ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما بۈگۈن (ئون ئالتىنچى نويابىر) ېيجىڭغا كېلىپ، پرېزىدېنت بولغاندىن كېيىنكى تۇنجى قېتىملىق خىتاي زىيارىتىنى باشلىدى. خىتاينىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شى جىنپىڭ ئۇنى قارشى ئالغىلى ئايرودرومغا چىقتى. خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ دياۋيۈتەي دۆلەت مېھىمانخانىسىدا ئوباما بىلەن كەچلىك تاماقتا بىللە بولدى ۋە 17 - نويابىر كۈنى سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە كېلىشتى.
ئوبامانىڭ بۇ قېتىمقى خىتاي زىيارىتىدە خۇ جىنتاۋ بىلەن ئېلىپ بارىدىغان سۆھبىتىنىڭ تېمىسى بۇرۇن ئېلان قىلىنغاندەك، كېلىمات ئۆزگىرىشى، ئىقتىسادىي كرىزىس مەسىلىسى، شىمالىي كورىيە ۋە ئىراننىڭ يادرو قورااللىرىنى تەرەققى قىلدۇرۇش مەسىلسى شۇنداقلا كىشىلىك ھوقۇق ۋە سودا مەسىلىلىرىدىكى ئىختىلاپلار ئۈستىدە سۆزلىشىشتىن ئىبارەت، ئەمما خىتاي ئورۇنلاشتۇرغان سۆھبەت ۋاقتى ناھايىتى قىسقا. ئوباماغا يەنە، خىتاينىڭ قەدىمقى خان ئوردىسىنى ھەم سەددىچىن سېپىلىنى زىيارەت قىلدۇرۇشنى پىلانلىغان.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئوباما بېيجىڭدا خۇ جىنتاۋ بىلەن سۆزلىشىتىن بۇرۇن، شاڭخەيدە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن كۆرۈشكەندە، نۇتۇق سۆزلەپ ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، كىشىلىك ھوقۇق ۋە دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىلىرى ئۈستىدە توختالغان، ئوبامانىڭ ياردەمچىلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ئەمدى بېيجىڭدىكى سۆھبەتلەردە، ئوباما كىشىلىك ھوقۇق ۋە دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىلىرىنى پەقەت دۆلەت رەئىسلىرى بىلەن ئايرىم كۆرۈشكەندە ئاندىن ئوتتۇرىغا قويۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى بۈگۈن 'ئوباما خىتاي زىيارىتىدە داردا مېڭىۋاتىدۇا' دەپ خەۋەر ئېلان قىلدى. ئۇنىڭدا بايان قىلىنىشىچە، ئوباما بۇ قېتىم خىتاي زىيارىتىدە يەر شارى خاراكتېرلىك جىددىي مەسىلىلەرنى، بولۇپمۇ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتا، سىياسىي جەھەتتە تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاش ئۈچۈن، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى، خىتاي پۇلىنىڭ ئوبوروتتىكى قىممىتى مەسىلىسى، خىتاي ئىكىسپورت قىلىۋاتقان ناچار مەھسۇلاتلار مەسىلىسى، ئامېرىكا -خىتاي ئوتتۇىرسىدىكى سودىدا پەيدا بولغان قىزىل رەقەم مەسىلىسى ۋە خىتاينىڭ ھەربىي كۈچىنى تەرەققى قىلدۇرۇش مۇددىئاسى مەسىلىسى قاتارلىق سەزگۈر مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشتا ناھايىتى سىلىق -يۇمشاق ئىپادىلەشكە، بېيجىڭنىڭ زىتىغا تەگمەي چىرايلىق ئوتتۇرىغا قويۇشقا تىرىشۋاتىدۇ. ئەمما بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتىدىكى ئىقتىسادىي ۋە سىياسى مەسىلىلەرنى ھەل قىلماي مۇمكىن ئەمەس.
ئوباما شەنبە كۈنى ياپونىيىدە سۆزلىگەن نۇتقىدا، ھەتتا 'ئامېرىكا خىتاينى مۇھاسىرىگە ئېلىشنى خالىمايدۇ' دېدى، گەرچە خىتاي ئىقتىسادى ياخشىلىنىۋاتقانسېرى ئەتراپتىكى قوشنا ئەللەرگە بولغان تەھدىتنى شۇنچە ئېغىرلاشتۇرۇۋاتقان بولسىمۇ. شۇنداق ئوخشىتىشقا بولۇدىكى، ئوباما ھازىر، دىنغا قارشى تۇرىدىغان بۇ خىتايدا دىنىي ئەركىنلىكنى تەشەببۇس قىلىشتىن ئىبارەت بىر سەزگۈر داردا مېڭىۋاتىدۇ.
ئاقساراي بۇنىڭدىن ئىلگىرى خىتايدىن، ئوباما شاڭخەيدە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن كۆرۈشكەن -سۆزلەشكەن ۋەقەنى ت ۋ ئىسىتانسىلىرى، گېزىتلار نەق مەيداندىن تولۇق خەۋەر قىلىشنى، ئىنتېرنېتنىڭ راۋان بولۇشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى. ئەمما بۇ ئۇچۇرلار خىتايدا پەقەت ئېبنگىلىزچە ئاڭلىتىشلاردىلا بېرىلدى. بەلكى ئۇنىڭ ئەكسىچە، ئامېرىكىنىڭ ئاقساراي تور بېتىمۇ خىتايدا چەكلەندى، بۇ ۋەقە يۈز بېرۋاتقاندا ھەتتا خىتايدا يانفونلار توختاپ قالدى.
خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، ئوباما بېيجىڭغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن، خۇ جىنتاۋ ئۇنىڭ زىيارىتىنى مەنزىرە كۆرۈشكە ئايلاندۇرماقچى بولۇۋاتىدۇ. خىتاي ھازىر ئۆزىنىڭ شىمالىدىكى مىللەتلەر بىلەنكى دۆلەت چېگرىسى بولغان سەددىچىن ھەققىدىمۇ باشقىچە تەبىر بېرىپ، ئوبامانىڭ سەددىچىن ۋە خان سارىيىنى زىيارەت قىلىشى خىتاينىڭ مەدەنىيىگە ھۈرمەت بىلدۈرگەنلىك، دەپ تەشۋىق قىلىشقا باشلىدى. ئوبامانىڭ ياردەمچىلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ كۈنلەردە خىتاي دائىرىلىرى ئاللىقاچان، چەتئەللىك ساياھەتچىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر قانداق ساياھەتچىنىڭ سەددىچىننى زىيارەت قىلىشىنى چەكلىۋەتكەن.
ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوبامانىڭ بۇ قېتىمقى خىتاي زىيارىتىدە، سىياسىي تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاش ئۈچۈن 'داردا مېڭىش' ىنىڭ نەتىجىسى قانداق بولغانلىقى ئەتىكى ئۇچۇرلاردا مەلۇم بولىدۇ.