شۇنىڭدىن كېيىن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى 3 كۈن ئىچىدە 5 قېتىم بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىغا نارازىلىق بىلدۈردى. تەيۋەندە داۋاملىشىۋاتقان ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلامدا بولسا، گومىنداڭ پارتىيىسى ناھايىتى زور مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىدى. ئەمدى بۈگۈن خىتاي باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سېستىمىسىغا قارشى سىناق ئېلىپ باردى. ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ ئوبزورچىسى، ھازىر تەيۋەندە تۇرۇۋاتقان لىن باۋخۇا ئەپەندى بۇ ھەقتە مۇلاھىزە ئېلان قىلدى.
ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما 1 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، ئامېرىكىنىڭ ئەلقائىدىگە قارشى ئۇرۇشقا ئاتلانغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىنلا، ئامېرىكىنىڭ تەيۋەن جەمئىيىتى شۇ كۈنى كېچىدە تەيبېيدە، ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئە كۆرۈش سېستىمىسى سېتىپ بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى. مۇلاھىزىچىلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ، يېڭى ۋەزىيەتتە، ئامېرىكىنىڭ تەيۋەننى ئۆزىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا تاقابىل تۇرۇش سېستىمىسىغا كىرگۈزگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.
بوشۈن تور گېزىتىنىڭ بايان قىلىشىچە، تەيۋەننىڭ ئامېرىكىنىڭ ئىلغار قوراللىرىغا ئىگە بولۇۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تاپقان خىتاي بۇنىڭغا قارىتا، 3 كۈن ئىچىدە 5 قېتىم بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىغا نارازىلىق بىلدۈردى. خىتاي ئېلان قىلغان بۇ باياناتلارنىڭ ھەممىسىدە، ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە قورال سېتىشىنى دەرھال توختىتىشنى مەقسەت قىلدى.
مەركىزى ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، تەيۋەندە داۋاملىشىۋاتقان ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلامدا، گومىنداڭ پارتىيىسى زور مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىدى.
خىتاينىڭ شىخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي بۈگۈن 1 - ئاينىڭ 11 - كۈنى، چوڭ قۇرۇقلۇقتا باشقۇرۇلىدىغان بومبا سېستىمىسىغا قارشى تۇرۇش سېنىقى ئېلىپ باردى.
دۇنيا خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنى ياقتۇرمايدۇ
- - تەيۋەن پرېزىدېنتى ما يىڭجيۇ بېيجىڭغا تەسلىم بولغان ئىدى، -- دەيدۇ ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ ئوبزورچىسى، ھازىر تەيۋەندە تۇرۇۋاتقان خىتاي مەسىلىلىرى مۇتەخەسسىسى لىن باۋخۇا ئەپەندى بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان ئوبزورىدا، -- ئەمما خىتاي ئەلچىسى چېن يۈنلىن تەيۋەنگە كەلگەندە، تەيۋەن خەلقى قاتتىق قارشى تۇرغانلىقتىن ۋە تەيۋەندە داۋاملىشىۋاتقان ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلامدا، گومنىداڭ پارتىيىسىگە بېرىلگەن ئاۋاز بەكلا ئازلاپ كەتكەنلىكتىن، ما يىڭجيۇ ھەرىكىتىنى بىر ئاز ئاستىلاتتى. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، خىتاي ھەربىي جەھەتتىن كۈچ كۆرسىتىش تاكتىكىسىنى قوللىنىپ، تەيۋەن خەلقىنى بېسىم بىلەن قورقۇتماقچى بولۇپ، بىر تۇرۇپ ئامېرىكىغا قارشى بايانات ئېلان قىلسا، يەنە بىر جەھەتتىن تەيۋەنگە قارشى باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلدى.
ئوبامانىڭ خىتايغا قىلغان مۇئامىلىسى يۇمشاق بولغانلىقتىن، خىتاي ئۇنى كۆزىگە ئىلمىدى، ئەلقائىدىمۇ كۆزىگە ئىلمىدى
لىن باۋخۇا ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما خىتايغا سىلىق مۇئامىلە قىلغان ئىدى، ئۇ، ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنىڭ جانلىق بولۇشىنى كۆزلىگەن ئەلبەتتە. ئەمما ئوبامانىڭ خىتايغا قىلغان مۇئامىلىسى يۇمشاق بولغانلىقتىن، خىتاي ئۇنى كۆزىگە ئىلمىدى، ئەلقائىدىمۇ ئۇنى كۆزىگە ئىلمىدى. خىتاي ۋە ئەلقائىدە ئۇنى كۆزگە ئىلمىغانسىرى، ھەرخىل ۋەقە كۆرۈلۈشكە باشلىدى، ئامېرىكا خەلقى ئىچىدە، ئوبامانىڭ ئابرۇيى تۆۋەنلەپ كەتتى.
ھازىر خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى بىلەن دوست بولۇۋالغان باشقا دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئىناۋىتى چۈشۈپ كەتتى
بۇنداق ئەھۋال ئامېرىكىدىلا ئەمەس، باشقا دۆلەتلەردىمۇ كۆرۈلدى. خىتايغا يېقىنچىلىق قىلغان ياپونىيە باش مىنسىتىرى يۇكىئو خاتويامانىمۇ ياپونىيىدە قوللايدىغان ئاۋاز ئازلاپ كەتتى. خىتايغا يېقىنچىلىق قىلغان تەيۋەن پرېزىدېنتى ما يىڭجيۇنىڭمۇ تەيۋەندە ئىناۋىتى تۆكۈلدى.
دېمەك، دۇنيا خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنى ياقتۇرمايدۇ. شۇڭلاشقا خىتاي كوممۇىست پارتىيىسى بىلەن دوست بولۇۋالغان كىشىلەرنىڭ ئىناۋىتى چۈشۈپ كەتتى.
خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى كۈچلۈكتىن قورقىدىغان ياۋاشنى بوزەك قىلىدىغان بىر ئۇچۇم لۈكچەك
لىن باۋخۇا ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما بۇلتۇر 11 - ئايدا خىتاينى زىيارەت قىلغاندا، ئامېرىكىنىڭ تەيۋەن مۇناسىۋىتى قانۇنىنى تىلغا ئالمىغان ئىدى، خىتاي بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، تەيۋەنگە بولغان بېسىمنى كۈچەيتش بىلەن بىللە، ئامېرىكىنى تەيۋەننى قوغداش مەجبۇرىيىتىدىن ۋاز كەچتۈرمەكچى بولدى. خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى بىر ئۇچۇم لۈكچەك. لۈكچەك دېگەن شۇنداق، كۈچلۈكتىن قورقىدۇ، ياۋاشنى بوزەك قىلىدۇ.
خىتايدا ھازىر ھەربىي ئوفىتسېرلارمۇ دۆلەت ئىشلىرى توغرىسىدا بايان ئېلان قىلىدىغان غەلىتە ھادىسە پەيدا بولۇپ قالدى
لىن باۋخۇا ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خەلقئارا قائىدە بۇيىچە، دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ئىشلار توغرىسىدا دۆلەتنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئوتتۇرىغا چىقىپ سۆزلەيدۇ، ھەر كىم چىقىپ ئۆز ئالدىغا قالايمىقان سۆزلىمەيدۇ. ئەمما خىتايدا ھازىر كىم خالىسا، چىقىپ قالايمىقان بايانات ئېلان قىلىدىغان ھادىسە پەيدا بولۇپ قالدى. مەسىلەن، خىتاينىڭ لو يۇەن دېگەن بىر گېنېرال مايۇر دەرىجىلىك ھەربىي ئوفىتسېرى ئوتتۇرىغا چىقىپ، باشقا دۆلەتلەرگە قارىتا بايانات ئېلان قىلىپ، بىر دەم ئامېرىكىنى، بىردەم تەيۋەننى تىللاپ كەتتى.
بۇنىڭدىن قارىغاندا، ھازىر خۇ جىنتاۋ ھەربىيلەرنى باشقۇرالمايدىغان ياكى ھەربىيلەر مۇشۇنداق قائىىدىسىزلىك قىلىش ئارقىلىق خۇ جىنتاۋغا، ئۆزىنىڭ سىياسىي جەھەتتە تەسىرى بارلىقىنى ئىپادىلەپ قويمىسا بولمايدىغان ھالغا چۈشۈپ قالغان بولسا كېرەك.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.