ئوبامانىڭ خىتاي زىيارىتى ھارپىسىدا 4 - ئىيۇن قەھرىمانى كىشىلەرنى نامايىشقا چاقىردى

"4 - ئىيۇن قەھرىمانى" دەپ نام ئالغان شۈ جىيۇڭ، ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوبامانىڭ بېيجىڭدا ئېلىپ بارىدىغان زىيارىتى ھارپىسىدا، كىشىلەرنى بېيجىڭدا نامايىش قىلىشقا چاقىردى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯩﻬﺮﯨﺒﺎﻥ
2009.11.04
Xitay-Demokiratchi-4-Iyul-qexrimani-Chi-ependi-305.jpg ﺳﯜﺭﻩﺕ، "4 - ﺋﯩﻴﯘﻥ ﻗﻪﻫﺮﯨﻤﺎﻧﻰ" ﺩﻩﭖ ﻧﺎﻡ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﺷﯜ ﺟﯩﻴﯘﯓ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻨﯩﯔ ﺑﻮﺷﯘﻥ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﯜﺭﯨﺘﻰ.
news.boxun.com ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.

شۈ جىيۇڭ 1989 - يىلى 4 - ئىيۇن سەھەردە، بېيجىڭدا قوراللىق قىسىملارنىڭ تيەنئەنمىن مەيدانىغا بېسىپ كىرگەن تانكىسى تەرىپىدىن باستۇرۇلۇپ، بىر پۇتىدىن ئايرىلىپ مەجرۇھ بولۇپ قالغان بېيجىڭلىق ئىشچى بولۇپ، ئۇ 20 يىل جەريانىدا ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە ئۈچۈن ئېلىپ بارغان بىر قاتار پائالىيەتلىرى بىلەن خىتايدىكى دېموكراتىيىنى ياقلىغۇچى كىشىلەر ئارىسىدا "خەلق قەھرىمانى" دەپ تەرىپلەنگەن ئىدى.

شۈ جىيۇڭ بۈگۈن 4 - نويابىر كۈنى بوشۈن تور بېتىدە چاقىرىق ئېلان قىلىپ، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق كۆزەتكۈچىلىرىنى، دېموكراتىيىنى ياقلىغۇچىلارنى ئامېرىكا پرېزىدېنتى براك ئوبامانىڭ بۇ يىل نويابىر ئېيىدا، 9 - نويابىردىن تاكى ئوباما بېيجىڭدىكى زىيارىتىنى رەسمىي باشلىغانغا قەدەر بولغان ئارىلىقتا، بېيجىڭدىكى تيەنتەن باغچىسىنىڭ جەنۇبىي دەرۋازىسىغا يىغىلىپ، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى ھەققىدە مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈشكە چاقىرغان.

چاقىرىقنامىدە شۈ جىيۇڭ ئۆزىنىڭ بېيجىڭدىكى يەنە بىر كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپى لى جىڭپىڭ ئەپەندى بىلەن بىرلىكتە مۇشۇ ھەپتىنىڭ جۈمە كۈنى 6 - نويابىر كۈنى، بېيجىڭ شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ ئامانلىق ساقلاش ئەترىتىگە بېرىپ ئۇلارغا، براك ئوبامانىڭ خىتاي زىيارىتى ھارپىسىدا، ئوبامانىڭ خىتاي زىيارىتىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئىلتىماس سۇنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

شۈ جىيۇڭ بۇ چاقىرىقتا مۇنداق يازغان: "بىز ئوبامانىڭ بۇ قېتىملىق خىتاي زىيارىتىگە نارازىلىق بىلدۈرىمىز. چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈزلۈكسىز ھالدا خۇ جيا، ليۇ شياۋبو ياڭ تيەن سۈي، چېن گۇاڭچېڭ قاتارلىق كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرىنى تۈرمىلەردە قامىماقتا، رېجىم ئاستىغا ئالماقتا. خىتاينىڭ تۈزۈمىگە نارازى بولغان ھەر مىللەت پۇقرالىرىنى، ئەرزدارلارنى، قورال كۈچى ئارقىلىق قانلىق باستۇرماقتا. خىتايدىكى تۈرلۈك بېسىم ۋە چەكلىمىلەر تۈپەيلىدىن بىز ئۆز ئاۋازىمىزنى دۇنياغا ئاڭلىتالمايۋاتىمىز، بىزنىڭ ھەققانى تەلەپلىرىمىزنى ھەر قايسى ئەللەر مۇخبىرلىرىنىڭ دۇنيا خەلقىگە ئاڭلىتىشىنى قارشى ئالىمىز. دۇنيا خەلقى خىتايدا دەپسەندە بولۇۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق ئەركىنلىكىگە نەزەر سېلىشى كېرەك."

شۈ جىيۇڭ چاقىرىقنى مۇنۇ سۆزلەر بىلەن ئاخىرلاشتۇرغان:" دۇنيادىكى ئەڭ دېموكراتىك دۆلەتنىڭ پرېزىدېنتى بولغان شۇنداقلا ئەمدىلا نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى بولغان ئوباما ئەپەندى،دۇنيانىڭ شەرقىدىكى، ئەڭ مۇستەبىت، ھاكىم مۇتلەق دۆلەتتە ياشاۋاتقان خەلقنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سېلىشى، بۇ يەردىكى خەلق ئۇچراۋاتقان تەڭسىزلىك ۋە ئۇلار تارتىۋاتقان ئازاب ئوقۇبەتنى كۆرۈشى كېرەك!"

ئەركىن ئاسىيا رادىئو ئىستانسىسىنىڭ ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان، نيۇيوركتىكى كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپى، "بېيجىڭ باھارى" ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى خۇ پىڭ ئەپەندى، ئۆزىنىڭ شۈ جىيۇڭ ئەپەندى چىقارغان بۇ چاقىرىققا بولغان قارىشىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى:

"مېنىڭچە شۈ جيۇڭ ئەپەندى قاتارلىقلارنىڭ نامايىش قىلىش ئارقىلىق ئۆز تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى تامامەن ئورۇنلۇق ھەم توغرا.چۈنكى ھەر قېتىم چەتئەل باشلىقلىرى خىتايدا زىيارەتتە بولغان مەزگىللەردە خىتاي ھۆكۈمىتى ھەر قاچان كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرىغا بولغان نازارەتنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ، خىتاي ۋەزىيىتىنىڭ قاراڭغۇ تەرەپلىرىنى خەلقئاراغا كۆرسەتمەسلىككە تىرىشىدۇ. بۇ مەسىلىگە قارىتا بىز چەتئەللەردە ياشاۋاتقان خىتاي دېموكراتلىرى تېخى 2 ھەپتىنىڭ ئالدىدا، ئىمزالىق خەت ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا پرېزىدېنتى براك ئوبامانىڭ بۇ يىل 11 - ئايدا بېيجىڭدا ئېلىپ بارىدىغان زىيارىتى جەريانىدا، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە دىققەت قىلىشىنى، بۇ ھەقتە خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىشىنى ھەم ئۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىدىن 4 ئايدىن بۇيان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئۈزۈۋېتىلگەن تېلىفون - ئىنتىرنېت ئالاقىسىنى تېزلىكتە ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنى تەلەپ قىلىشنى، ئۇچۇرنىڭ قامال قىلىنىپ، يەرلىك خەلقنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەركىنلىكىنىڭ بوغۇلغانلىقى قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنى تەلەپ قىلغان ئىدۇق. بۈگۈن ۋەتەن ئىچىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرىدىن شۈ جىيۇڭ ئەپەندى چىقارغان بۇ چاقىرىق بىز ئوتتۇرىغا قويغان ئاشۇ تەلەپنامىنىڭ داۋامى دېيىشكە بولىدۇ."

خۇ پىڭ ئەپەندى سۆزىنىڭ ئاخىرىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا بۇ 4 ئايدىن بۇيان يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىگە قارىتا ئۆز قارىشىنى ئىپادىلەپ، ئوبامانىڭ بۇ قېتىملىق زىيارىتىدە بۇ مەسىلىلەرنىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇشى لازىملىقىنى، ئۇنداق قىلمىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتىگە خاتا سىگنال بېرىپ، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە ياخشىلىنىش بولمايلا قالماستىن، بەلكى ئامېرىكىدىن ئىبارەت دېموكراتىك چوڭ دۆلەتنىڭ خەلقئارادىكى ئوبرازىغا تەسىر يېتىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى:

"مېنىڭچە، خىتاينىڭ 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان بۇ بىر قاتار باستۇرۇشلىرى، خىتاينىڭ مىللىي سىياسىتىدە ئېغىر مەسىلە بارلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ 4 ئايدىن بۇيانمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا قاراتقان قاتتىق نازارىتىنى بوشاشتۇرغىنى يوق، ئىنتېرنېت ۋە تېلېفون ئالاقىسى تېخىچە ئەسلىگە كەلمىدى، مانا ئەمدى ئوبامانىڭ خىتاي زىيارىتى ھارپىسىدا يەرلىك دائىرىلەر "100 كۈنلۈك قاتتىق زەربە بېرىش، ئىز قوغلاپ تۇتۇش ھەرىكىتى"نى باشلىۋەتتى. شۇڭا بۇ قېتىم ئوباما ئەپەندى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى گەۋدىلىك مەسىلە دەپ قارىشى ۋە بۇ مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك دەپ قارايمەن. ئەگەر ئوباما بۇ مەسىلىدە جىم تۇرۇۋېلىش پوزىتسىيىسىدە بولىدىكەن، ئۇ چاغدا خىتاي ھۆكۈمىتىگە خاتا سىگنال بېرىپ، ئۇلاردا غەرب دۆلەتلىرى بىز بىلەن كارى بولمايدۇ، بۇ ئۆزىمىزنىڭ ئىچكى ئىشى دەپ قاراپ، ئۇلارنىڭ خىتايدىكى خەلقنىڭ كىشىلىك ھوقۇقلىرىنى تېخىمۇ دەپسەندە قىلىشىغا يېشىل چىراغ يېقىپ بېرىشى مۇمكىن. بۇ ئەلۋەتتە ئامېرىكىدىن ئىبارەت دېموكراتىك چوڭ دۆلەتنىڭ ئوبرازىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. ئوباما ئەپەندى، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ دېموكراتىك دۆلەتنىڭ پرېزىدېنتى ھەم نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ قېتىملىق خىتاي زىيارىتىدە چوقۇم كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك. ئەگەر بۇ قېتىم ئوباما ئەپەندى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويمىسا، خىتايدىكى ھەر مىللەت خەلقىنى ئۈمىدسىزلەندۈرۈپلا قالماستىن، بەلكى ئامېرىكا ۋە غەربتىكى دېموكراتىك دۆلەت خەلقلىرىنىمۇ ئۈمىدسىزلەندۈرۈشى مۇمكىن."

قەدىرلىك ئوقۇرمەن دوستلار، ئامېرىكا پرېزىدېنتى براك ئوبامانىڭ تۇنجى قېتىملىق خىتاي زىيارىتىدە، خىتاي بىلەن قانداق مەسىلىلەردە سۆھبەتلىشىشى ھەم بۇ قېتىمقى زىيارىتىدە خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى ھەققىدە نېمىلەرنى ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقى قاتارلىق مەسىلىلەر ھازىر خىتايدىكى خەلقلەرنىڭلا دىققىتى مەركەزلەشكەن مەسىلە بولۇپ قالماستىن، بەلكى دۇنيا جامائەتچىلىكى دىققەتتە بولۇۋاتقان مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرىگە ئايلانماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.