ئوباما خىتاي زىيارىتىدە مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ۋە خەلق گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى رەت قىلغان

تىبەت روھانى داھىيسى دالاي لاما ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوبامانىڭ خىتاي زىيارىتىگە باھا بېرىپ، ئوبامانىڭ "كىشىلىك ھوقۇق" مەسىلىسىدە يۇمشاق قوللۇق قىلمىغانلىقىنى، پەقەت بۇ قېتىملىق سۆھبەتتە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئوخشىمىغان ئۇسۇلدا ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى تەكىتلىدى.

0:00 / 0:00

تىبەت روھانى داھىيسى دالاي لاما يەكشەنبە كۈنى ھىندىستان تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغىنىدا بۇ سوزنى قىلغان بولۇپ، دالاي لاما بۇ سۆزى ھەققىدە باشقا چۈشەندۈرۈش بەرمىگەن. دالاي لاما يەنە، ھىندىستان باش مىنىستىرى سىڭنىڭ بۇ ھەپتىدىكى ئامېرىكا زىيارىتىدە، ئوباما بىلەن بولغان سۆھبەتتە، تىبەت مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئوباما خىتاي زىيارىتى مەزگىلىدە خۇ جىنتاۋ بىلەن بولغان سۆھبەتتە، بېيجىڭ تەرەپنى تىبەت مەسىلىسى توغرىلىق دالاي لاما ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەتلىشىشكە ئۈندىگەن ئىدى. ئەمما ئۆكتىچىلەر ئوبامانىڭ بۇ نۆۋەتلىك خىتاي زىيارىتىگە باھا بېرىپ، "ئوبامانىڭ خىتاي زىيارىتىدە ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى بەزى نازۇك مەسىلىلەردىن چەتنەپ كېتىلدى. كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى، تىبەت مەسىلىسى، خەلقئارا پۇل - مۇئامىلە مەسىلىسى، ئاخبارات ئەركىنلىكى مەسىلىسى قاتارلىق مەسىلىلەردە، ئېنىق بىر كېلىشىم تۈزۈلمىدى ياكى پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىنمىدى، بولۇپمۇ كىشىلىك ھوقۇق ۋە تىبەت مەسىلىسىدە ئوباما بېيجىڭ تەرەپكە بېسىم ئىشلەتمىدى " دەپ تەنقىدلىگەن ئىدى.

نۆۋەتتە ئوبامانىڭ خىتاي زىيارىتىگە نىسبەتەن، مەتبۇئاتلاردا بەس - مۇنازىرىلەر ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ،ئامېرىكا ئاۋازى رادىئو ئىستانسىسىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە، ئوبامانىڭ خىتاي زىيارىتى مەزگىلىدىكى ئاخبارات خەۋەرلىرىگە باھا بېرىلىپ، " ئوبامانىڭ خىتاي زىيارىتى جەريانىدا، خىتاي ۋە ئامېرىكىدىن ئىبارەت ئىككى تەرەپ ئاخبارات ساھەسىدە ئۇچۇر جېڭى بولدى، ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوخشىمىغان نۇقتىلاردىن ئوبامانىڭ خىتاي زىيارىتى ھەققىدە مەلۇمات بەردى ھەم ئوخشىمىغان مەيدانىنى ئىپادىلىدى،" دەپ كۆرسەتتى.

خوڭكوڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئاخبارات تەتقىقاتى مەركىزىنىڭ خىتاي ئاخبارات تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى چېن ۋەنباۋ ئۆزىنىڭ ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوبامانىڭ خىتاي زىيارىتى ھەققىدىكى ماقالىسىدە، "بۇ قېتىملىق ئۇچۇر جېڭىنىڭ تۇنجى ئوقىنى ئامېرىكا تەرەپ ئاتتى. ئوبامانىڭ خىتاي زىيارىتى ھارپىسىدا ئامېرىكىنىڭ بېيجىڭدىكى باش ئەلچىسى خىتاينىڭ تور بەتلىرىدە ماقالە ئېلان قىلىپ كېلىۋاتقان 10 نەچچە نەپەر خىتاي يازغۇچىلىرى بىلەن سۆھبەت ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنىڭ بۇ پائالىيىتى خىتاي تەرەپنىڭ جىددىي دىققىتىنى قوزغىدى،" دەپ بايان قىلدى.

"ۋاشىنگتون پوچتىسى" قاتارلىق گېزىتلەردە، "ئوبامانىڭ خىتاي زىيارىتى جەريانىدا شاڭخەيدىكى ئوقۇغۇچىلارغا سۆزلىگەن نۇتقى مەسىلىسىدە، ئامېرىكا تەرەپ نەق مەيدان خەۋىرىنى 1.3 مىليارد ئاھالىسى بار، 97% ئائىلىدە تېلېۋىزور بار بۇ چوڭ دۆلەتتە پۈتكۈل خەلققە نەق مەيداندىن كۆرسىتىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي تەرەپ بۇ نۇقتىدا قىلچە يول قويمىغان بولۇپ، ئوبامانىڭ نەق مەيدان نۇتقىنى پەقەت شاڭخەي شەھىرىنىڭ يەرلىك تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى تەرىپىدىنلا كۆرسىتىلىشىگە قوشۇلدى، ئامېرىكىنىڭ كۈچلۈك تەلەپ قىلىشى بىلەن شىنخۇا تور بېتىدە نەق مەيدان كۆرۈنۈشىنى بېرىشكە قوشۇلدى. خىتاي تەرەپ سۆھبەتنىڭ تولۇق قىسمىنى بەرمەستىن، بەلكى سۆھبەتنى ئۈزۈپ - ئۈزۈپ بەردى. نەتىجىدە، خىتايدىكى ئاۋام پۇقرالار ئوبامانىڭ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ۋە ئىنتېرنېت ئەركىنلىكى، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆز دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى بولۇشى كېرەكلىكى قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدىكى نۇتقىنى ئاڭلىيالمىدى،" دەپ خەۋەر بېرىلدى.

ئامېرىكا تەرەپ ئاخبارات ۋاستىلىرىدا بولسا، ئوبامانىڭ شاڭخەيدىكى نۇتقىنى تولۇق ئاڭلاتقان بولۇپ، ئاقساراي كالىفورنىيىدىكى "Connect Solution" شىركىتى ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ تور بېتىدە ئوبامانىڭ نۇتقىنى ئەڭ سۈزۈك ھەم ئېنىق ھالەتتە كۆرسەتتى. ئوبامانىڭ خىتاي زىيارىتى مەزگىلىدە ئامېرىكىنىڭ خىتايدىكى ئەلچىخانىسى بولسا بىر قىسىم خىتاي ئوقۇغۇچىلىرى ھەم مېھمانلارغا ئاقساراينىڭ ئامېرىكىدىن ئۇلاپ بېرىۋاتقان ئوبامانىڭ شاڭخەيدىكى نۇتقىنىڭ نەق مەيدان خەۋىرىنى كۆرۈشى ئۇچۇن سورۇن ھازىرلاپ بەردى.

مەزكۇر شىركەت يەنە، ئاقساراي تور بېكىتىدە سۆھبەت مۇنبىرى تەسىس قىلىپ،خىتاي پۇقرالىرىنى ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوبامادىن كۈتىدىغان تەلەپ ۋە ئۈمىدلىرىنى بۇ يەردە ئىپادىلەشكە ئۇيۇشتۇردى.تەخمىنەن 7000 ئەتراپىدىكى خىتاي تورداشلىرى ئۆز پىكىر ‏ - تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ 70% تىن كۆپرەكى خىتاينىڭ ئىنتېرنېت قامالى ھەققىدە توختالغان، بەزى تورداشلار خىتاينىڭ ئىنتېرنېت قامالىنى " بېرلىن تېمى" غا ئوخشاتقان. ئوخشاش بىر ۋاقىتتا خىتاينىڭ شىنخۇا تور بېتىمۇ خىتاي تورداشلىرىنىڭ ئوبامانىڭ خىتاي زىيارىتى جەريانىدا ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى ئۇچۇن تور بېكىتىدە پىكىر مەيدانى ھازىرلىغان بولۇپ،تەخمىنەن 3290 مەسىلە ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولسىمۇ، لېكىن ھېچبىر كىشى خىتايدىكى ئىنتېرنېت قامالى ھەققىدىكى مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويمىغان.

ئاقساراي باياناتچىسى ئوبامانىڭ بۇ نۆۋەتلىك زىيارىتىدە شاڭخەي شەھەرلىك ھۆكۈمەتتىكى يىغىن مەزگىلىدە خىتاي پۇقرالىرى بىلەن بىر قېتىملىق "تارىخىي ئەھمىيەتلىك سۆھبەت" ئۆتكۈزدى دەپ تەرىپلىگەن بولسا، خوڭكوڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خىتاي ئاخبارات تەتقىقاتچىسى چېن ۋەنباۋ ماقالىسىدە ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوبامانىڭ خىتاي زىيارىتىگە باھا بېرىپ، "ئوباما ئامېرىكا پرېزىدېنتلىرىنىڭ خىتاي زىيارىتى تارىخىدىكى خىتاي ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ تەقىب قىلىشىغا ئەڭ قاتتىق ئۇچرىغان پرېزىدېنت بولدى،" دېدى.

"نيۇيورك گېزىتى"نىڭ 18 - نويابىردىكى خەۋىرىدە بولسا، "خىتاي ھۆكۈمىتى ئاخبارات ساھەسىگە قاراتقان بىر قاتار تەكشۈرۈش ھەم بېسىملىرى ئارقىلىق ئوبامانىڭ خىتاي پۇقرالىرى ئارىسىدىكى تەسىرىنى ئازايتماقچى بولدى،" دەپ كۆرسەتتى.

چېن ۋەنباۋ ماقالىسىدە يەنە، "گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى قاتتىق كونترول قىلغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ كونتروللۇقتا يەنىلا يوچۇقلار پەيدا بولدى. ئامېرىكا بىر چەتئەل ھۆكۈمىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، خىتاينىڭ ئاخبارات كونتروللۇقىغا جەڭ ئېلان قىلدى. بۇ قېتىم ئامېرىكىنىڭ خىتاي تورداشلىرىنىڭ رايىنى سىنىشى ھەم ئېكراندا خىتاي پۇقرالىرىنىڭ پىكىرلىرىنى خەت شەكلىدە كۆرسىتىشىنىڭ ئۆزى خىتاي ھۆكۈمىتىگە بىر ئاگاھلاندۇرۇش بولدى،" دەپ يازدى.

ئوبامانىڭ بۇ نۆۋەتلىك خىتاي زىيارىتى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرىگە ئايلانغان بولۇپ، كۆزەتكۈچىلەر، ئوبامانىڭ خىتاي زىيارىتىنىڭ ئاخىرقى كۈنىدە خىتايدىكى مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، خەلق گېزىتى قاتارلىق خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ زىيارىتىنى رەت قىلىپ، ئەكسىچە، "جەنۇبىي جۇڭگو ھەپتىلىك گېزىتى" دەك ئادەتتىكى بىر گېزىتنىڭ نامىنى ئاتاپ ئۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىشى، خىتاينىڭ ئۇچۇر ئاخبارات ساھەسىگە نىسبەتەن بىر ئاگاھلاندۇرۇش بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.