ئوبامانىڭ سالامەتلىك سۇغۇرتا ئىسلاھاتى مۇھىم ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتتى

ئامېرىكىنىڭ سالامەتلىك سۇغۇرتا سىستېمىسىدا ئىسلاھات ئەپ بېرىش مەقسەت قىلىنغان قانۇن لايىھىسىدە تۈنۈگۈن كېلىشىم ھاسىل قىلىندى. قانۇن لايىھىسىگە دائىر تالاش - تارتىشلارنى ئاياغلاشتۇرۇش ئۈچۈن مەزكۇر قانۇن لايىھىسى ئاۋازغا قويۇلغان بولۇپ، نەتىجىدە لايىھە يېتەرلىك ئاۋازغا ئېرىشىپ قوبۇل قىلىندى.

0:00 / 0:00

ئامېرىكا پرېزىدېنتى بۇنى خەلقنىڭ غەلىبىسى دېدى. تۆۋەندە بۇ ھەقتە مۇخبىرىمىز ئىرادە تەپسىلى مەلۇمات بېرىدۇ.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوبامانىڭ ئەڭ مۇھىم ئىش پىلانلىرىدىن بىرى دەپ قارىلىۋاتقان سالامەتلىك سۇغۇرتىسى ئىسلاھات پىلانى تۈنۈگۈن مۇھىم بىر ئۆتكەلدىن ئۆتتى. يەنى ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىدا 58 دېموكرات ۋە ئىككى مۇستەقىل ئەزانىڭ ئاۋاز بېرىشى بىلەن قانۇن لايىھىسىگە دائىر تالاش - تارتىشلارنى توختىتىش توغرىسىدا قارار چىقتى.

بۇنىڭ بىلەن ئىسلاھاتقا قارشى تۇرۇۋاتقان جۇمھۇرىيەتچىلەر قانۇن لايىھىسىنىڭ ئاۋازغا قويۇلۇشىغا توسالغۇلۇق قىلالمايدىكەن. بۇ، قانۇن لايىھىسىنىڭ مۇھىم بىر ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، قوبۇل قىلىنىشقا ئاساس سېلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر لايىھە روژدېستۋو بايرىمىدىن ئاۋۋال ئاۋازغا قويۇلىدىكەن.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما قارار چىققاندىن كېيىن قىلغان سۆزىدە بۇنى " ئامېرىكا خەلقىنىڭ غەلىبىسى" دەپ ئاتىدى ۋە كېڭەش پالاتا ئەزالىرىغا رەھمەت ئېيتتى.

ب ب س نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، دېموكرات ئەزا توم ھاركىن بۇ ھەقتە توختۇلۇپ: "بىز بۇ قانۇن لاھىيىسىنى روژدېستوۋ بايرىمىدىن ئاۋال ئاۋازغا قويۇمىز. بۇ ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئامېرىكا خەلقىگە بايرامدا قىلغان ئەڭ ياخشى سوۋغىتى بوپقالغۇسى،" دېدى.

دۇنيادىكى باشقا تەرەققىي قىلغان غەرب ئەللىرىنىڭ ئەكسىچە ئامېرىكا ئۆز پۇقرالىرىنى ھەقسىز داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بىلەن تەمىنلىمەيدۇ. ئامېرىكىدا سالامەتلىك سۇغۇرتىسى شەخسى شىركەتلەر تەرىپىدىن تەمىنلىنىدىغان بولۇپ، ئامېرىكىدا داۋالىنىش راسخوتلىرىنىڭ ۋە سۇغۇرتا ھەقلىرىنىڭ يۇقىرىلىقى ناھايىتى جىددىي بىر مەسىلە بوپقالغان ئىدى. جۈملىدىن، ئەگەر ئوباما ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقان سالامەتلىك سۇغۇرتىسى ئىسلاھات پىلانى ئىشقا كىرىشىپ قالسا ئامېرىكىدا شۇ تاپتا سۇغۇرتىسىز ياشاۋاتقان 31 مىليون ئامېرىكىلىق سۇغۇرتىغا ئېرىشىدۇ.

قانۇن لايىھىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئەگەر قانۇن يولغا قويۇلسا سۇغۇرتا شىركەتلىرىنىڭ باھانە كۆرسىتىپ كېسەللەرنى سۇغۇرتىغا قوبۇل قىلىشىنى رەت قىلىشى چەكلىنىدۇ، يوقسۇل كىشىلەر دۆلەت ياردىمى ئارقىلىق سۇغۇرتىدىن بەھرىمان بولىدۇ.

قانۇن لايىھىسى بويىچە يەنە، 2014 - يىلىدا ئامېرىكىدا دۆلەت سۇغۇرتىسى بەرپا قىلىش ئارقىلىق، شەخسى سۇغۇرتىلارنىڭ باھاسى كونترول قىلىنىدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا يەنە زور كۆلەملىك شىركەت ئىشچىلىرىمۇ چوقۇم سۇغۇرتىغا ئەزا بولۇشى كېرەك ئىكەن.

سالامەتلىك سۇغۇرتا قانۇنىنى ئىسلاھاتى ئەلۋەتتە نۇرغۇن مۇنازىرىلەرگە دۇچ كەلمەكتە. جۇمھۇرىيەتچى ئەزالارمۇ مەزكۇر ئىسلاھاتنىڭ ئېلىپ بېرىلىشىغا قاتتىق قارشىلىق قىلماقتا. ئۇلار بۇ ئىسلاھاتنىڭ دۆلەتنىڭ خەلق ئۈستىدىكى كونتروللۇقنى ئاشۇرۇۋېتىدىغانلىقىنى، بۇنىڭغا كېتىدىغان راسخوتنىڭ كىشىلەرنىڭ زىممىسىدىكى باج يۈكىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇۋېتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. ئەمما ئوباما بولسا خەلقتىن بىر تىيىنمۇ ئارتۇق باج ئالمايدىغانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى ئېيتماقتا.

بىز بۇندىن بۇرۇن ئىشلىگەن پروگراممىمىزدا كولومبىيە ئۇنۋېرسىتىتىدىكى تىببىي پەنلەر دوكتورى مەمتىمىن ئەپەندى بىزنىڭ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مەزكۇر تالاش - تارتىشلارغا بولغان چۈشەنچىسىنى بايان قىلىپ ئۆتكەن ئىدى. ئۇ ئامېرىكىنىڭ ھازىرقى سۇغۇرتا سېستىمىسىدا ئىسراپچىلىقنىڭ ئىنتايىن ئېغىرلىقىنى، ھەر يىلى دۆلەت غەزىنىسىىدىن نۇرغۇن پۇلنىڭ بۇنىڭغا چىقىپ كېتىۋاتقانلىقىنى، شۇڭا ئوبامانىڭ پىلانىنى يولغا قويغان تەقدىردە خەلقنىڭ زىممىسىدىكى يۈكنىڭ ئارتىپ كېتىشىنى ئېھتىمالغا يېقىن دەپ قارىمايدىغانلىقىنى ئىپادە قىلغان ئىدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.