ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى باراك ئوبامانىڭ خىتاي زىيارىتىگە قانداق باھا بېرىدۇ؟

ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەندىن كېيىنكى خىتايغا قاراتقان تۇنجى زىيارىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا. ئەلۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ھوقۇقى ئۈچۈن پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرى ئوبامانىڭ نۆۋەتتىكى خىتاي زىيارىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئىجابىي تەسىرلەرنى مەيدانغا كەلتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

0:00 / 0:00

ئەمما

ئوبامانىڭ خىتاي تەرەپ بىلەن ئېلىپ بارىدىغان سۆھبىتىنىڭ ئاساسلىق تېمىسىOpens in new window ]

ھاۋا كىلىماتى، ئىقتىسادىي كرىزىس، شىمالىي كورىيە ۋە ئىران يادرو قوراللىرىنى تەرەققى قىلدۇرۇشنى توسۇش، سودا مەسىلىلىرى ئۈستىدىكى ئىختىلاپ قاتارلىق تېمىلار ئۈستىدە بولۇپ، خەلقئارا مەتبۇئاتلار ئىككى كۈنلۈك سۆھبەتتىن كېيىن ئوبامانىڭ خىتايغا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە ناھايىتى ئېھتىياتچان مۇئامىلىدە بولغانلىقىنى مۇھاكىمە قىلماقتا.

ئۇنداقتا ئوبامانىڭ خىتايدىكى زىيارىتىگە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى قانداق باھا بېرىدۇ؟ بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئادۋوكات نۇرى تۈركەل ئەپەندى ۋە سىياسىي پائالىيەتچى مەمەت توختى ئەپەندىلەرنى زىيارەت قىلدۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.