلەتلەر، باشقا دۆلەتلەردە يۈز بېرىۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرگە كۆز يۇمالىشى مۇمكىن. ئەمما، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ئۇلارغا ئوخشىمايدۇ. مەن ئۇنىڭ پرېزىدېنتى بولۇش سۈپىتىم بىلەن قەتلىئاملار ۋە ئادەملەر توپ-توپ كۆمۈلۈش ۋەقەلىرىنىڭ يۈز بېرىشىنى كۈتۈپ تۇرۇشىنى قەتئىي قوبۇل قىلالمايمەن.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە ئەزا دۆلەتلەر لىۋىيىگە قارشى ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىش توغرىسىدا بېلەت تاشلىغاندا خىتاي ۋە رۇسىيە ئاۋاز بېرىشتىن ۋاز كەچكەن ئىدى. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، ئوباما بۇ يەردە خىتاي بىلەن رۇسىيىنى كۆزدە تۇتقان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

ئوباما نۇتقىدا ئامېرىكىنىڭ دۆلەت باشقۇرۇش پرىنسىپى، ئوتتۇرا شەرقتىكى تارىخىي ئۆزگىرىشلەر ھەققىدىمۇ توختالدى ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدايدىغان دۆلەتلەرنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: مەن شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، بۇ ئۆزگىرىش دەقىقىلىرىنى چېكىندۈرگىلى بولمايدۇ ھەمدە بىز، ئامېرىكىلىقلارنى نۇرغۇن بوران-چاپقۇنلاردىن بىخەتەر ئۆتكۈزگەن ئاشۇ نېگىزلىك پرىنسىپلارغا: يەنى بىزنىڭ ئۆز خەلقىگە زوراۋانلىق قىلغۇچىلارغا قارىشى ئىكەنلىكىمىز، ئۆزىنى ئىپادىلەش ئەركىنلىكى ۋە ئۆز باشلىقىنى ئۆزى تاللاش ئەركىنلىكىدىن تەركىب تاپقان ئۇنىۋېرسال كىشىلىك ھوقۇقنى ئەمەلگە ئاشۇرغۇچىلارنى ھەمدە ئۆز خەلقنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرىغا تولۇق قۇلاق سالىدىغان ھۆكۈمەتلەرنى قوللايدىغانلىقىمىزدىن ئىبارەت نېگىزلىك پرىنسىپلارغا ئىشىنىدىغانلار بىلەن قەتئىي بىر سەپتە تۇرىمىز.

ئوباما يەنە مۇنداق دېدى: بىز ئەركىنلىككە تەشنا بولغانلارنىڭ كۈرەشلىرىدىن تۇغۇلغانمىز. بىز ئوتتۇرا شەرق ۋە شىمالىي ئافرىقىدىكى ياشلارنىڭ يول باشلاۋاتقانلىقىدەك تارىخىي ئىلگىرىلەشلەرنى قارشى ئالىمىز. چۈنكى قەيەردە كىشىلەر ئەركىنلىك ئىزدەيدىكەن، ئامېرىكا ئۇلارنىڭ دوستى. ئەڭ ئاخىرىدا، بۇ ئىشەنچ، بۇ غايە ئامېرىكا يېتەكچىلىكىنىڭ ھەقىقىي ئۆلچىمىدۇر.

پرېزىدېنت ئوباما ئاخىرىدا ئامېرىكا دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدا ئېلىپ بارغان ۋە ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەربىي ھەرىكەتلەر ھەققىدە چۈشەنچە بېرىپ مۇنداق دېدى: بىز شۇنى ئېسىمىزدىن چىقارماسلىقىمىز كېرەككى، بىز نەچچە ئەۋلادتىن بۇيان ئۆز خەلقىمىزنى ۋە شۇنداقلا دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكىلەرنىمۇ جان تىكىپ قوغدىدۇق. بىز، ئەگەر يەنىمۇ كۆپلىگەن ئادەملەر ئەركىنلىك ۋە ئىنسانىي قەدرى-قىممەت نۇرىغا چۆمۈلۈپ ياشىيالىسا، ئۆز كەلگۈسىمىز بىخەتەر، تېخىمۇ پارلاق بولىدۇ، دەپ ئىشەنگەچكە شۇنداق قىلغان ئىدۇق.

ئوباما نۇقتىنىڭ ئاخىرىدا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئامېرىكا ھەربىي خادىملىرىغا مىننەتدارلىق بىلدۈردى ۋە نۇتقىنى مۇنداق خىتابلار بىلەن ئاياغلاشتۇردى: بىز پەقەت ئۆز دۆلىتىمىزنىڭ كەلگۈسىگىلا ئەمەس، بەلكى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئەركىنلىككە تەشنا بولغان بارلىق كىشىلەرنىڭ كەلگۈسىگە ئىشەنچ ۋە ئۈمىد بىلەن باقايلى.

بۇ پرېزىدېنت ئوبامانىڭ لىۋىيە ھەققىدە بەرگەن ئەڭ تولۇق نۇتۇقلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنىڭ نۇتقى گۈلدۈراس ئالقىش سادالىرى ئىچىدە ئاياغلاشتى.