ئادەتلەنگەن يالغانچىلىقمۇ ياكى يەنە بىر قېتىملىق ئالدامچىلىقمۇ؟

پەلسەپە ساھەسىدە تەجرىبىچىلىك - بۇت بولمىغاندا بۇت ياساپ چىقىش، بۇتقا تاۋاپ قىلىش، بۇتنى ئۇلۇغلاپ دۆلەتكە، جەمئىيەتكە ھۆكۈمرانلىق قىلىش، تەجرىبىچىلىكنى قىبلىنامە قىلغان خىتاي مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ دۆلەت باشقۇرۇش ئۇسۇلى بولۇپ كەلگەن.
ﺋﻮﺑﺰﻭﺭﭼﯩﻤﯩﺰ ﺳﯩﺪﯨﻖ ﻫﺎﺟﻰ ﺭﻭﺯﻯ
2008.09.09

20‏ - ئەسىرنىڭ 60‏ - يىللىرىدا لى فىڭدىن ئۆگىنىش ۋە ماۋزېدۇڭ ئەسەرلىرىنى ئۆگىنىش، 70‏ - يىللاردا داجەيدىن ئۆگىنىش جۇڭگودا بۇت ياساپ چىقىش ۋە بۇتقا چوقۇنۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش دەپ ئاتىلاتتى. زامان 80‏ - يىللارغا كىرگەندە ھازىرقى شىنجىن شەھىرى ئىقتىسادى ئىسلاھات سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ ئۈلگىسى قىلىندى.

دۆلەت باشقۇرۇش ئەنئەنىسى ياكى دۆلەت باشقۇرۇش نەزىرىيىسى ياكى دۆلەت باشقۇرۇش ئىدېئولوگىيىسى مۇقىم بولمىغان ياكى مەدەنىيەت ئاساسلىرى كەمچىل بولغان بىر دۆلەتتە يولغا قويۇلغان نىسپى ھالدا ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان، كېرەك بولغاندا ئىشلىتىپ، كېرەك بولمىغاندا چۆرىۋېتىدىغان تەجرىبىچىلىككە تايىنىپ دۆلەت باشقۇرىدىغان خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى يېقىندا خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى خۇنەن ئۆلكىلىك كومىتېتىنىڭ سېكرىتارى جاڭ چۈنشەننىڭ ئاغزى ئارقىلىق 2008‏ - يىلى 8‏ - ئاينىڭ 31‏ - كۈنى جۇڭگو جەمئىيىتىگە بىر خەۋەر تارقاتتى. بۇ كىشى خۇنەندە" ئىدىيىنى ئازات قىلىش، مۇھاكىمە قىلىش" ھەرىكىتى قوزغىماقچى بولدى.

بۇ كىشى "ئىدىيىنى ئازات قىلغان"دا "ھوقۇقنى پۇقرالارغا قايتۇرۇپ بېرىش" كە "داۋاملىق دىققەت قىلىپ ئاۋۋال مەنپەئەتكە ئېرىشكۈچىلەرنىڭ مەنپەئەت قوغلىشىش خاھىشىنى چەكلەپ، ھوقۇقنى پۇقرالارغا قايتۇرۇپ بېرىشكە ئېتىبار بېرىپ سوتسىيالىستىك دېموكراتىيىنى زور كۇچ بىلەن تەرەققى قىلدۇرىمىز" دەپ كۆرسەتتى. بۇ كىشىنىڭ نۇتقى بېيجىڭنىڭ سىياسىي يۈزلىنىشىگە قىزىقىۋاتقان كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى. بۇ كىشىلەر ھۆكۈم قىلىپ:" جۇڭنەنخەي يىل ئاخىرىدا ھوقۇقنى پۇقرالارغا قايتۇرۇپ بېرىش" تىن ئىبارەت سىياسىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى يولغا قويامدۇ؟ دەپ سوئال قويۇشتى.

جۇڭگو جەمئىيىتىنى ئانالىز قىلغاندا، ماۋزېدۇڭ دەۋرى، نېمە خۇ جىنتاۋ دەۋرى دەيدىغان ئىبارىلەرنى زامان، ماكان مۇناسىۋەتلىرى ئىچىگە قويۇپ ئانالىز قىلىشقا مۇۋاپىق بولمايدۇ. چۈنكى دەۋىرلەرگە ئايرىش ئۈچۈن ئايرىلغۇچى دەۋەر زامان، ماكان خاراكتېرلىك ياكى سىياسەت خاراكتېرلىك تۈپلۈك ئۆزگىرىش ھاسىل قىلغان بولۇشى لازىم. مەسىلەن، رۇسىيە جەمئىيىتىنى لېنىن، ستالىن دەۋرى، نىكىتا خىروششىۋ دەۋرى، گورباچىۋ، يىلىتسىن دەۋرى دەيدىغان دەۋىرلەرگە تامامەن ئايرىش مۇمكىن. جۇڭگو جەمئىيىتى ماۋزېدۇڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىن خۇ جىنتاۋ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ بۈگۈنگىچە ماھىيەتلىك ئۆزگىرىش ھاسىل قىلمىغان جەمئىيەتتۇر.

مەيلى دېموكراتىك ئەللەردە بولسۇن ياكى ھاكىم مۇتلەق تۈزۈملۈك ئەللەردە بولسۇن جەمئىيەت تەرەققى قىلىشى كېرەك. نۇقۇل ئىقتىسادى تەرەققىيات ۋاقىتلىق بولۇپ قالىدۇ. مەنىۋىيەتنىڭ تەرەققى قىلىشى بىلەن ماددىئىيەتنىڭ تەرەققى قىلىشى بىردەك بولۇشى كېرەك دېيىلىدىغان بولسا، جۇڭگودا ماددىئىيەت تەرەققى قىلدى، لېكىن مەنىۋىيەت بوغۇپ تاشلاندى. جۇڭگودا ماددىئىيەتنىڭ تەرەققى قىلىشى بىر پۇتلۇق يول مېڭىشقا ئوخشاپ قالدى. ھەر قانداق تەرەققىيات سوبېكتىپ تىرىشچانلىقنىڭ نەتىجىسى دېيىلگەندىمۇ، مۇبادا زىددىيەتلىك ئوبيېكتىپ رېئاللىقنىڭ تەرەققىيات تەلەپلىرىگە سەل قارىلىدىغان بولسا، تەرەققىياتقا دونكىخوتچە، ئاكىيۇچە مۇئامىلە قىلىش ئوتتۇرىغا چىقاتتى. جۇڭگودا شۇنداق بولمىدىمۇ؟

بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، رېئاللىقنىڭ تەرەققىيات تەلەپلىرى ياكى قۇدرەتلىك بىر پارتىيىنىڭ ياكى قۇدرەتلىك بىر ئارمىيىنىڭ ئىرادىسىگە باغلىق بولمايدىغان پەقەت ئۆزىگە خاس ئىچكى قانۇنىيەتلەرنىڭ رول ئوينىشى ئارقىلىقلا روياپقا چىقاتتى. بىر جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتى بىر پارتىيىنىڭ ياكى بىر ئارمىيىنىڭ ئىرادىسىگە باغلىق بولۇپلا قالىدىغان بولسا، ماۋزېدۇڭنىڭ سىنىپى كۈرەش تەلىماتى جۇڭگودا ئىپتىدائىي كاپىتالىزمنىڭ ئۆتكۈنچى دەۋرىگە ئورۇن بەرمىگەن بولاتتى.

دۆلەت باشقۇرۇش دېگەنلىك، رېئاللىقنى ئاساس قىلىش، زىددىيەتلىك ئوبيېكتىپ رېئاللىقنىڭ تەلەپلىرىگە ماسلىشىش ۋە زىددىيەتلىك خاھىشلىرىنى ئۈمىدلىك نىشانغا يېتەكلەش دېگەنلىكتۇر. لېكىن بۇنىڭ مەنىسى ھازىرغىچە جۇڭگو رەھبەرلىرىنىڭ كاللىسىدا تەجرىبىچىلىككە باراۋەر بولۇپ كەلگەن. مۇبادا خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى دېموكراتىك ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشقا تەرەددۇت قىلغان بولسا، بۇنىڭ ئۇچۇن خۇنەن ئۆلكىسىنى ۋە جاڭ چۈنشەن ئەپەندىنى ئۈلگە قىلىپ تىكلىگەن بولسا ئۇنداقتا، رېئاللىقنىڭ تەلەپلىرىگە جاۋاب بېرىشكە مەجبۇر بولۇپ قالدىمۇ؟

ماۋزېدۇڭ ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە سىنىپى كۈرەش، دىڭ شاۋپىڭ ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە ئىقتىسادى ئىسلاھات، جاڭ زېمىن ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇپ كىرىش، خۇ جىنتاۋ ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان مەزگىلدە يەر شارىلىشىش، دېمۇكراتىك ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش كۈن تەرتىپكە قويۇلامدۇ ‏ - قانداق؟ ئەگەر شۇنداق يولغا قويۇلىدىغان بولسا، بۇ ئادەتلەنگەن يالغانچىلىق بولۇپ قالامدۇ ياكى يەنە بىر قېتىملىق ئالدامچىلىق بولۇپ قالامدۇ؟


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.