ئوبامانىڭ بۇ تەشەببۇسى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى.
ئوباما بۇ تەشەببۇسنى تۈنۈگۈن دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن ئېلىپ بارغان بىر يىغىندا ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، ئۇ ئامېرىكا ماللىرىنىڭ سېتىلىشى ئامېرىكىنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن تولىمۇ مۇھىملىقىنى، خىتاي قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئامېرىكا تاۋارلىرى ئۈچۈن ئەڭ چوڭ بازارلاردىن ئىكەنلىكىنى، شۇڭا ئامېرىكىنىڭ خىتاي بازىرىدىن چېكىنىشىنىڭ ئامېرىكا ئىقتىسادى ئۈچۈن پايدىسىزلىقىنى تەكىتلەش بىلەن بىللە، ئامېرىكا - خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودىدا ھازىر يۈز بېرىۋاتقان بەزى ئادالەتسىز ئامىللارغا قارىتا ئامېرىكىنىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ پرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، خىتايغا نىسبەتەن قاتتىق پوزىتسىيىدە بولۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
ئوباما سۆزىدە يەنە، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى پۇل - مۇئامىلە مۇناسىۋىتىنىڭ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا مۇناسىۋىتىدىكى مۇھىم مەسىلە ئىكەنلىكىنى، شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنى ئۆستۈرۈشى لازىملىقىنى، ئىككى دۆلەت تاۋارلىرىنىڭ باھاسىمۇ مۇۋاپىق تەڭشىلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. چۈنكى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان نۇرغۇنلىغان ئامېرىكا سودىگەرلىرى خىتاينىڭ تەننەرقى تۆۋەن، سۈپىتى ناچار ماللىرىنىڭ ئامېرىكا ھەم خەلقئارا بازارلارنى قاپلاپ، خەلقئارا سودا بازىرىدىكى تەڭپۇڭسىزلىقلارنى پەيدا قىلغانلىقىنى، پۇل قىممىتىدىكى تەڭسىزلىك خىتاينى سودىدا پايدا ئالىدىغان، باشقا دۆلەتلەرنى زىيان تارتقۇزىدىغان ۋەزىيەت شەكىللەندۈرگەنلىكىنى، ھەتتا ھازىر ئامېرىكىدا ئىشسىزلىق نىسبىتىنىڭ ئېشىپ كېتىشىمۇ خىتاي ماللىرىنىڭ ئامېرىكا بازىرىنى ئېگىلىپ، ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ تاقىلىپ كېتىۋاتقانلىقى سەۋەبىدىن بولۇۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ،ئامېرىكىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋىتىدە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشى لازىملىقىنى تەلەپ قىلىشىۋاتقان ئىدى.
تۈنۈگۈن مەتبۇئاتلار ئوبامانىڭ بۇ تەشەببۇسىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، بۈگۈن خىتاي ھۆكۈمىتى ئوبامانىڭ ئىككى دۆلەت سودا مۇناسىۋىتىدىكى پوزىتسىيىسى، خىتاينىڭ قارشىلىقىغا قارىماي دالاي لاما بىلەن ئەسلى قارار قىلغان ۋاقىتتا كۆرۈشۈشنى قارار قىلغانلىقى ھەم تەيۋەنگە 64 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدىكى ئېغىر تىپلىق قورال سېتىپ بېرىشنى قارار قىلغانلىقىغا نىسبەتەن دەرھال ئىنكاس قايتۇرۇپ نارازىلىقىنى ئىپادىلىدى.
خىتاينىڭ تاشقى ئىشلار باياناتچىسى ما جاۋشۇ بۈگۈن بېيجىڭدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئېچىپ، ئوبامانىڭ ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا مۇناسىۋىتىدە قاتتىق بولۇش تەشەببۇسىغا ئىنكاس قايتۇردى. ئۇ مۇخبىرلارنىڭ ئامېرىكىنىڭ خىتاينىڭ خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنى ئۆستۈرۈش تەلىپىگە نىسبەتەن سورىغان سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، ھازىر خەلق پۇلىنىڭ 2005 - يىلدىكى مەزگىلدىن 20% ئۆسكەنلىكىنى، بۇنىڭ ھازىرقى شارائىتتا مۇۋاپىق ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئامېرىكىنىڭ خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنى ئۆستۈرۈش تەلىپىنى مۇۋاپىق ئەمەس دېدى. ئۇ سۆزىدە ئىككى تەرەپ سودا مۇناسىۋىتىدىكى ئىختىلاپلارنى قاتتىق پوزىتسىيە بىلەن ئەيىبلەش ھەم بېسىم قىلىش ئارقىلىق ھەل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئوبامانىڭ تەشەببۇسىغا بولغان نارازىلىقىنى ئىپادىلىدى.
ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە، كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتكە بولغان قارىشى بايان قىلىنغان بولۇپ، ئامېرىكا - خىتاي مۇناسىۋىتىنى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ مۇلاھىزە قىلىشىچە، تېخى يېقىندىلا گوگۇل شىركىتى خىتاي ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ شەخسلەرنىڭ ئالاقە ئۇچۇرىغا مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرىنى رەت قىلىپ، خىتاي سودا بازىرىدىن چېكىنىپ چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھېلارىي كلىنتون خانىم گوگۇل ۋەقەسى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئىنتېرنېت كونتروللۇقى بىلەن ئەيىبلىگەندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا نىسبەتەن نارازىلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ئەمما ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي ئوبامانىڭ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودىدا قاتتىق بولۇش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە قورال سېتىپ بېرىشنى قارار قىلغانلىقىغا ھەم ئوبامانىڭ بۇ يىل ئىچىدە تىبەت روھانىي داھىيسى دالاي لاما بىلەن كۆرۈشۈشىگە قارشى تۇرۇۋاتقان بىر مەزگىلگە توغرا كەلگەن بولۇپ، ئارقا - ئارقىدىن يۈز بېرىۋاتقان بۇ ئىختىلاپلار ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىدە يېقىنقى بىر مەزگىل ئىچىدىكى سۈركىلىشلەرنى كۆپەيتىپ، ئارىدىكى مۇناسىۋەتنى جىددىيلەشتۈرۈۋېتىشى مۇمكىن ئىكەن.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، يېقىندىن بۇيان يۈز بېرىۋاتقان ئەھۋاللار، ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆتكەن يىلى ئىچىدە خىتايغا قاراتقان دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىدىكى يۇمشاق مۇناسىۋىتىدىن نىسبەتەن قاتتىق ھالەتكە كۆچكەنلىكىنىڭ بېشارىتى ھېسابلىنىدىكەن. ئامېرىكا - خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا مۇناسىۋىتىدە يۈز بېرىۋاتقان بىر قاتار ئادالەتسىزلىكلەر، ئامېرىكىنىڭ خىتايغا قاراتقان مۇئامىلىسىدە قاتتىق پوزىتسىيىنى شەكىللەندۈرۈپ، بۇندىن كېيىنكى بىر مەزگىل ئىچىدە ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدە يىرىكلىشىش ئەھۋالى كۈچىيىدىكەن.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.