ئوبامانىڭ ئىسلام دۇنياسىغا قىلغان نۇتقىغا قارىتا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنكاسلىرى

ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ھۈسەيىن ئوبامانىڭ قاھىرەدە ئىسلام دۇنياسىغا خىتابەن سۆزلىگەن نۇتقى ئۇيغۇرلار ئارىسىدىمۇ كۈچلۈك تەسىر پەيدا قىلدى. ئوبامانىڭ نۇتقىدىكى ئىسلام دىنىنىڭ ھەقىقىتى، ئاياللار ھوقۇقى ۋە دېموكراتىك ھەقلەر توغرىلىق سۆزلەر ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.

0:00 / 0:00

ئوباما نۇتقىدا قۇرئانى كېرىمدىن ئايەتلەرنى مىسال كەلتۈرۈپ، ئىسلام دىنىنىڭ تېنچلىق ۋە مەرھەمەت دىنى ئىكەنلىكىنى؛ ئادالەت ۋە تەرەققىياتنىڭ ئىسلامنىڭ ئىجتىمائىي غايىسى ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى؛ ئۇ يەنە تەۋرات ۋە ئىنجىلدىنمۇ نەقىل كەلتۈرۈپ، مۇسۇلمانلار، يەھۇدىلار ۋە خرىستىئانلاردىن ئىبارەت ئىبىراھىم ئالەيھىسسالام ئەۋلادلىرىنىڭ قىممەت قاراشلىرىدا ئورتاقلىق بارلىقىنى بىلدۈردى.

ئوباما نۇتقىدا يەنە مۇنداق دەيدۇ: "ئىسلام مەرھەمەت ئەنئەنىسى بىلەن پەخىرلىنىشكە ھەقلىق. بۇنى ئىسپانىيىدىكى ئەندۈلۈس ۋە كوردوبا تارىخىدىن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. مەن مۇسۇلمانلار دۆلىتى ھىندونېزىيىدە ئەزان ئاۋازىنى ئاڭلاپ چوڭ بولدۇم، ھىندونېزىيىدە، خرىستىئانلارنىڭ ئەركىن ئىبادەت پۇرسىتىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۇم. بۈگۈن بىزگە كېرەك بولۇۋاتقىنى مانا مۇشۇ روھ."

ئوباما سۆزىدە دىنىي ئەركىنلىك بولمىغان يەردە خەلقلەرنىڭ باراۋەر ۋە تېنچلىقتا بىرلىكتە ياشاش ئىمكانى بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ. ئۇ سۆزىدە مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ يۈزىنى ئۆرتىشىنى، تەڭسىزلىك دەپ قاراشقا بولمايدىغانلىقىنى، ئەسلى تەڭسىزلىكنىڭ مائارىپتىن ئۇزاق قېلىش ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: ئاياللارنىڭ ئىجتىمائىي ئورنىدىكى تەڭسىزلىك مەسىلىسى يالغۇز ئىسلامنىڭلا مەسىلىسى ئەمەس؛ ئاياللار ھوقۇقى ھەققىدىكى پائالىيەتلەر ھەر قايسى ساھەلەر بويىچە ئامېرىكىدىمۇ، دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىمۇ داۋام قىلىۋاتىدۇ. تۈركىيىدە، پاكىستاندا، بېنگالدا ۋە ھىندونېزىيىدە ئاياللارنىڭ سايلامدا ئۇتۇپ چىققانلىقىنى كۆردۇق. مەن ئۆرپ - ئادەتلىرى ۋە ئېتىقادى بويىچە كىيىنگەن ئاياللارغا ھۆرمەت قىلىمەن. ھەر كىم ئۆزى توغرا تاپقان ۋە خالىغان شەكىلدە كىيىنىشى كېرەك، زامانىۋىيلىق دەپ باشقىلارنىڭ كىيىنىشىگە ئارىلىشىشقا بولمايدۇ.

بۇ سۆزلەرنى ئىلشات ئەپەندى ئۇيغۇرلار ئۈچۈنمۇ بىر سىگنال دەپ قارايدۇ.

ئوباما نۇتقىدا تەرەققىيات بىلەن ئەنئەنىنىڭ بىر - بىرىگە زىت ئەمەسلىكىنى؛ ياپونىيە بىلەن جەنۇبىي كورىيىنىڭ ئۆز ئەنئەنىسىنى ساقلاپ تۇرۇپ تەرەققىي قىلغانلىقىنى، بۇنداق مىساللارنى ئىسلام دۇنياسىدىمۇ ئۇچراتقىلى بولىدىغانلىقىنى، كۇئالالامپۇردىن دۇبەيگىچە بىر كۆز يۈگۈرتۈلسە بۇ مەنزىرىنى كۆرگىلى بولىدىغانلىقىنى، ئىسلام ئۆلىمالىرىنىڭ تارىختىمۇ، بۈگۈنمۇ يېڭىلىقتا ۋە مائارىپتا ئالدىنقى سەپتە بولۇپ كەلگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

ئوباما ئىراق مەسىلىسى ئۈستىدە توختالغاندا، دېموكراتىيە ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: ھەر قانداق بىر ھاكىمىيەت سېستىمىسىنى بىر دۆلەت يەنە بىر دۆلەتكە تېڭىشقا بولمايدۇ. ھەر بىر مىللەت ئۆز ئەھۋالى ۋە ئادىتىگە قاراپ ئۆز ھاكىمىيەت سېستىمىسىنى بېكتىشى كېرەك. ئامېرىكا ھېچبىر دۆلەتتىكى سايلام نەتىجىسىنى توغرا تەخمىن قىلىپ بولالمىغىنىدەك؛ كىمگە قايسى تۈزۈمنىڭ ئەڭ توغرىلىقىنىمۇ تەخمىن قىلىپ بولالمايدۇ. ئەمما مېنىڭ بۇ نۇقتىدا تەۋرەنمەس بىر قارشىم بار: ئۇ بولسىمۇ، ھەر قانداق بىر خەلق ئارزۇ - ئارمانلىرىنى ئەركىن بايان قىلىشنى ئارزۇ قىلىدۇ؛ ھاكىمىيەت تەرىپىدىن قانداق باشقۇرۇلۇۋاتقانلىقى ھەققىدە ئۆز پىكرىنى بىلدۈرۈشنى خالايدۇ؛ ھەممە خەلق قانۇن ئالدىدا باراۋەر بولۇشنى، ئادالەتسىزلىككە يولۇقماسلىقىنى ئارزۇ قىلىدۇ. مانا بۇ ئامېرىكىنىڭلا غايىسى ئەمەس، بۇ ئىنسان ھەقلىرى؛ شۇڭا بىز دۇنيانىڭ نەرىدىلا بولسۇن، مانا بۇ ھەقلەرنى ھىمايە قىلىمىز.

ئوباما يەنە، بىر ھاكىمىيەتنىڭ سايلامدا ئۇتۇشى بىلەنلا ئىش تۈگىمەيدىغانلىقىنى، چوقۇم ئۆز تەۋەلىكىدىكى ئاز سانلىقلارنىڭ ھەقلىرىگە ھۆرمەت قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەيدۇ.

ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەنلەر، مىسىردىكى ئەلھۇررا تېلىۋىزىيىسى، سۈرىيە، مىسىر، سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارلىق جايلاردىكى كىشىلەر ئارىسىدا ئوبامانىڭ نۇتقى ھەققىدە راي سىناش ئېلىپ بارغان. رايى سىنالغان 700 كىشىنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى ئوبامانىڭ نۇتقىدىن مەمنۇنلۇقىنى بىلدۈرگەن.