ئوباما بىلەن خۇ جىنتاۋ ئاقسارايدا كۆرۈشۈپ سۆھبەتلەشتى

ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ ئامېرىكىغا يېتىپ كەلگەن كۈننىڭ ئەتىسى ئاقساراينىڭ قوراسىدا مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ، مەزكۇر خىتاي رەھبىرىنى كۈتۈۋالدى.

0:00 / 0:00

ئوباما مۇراسىمدا سۆزلىگەن سۆزىدە خەلقنىڭ ھوقۇقى ۋە ئورتاق ئىنسانلىق قىممىتى قوغدالسا، جەمئىيەتنىڭ تېخىمۇ ئادالەتلىك بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خۇ جىنتاۋ بولسا ئۆزىنىڭ بۇ سەپىرىنىڭ خىتاي-ئامېرىكا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئورتاق مەنپەئەت، ئورتاق مەسئۇلىيەت، ئۆز-ئارا ھۆرمەتنى ئالغا سۈرۈش ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. ئۇيغۇر، تىبەت، دېموكراتىك خىتاي ئۆكتىچىلەر ۋە ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان ئامېرىكىلىقلارنىڭ نۆۋەتتىكى دىققەت-نەزىرى ئوباما بىلەن خۇ جىنتاۋنىڭ قانداق مەسىلىلەرنى سۆزلىشىدىغانلىقىغا قارىتىلدى. ئاقساراي بولسا كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ سەيشەنبە كۈنى باشلانغان ئامېرىكا زىيارىتى خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى بارغانسېرى كۈچلۈك تەنقىدكە ئۇچراپ، ئامېرىكا-خىتاي ئارىسىدا خەلق پۇلى قىممىتى، سودا، بىخەتەرلىك، خىتاينىڭ ھەربىي كېڭەيمىچىلىكى، شىمالىي كورىيە مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيىسى، جەنۇبىي ۋە شەرقىي دېڭىزدىكى سىياسىي جۇغراپىيىلىك مەسىلىلەر جىددىي ئىختىلاپ پەيدا قىلغان بىر مەزگىلگە توغرا كەلگەن ئىدى. شۇڭا بۇ زىيارەت ئۇيغۇر، تىبەت، دېموكراتىك خىتايلار، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ئامېرىكا مەتبۇئاتلىرى يېقىندىن دىققەت قىلىدىغان زىيارەت بولۇپلا قالماي، ئادەتتىكى ئامېرىكىلىقلار يېقىندىن دىققەت قىلىدىغان زىيارەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. كىشىلەرنىڭ نۆۋەتتىكى دىققەت-نەزىرى ئىككى تەرەپنىڭ قايسى مەسىلىلەرنى قانداق سۆزلىشىدىغانلىقىغا مەركەزلەشكەن. ئاقساراي ھازىرغا قەدەر ئېلان قىلغان مەزكۇر زىيارەت توغرىسىدىكى باياناتلىرىدا، پرېزىدېنت ئوبامانىڭ خەلق پۇلىنىڭ كۇرسى، ئەقلى مۈلك ھوقۇقى، سودىدىكى پاسسىپ بالانسنى تۈزىتىش، شىمالىي كورىيە ۋە خەلقئارا بىخەتەرلىك قاتارلىق مەسىلىلەرنى مەركەزلىك مۇزاكىرە قىلىدىغانلىقىنى ۋە شۇنداقلا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلگەن ئىدى.

كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ئامېرىكا-خىتاي ئارىسىدا ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ھەل بولماي كېلىۋاتقان ئەنئەنىۋى ئىختىلاپلارنىڭ بىرىدۇر. بۇ قېتىم پرېزىدېنت ئوباما خۇ جىنتاۋنىڭ زىيارىتى مۇناسىۋىتى بىلەن ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدىكى بىر قىسىم ئەزالار، ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خۇ جىنتاۋغا بېسىم ئىشلىتىش ھەققىدىكى كۈچلۈك چاقىرىقىغا دۇچ كەلگەن ئىدى. ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى سەيشەنبە كۈنى پرېزىدېنت ئوباماغا مەكتۇپ يېزىپ، دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىسىنى

white_house_385
پرېزىدېنت ئوباما ئاقساراي قورۇسىدا خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋنى كۈتۈۋېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. 2011-يىلى 19-يانۋار. (RFA)

ئوتتۇرىغا قويۇشىنى، ئۇنىڭ خۇ جىنتاۋغا دىنىي ئەركىنلىكنىڭ نېمە ئۈچۈن ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىدىكى نېگىزلىك مەسىلە ئىكەنلىكىنى "ئېنىق چۈشەندۈرۈشى " نى تەلەپ قىلغان.

پرېزىدېنت ئوباما خۇ جىنتاۋنى ئاقسارايدا كۈتۈۋالغان بىر مەزگىلدە، ئاقساراينىڭ بىر قانچە كىلومېتىر نېرىسىدىكى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسىنىڭ تاشقى ئىشلار كومىتېتى ئىسپات بېرىش يىغىنى چاقىرىپ، يىغىندا تاشقى ئىشلار كومىتېتى رەئىسى ئېللىنا روس-لېتىنانت خانىم، ئەركىنلىك يېقىنقى 20 يىلدىن بۇيان شەرقىي ياۋروپادا پورەكلەپ ئېچىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئىسلاھاتنىڭ خىتايدا مەغلۇپ بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇ،ئىسپات بېرىش يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدىكى نۇتقىدا " تىبەت ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھوقۇقى ۋەھشىيلىك بىلەن رەت قىلىنىپ ۋە شۇنداقلا شىمالىي كورىيىلىك مۇساپىرلار مەجبۇرىي يۇرتىغا قايتۇرۇلۇپ، دۇنيادىكى تۇيغۇن كىشىلەرنىڭ ئۈزلۈكسىز دىققىتىنى قوزغىماقتا" دېگەن.

لېكىن، پرېزىدېنت دۆلەت مەجلىس ئەزالىرىنىڭ ۋە ئاممىۋى گۇرۇھلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويۇش توغرىسىدىكى چاقىرىقىغا چارشەنبە كۈنى ئاقسارايدىكى كۈتۈۋېلىش مۇراسىمدا ئىنكاس قايتۇردى. ئوباما خۇ جىنتاۋنى كۈتۈۋېلىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ئاقسارايدىكى قارشى ئېلىش مۇراسىمىدا كىشىلىك ھوقۇقنى تىلغا ئېلىپ، كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ "بىز يەنە شۇنىمۇ بىلىمىز، تارىخ شۇنى نامايان قىلدىكى، بارلىق دۆلەتلەر ۋە بارلىق خەلقلەرنىڭ ھوقۇقى ۋە مەسئۇلىيىتىگە ھۆرمەت قىلىنغاندا، جۈملىدىن ھەر بىر ئىنساننىڭ ئۇنىۋېرسال ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىنغاندا جەمئىيەت تېخىمۇ ئىناق، دۆلەتلەر تېخىمۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك ۋە شۇنداقلا دۇنيا تېخىمۇ ئادالەتلىك بولىدۇ" دەپ كۆرسەتتى. ئاقساراي قوراسىدا قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان مەزگىلدە ئۇيغۇر، تىبەت، فالۇنگۇڭ قاتارلىق خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى بىر قانچە يۈز كىشىلىك ئامما ئاقساراينىڭ ئارقا دەرۋازىسى ئالدىدىكى لافايېت باغچىسىدا نامايىش قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر، تىبەت، فالۇنگۇڭ مۇرىتلىرىغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى ئەيىبلىدى ۋە پرېزىدېنت ئوبامانىڭ خۇ جىنتاۋنى كۈتۈۋالغانلىقىغا نارازىلىقىنى بىلدۈردى.

ئوباما بىلەن خۇ جىنتاۋنىڭ ئاقساراي قورۇسىدىكى كۈتۈۋېلىش مۇراسىمىدىن كېيىن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىدە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنىڭ قايسى تەرىقىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقى ۋە بۇنىڭغا ئالاقىدار قانداق كونكرېت مەسىلىلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى مەلۇم ئەمەس. لېكىن، ئىككى دۆلەت رەھبىرىنىڭ سۆھبەتتىن كېيىن چاقىرغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا بۇ مەسىلە مۇخبىرلار تەرىپىدىن يەنە ئوتتۇرىغا قويۇلدى. پرېزىدېنت ئوباما مۇخبىرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، كىشىلىك ھوقۇقنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتىكى پەرقلەردىن ھالقىغان ئۇنىۋېرسال قىممەت ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: "خىتاي سىياسىي تۈزۈمى بىزدىن پەرقلىنىدۇ. ئۇ بىزدىن پەرقلىق تەرەققىيات باسقۇچىدا تۇرماقتا. ئۇ پەرقلىق تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشكە ۋە پەرقلىق مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنۈشىگە ئىگە. خۇددى مەن رەئىس خۇ جىنتاۋغا ئېيتقىنىمدەك، بىزنىڭ ئامېرىكىلىق بولۇش سۈپىتىمىزدە بەزى نېگىزلىك قىممەت قارىشىمىز بار. بىز بەزى ئۇنىۋېرسال ھوقۇقلارنى جۈملىدىن سۆز ئەركىنلىكى، دىنىي ئەركىنلىك ۋە يىغىلىش ئەركىنلىكىنىڭ ھەممىسىنى ناھايىتى مۇھىم، دەپ قارايمىز. بۇ نەرسىلەر مەدەنىيەت جەھەتتىكى پەرقلەردىن ھالقىغان نەرسىلەردۇر. شۇڭا مەن بۇ مەسىلىلەر ئۈستىدە خۇ جىنتاۋ بىلەن ناھايىتى سەمىمىي سۆھبەت ئېلىپ باردىم. مەن بۇ ئامىللارنىڭ بەزىدە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى جىددىيلەشتۈرۈۋېتىدىغانلىقىنى بىلىمەن. لېكىن، مەن بۇرۇنقى پرېزىدېنتلارغا ئوخشاش بۇ مەسىلىلەردە سەمىمىي سۆزلىشەلەيدىغانلىقىمىزغا، دىققىتىمىزنى ئوخشاش پىكىردىكى مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئوخشىمىغان قاراشتىكى مەسىلىلەردە ئۆز-ئارا پىكىر ئالماشتۇرالايدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمەن."

بۇ خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ يېقىنقى ئون نەچچە يىلدىن بۇيان ئامېرىكا زىيارىتىدە تۇنجى قېتىم ئامېرىكا پرېزىدېنتى بىلەن بىرلەشمە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىرىپ، مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. خۇ جىنتاۋ ئاقسارايدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا خىتاينىڭ ئامېرىكىغا بىلەن بولغان كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىكى كۆز قاراش پەرقىنى چۈشەندۈرۈپ، كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئۇنىۋېرساللىقنى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى، لېكىن ئۇنىۋېرسال كىشىلىك ھوقۇق ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈشى كېرەك، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ئاقلاپ، " مەن پرېزىدېنت ئوباما بىلەن ھازىرغا قەدەر 8 قېتىم ئۇچراشتىم. ھەر قېتىم ئۇچراشقاندا تەرەپلەر ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان ھەم ھەر قايسى تەرەپ ئۆز ئالدىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر ئۈستىدە سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردۇق. بۇ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. جۇڭگو بۇرۇندىن تارتىپ كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداپ ۋە ئۇنى ئالغا سۈرۈپ كەلدى. جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرى ھەممە كىشى ئېتىراپ قىلىدىغان تەرەققىياتقا ئېرىشتى. جۇڭگو كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئۇنىۋېرساللىق پرىنسىپىنى ئېتىراپ قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭغا ھۆرمەت قىلىدۇ. لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بىز يەنە كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئۇنىۋېرساللىقى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ كونكرېت ئەھۋالى بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈشى كېرەك، دەپ قارايمىز. نوپۇسى كۆپ ۋە ئىسلاھات باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان بىر دۆلەتكە نىسبەتەن، جۇڭگونىڭ جەمئىيەت ئىقتىسادى تەرەققىياتى نۇرغۇن رىقابەتكە دۇچ كەلمەكتە. كىشىلىك ھوقۇقنىڭ تەرەققىياتى خىزمىتىدە يەنە نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىشقا توغرا كېلىدۇ" دەپ كۆرسەتتى.

پرېزىدېنت ئوباما چارشەنبە كۈنى خۇ جىنتاۋننىڭ شەرىپىگە كەچلىك دۆلەت زىياپىتى بېرىدۇ. خەۋەرلەردىن قارىغاندا، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى كېڭەش پالاتاسىنىڭ دېموكراتىك ئاز سانلىقلار رەھبىرى خاررىي رېيد قاتارلىق بىر قىسىم زاتلار خۇ جىنتاۋنىڭ شەرىپىگە بېرىلىدىغان ئاقسارايدىكى كەچلىك زىياپەتكە قاتنىشىشنى رەت قىلىپ، زىياپەتنى بايقۇت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئوباما بىلەن خۇ جىنتاۋنىڭ ئاقسارايدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا خۇ جىنتاۋنىڭ بۇ مەسىلىگە قانداق ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقى سورالدى. لېكىن، خۇ جىنتاۋ بەزى كېڭەش پالاتا ئەزالىرىنىڭ كەچلىك زىياپەتنى بايقۇت قىلىش ۋەقەسىگە ئىنكاس قايتۇرۇشنى رەت قىلىپ، بۇ سوئالنىڭ ئوبامادىن سورۇلۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.