' ئوباما ھۆكۈمىتى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى كۈچلۈك رەۋىشتە ئوتتۇرىغا قويالمىدى '

ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما ۋاشىنگتوندا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئامېرىكا ‏ - خىتاي ئىستراتېگىيىلىك ۋە ئىقتىسادىي دىئالوگىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆزلىگەن نۇتقىدا، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ھەققىدە توختالدى.

0:00 / 0:00

ئەمما كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى كۈچلۈك رەۋىشتە ئوتتۇرىغا قويمىغانلىقىدىن ئۈمىدسىزلەنگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

27 - ئىيۇل ۋاشىنگتوندا باشلانغان، "ئامېرىكا ‏ - خىتاي ئىستراتېگىيىلىك ۋە ئىقتىسادىي دىئالوگى" بۈگۈن ئاخىرقى كۈنىگە قەدەم قويدى. خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى مەسىلىسى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئالاھىدە دىققەت قىلىۋاتقان تەرەپلەرنىڭ بىر ئىدى.

مەزكۇر يىغىننىڭ تۈنجى كۈنى، 21 - ئەسىردىكى ئامېرىكا - خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ مۇھىملىقى ھەققىدە توختالغان ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ھەققىدىمۇ توختالدى ۋە مۇنداق دېدى: " بىز ھەر قانداق بىر قەۋىمنىڭ دىنىي ۋە مەدەنىيىتى چوقۇم ھۆرمەت قىلىنىشى ۋە قوغدىلىشى كېرەك ھەمدە بارلىق كىشىلەر ئۆز پىكىرلىرىنى ئەركىن ئوتتۇرىغا قويالىشى كېرەك دېگەن قاراشقا چوڭقۇر ئىشىمىز. بۇ خىتايدىكى دىنىي ۋە ئېتنىك ئاز سانلىق مىللەتلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ھەمدە ئامېرىكىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرمۇ بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس."

دىئالوگدا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇش شەكلىدە كۆپ پەرق سەزمىگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئاسىيا - تىنچ ئوكيان بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى سوفىي رىچاردسون خانىم، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنىڭ ھېچ بولمىغاندا تىلغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

" كىشىلىك ھوقۇق ھېچ بولمىغاندا رىتورىك خىتابقا ئايلاندى. لېكىن ئۇلار بۇ جەھەتتە قولغا چىققۇدەك، كونكرېتنى سىياسىي ھەرىكەت پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويالمىدى. بۇنداق بولسا بەك چاتاق بولىدۇ."

ھالبۇكى بۇ نۆۋەتلىك دىئالوگدا ئاساسلىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلىلەر يەنىلا ئىقتىسادى ھەمكارلىق، دۇنيا كىلىمات ئۆزگىرىش يادرو قوراللىرى كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە دۆلەت ھالقىغان تەھدىتلەرگە بىرلىكتە قارشى تۇرۇش مەسىلىسى قاتارلىقلار ئىلگىرى سۈرۈلدى.

سوفىي رىچاردسون خانىمىنىڭ قارىشىچە، گەرچە ئامېرىكا ئىقتىسادىي چېكىنىش دەۋرىنى بېشىدىن كەچۈرۈۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئامېرىكا خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ياخشىلاشتا يەنىلا زور ھەيدەكچىلىك قىلىش كۈچىگە ئىگە ئىكەن.

" مەن بەزى ئىقتىسادىي مەسىلىلەر كىشىلىك ھوقۇقنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ دەپ قاراش تولىمۇ چولتا ۋە پەقەت بۇرنىنىڭ ئۇچىنىلا كۆرگەنلىك بولىدۇ دەپ ئويلايمەن. مېنىڭ قارىشىمچە، ئامېرىكا ‏ - خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدىكى، خىتايدىكى ئاخبارات ئەركىنلىكى مەسىلىسى، مۇستەقىل ئەدلىيە سىستېمىسى قۇرۇپ چىقىش زۆرۈرلۈكى، ئۆكتىچىلەر ۋە ئىشچىلار ھوقۇقىنى قوغداش ھەمدە خىتاينىڭ غەربى قىسمىدىكى مۇسۇلمانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق مۇسۇلمانلارنى يەنە چەتكە قاقمايدىغان شەخسىيەتسىز بىر تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىستراتېگىيىسى بەلگىلەشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئوتتۇرىغا قويالايتتى."

سوفىي رىچاردسون خانىم يەنە، ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ھەققىدە ھازىرچە كونكرېتنى بايانات ئېلان قىلمىغانلىقىنى، ئەمما بۇنى كۈتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

2006 - يىلدىن بۇيان ھەر يىلى ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان ئامېرىكا ‏ - خىتاي ئىستراتېگىيىلىك ۋە ئىقتىسادىي دىئالوگى بۇ يىل ئامېرىكىدا ئېلىپ بېرىلدى. مەزكۇر دىئالوگنىڭ ئاساسىي مەقسىتى خىتاي پۇلىنىڭ ئالماشتۇرۇش قىممىتى مەسىلىسى ۋە ئامېرىكا ‏ - خىتاي سودا مۇناسىۋەتلىرى جەريانىدا ئامېرىكا تەرەپتە كىلىپ چىقىۋاتقان قىزىل رەقەم مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئىدى.

ئەمما، بۇ نۆۋەتلىك دىئالوگدا دۇنيا كىلىماتى ۋە يادرو قوراللىرى مەسىلىسى ئىلگىرىكىگە قارىغاندا بىر قەدەر كونكرېتنى رەۋىشتە ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ نۆۋەتلىك ئامېرىكا ‏ - خىتاي ئىستراتېگىيىلىك ۋە ئىقتىسادىي دىئالوگىغا خىتاي تەرەپتىن مۇئاۋىن دۆلەت مىنىستىرى ۋاڭ چىشەن ۋە خىتاي دۆلەت كابىنېتى ئەزاسى دەي بىڭگو قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 200 نەپەر خىتاي دىپلوماتى قاتناشقان.