خىتاينىڭ ئاتالمىش " يەر ئىسلاھاتى " ۋە ئۆز يېغىدا ئۆزىنى قورۇش سىياسىتى
ئەينى چاغدىكى " يەر ئىسلاھاتى " مەزگىلىدە، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ " پومېشچىك " دەپ ئاتالغان ئۇيغۇر يەر ئىگىلىرىنىڭ مال - - مۈلۈك ۋە تېرىلغۇ يەرلىرىنى تارتىۋېلىپ، ئۇنى يېرى يوق ياللانما دېھقانلارغا بۆلۈپ بېرىش سىياسىتى، خېلى كۆپ ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى مەمنۇن قىلغان ئىدى، چۈنكى يېرى يوقلارنىڭ سانى، يەر ئىگىلىرىنىڭ سانىدىن كۆپ ئىدى.
خىتاي ھاكىمىيىتى، يۇقىرىقىدەك ئۇيغۇرنىڭ يېرىنى تارتىۋېلىپ ئۇيغۇرغا بۆلۈپ بېرىش سىياسىتىنى، " ئادالەتسىزلىكنى يوقىتىپ، ھەممە كىشىنى ئورتاق تەرەققى قىلدۇرۇش سىياسىتى " دەپ تەشۋىق قىلغان، خىتاينىڭ بۇ خىل ئۆز يېغىدا ئۆزىنى قورۇش سىياسىتى ئەينى چاغدا قۇربان تۇلۇمغا ئوخشىغان كۆپلىگەن ساددا ئۇيغۇر دېھقانلارنىڭ " دۇئاسى " غا ئېرىشكەن ئىدى.
يېڭى باش كۆتۈرۈپ چىققان خىتاي " پومېشچىك " لار
ئارىدىن يېرىم ئەسىر ئۆتۈپ، بۈگۈن شەرقىي تۈركىستاندا يەنە " پومېشچىكلار سىنىپى " قايتىدىن باش كۆتۈرۈپ چىقتى، قىزىق يېرى شۇكى، بۇ ھازىرقى زامان پومېشچىكلىرى بۇ تۇپراقنىڭ ئىگىلىرى ھېسابلانغان ئۇيغۇرلار ئەمەس، بەلكى ئىلگىرى بىر بۇردا نانغا زار بولۇپ شەرقىي تۈركىستانغا ئېقىپ كىرگەن خىتاي كۆچمەنلىرى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىغە قىلمىغان ئەسكىلىكلىرى قالمىغان گومىنداڭ ۋە كوممۇنىست خىتاي ئەسكەرلىرى ئاساسىدا قۇرۇلغان بىڭتۈەنلىك خىتايلار ئىدى.
سىزگە ئاددى بىر مىسالنى كۆرسىتىپ ئۆتەي، " شىنجاڭ گېزىتى " نىڭ بۇ يىل 9 - ئاينىڭ 4 - كۈنىدىكى سانىدا ئېلان قىلىنغان بىر خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، بىڭتۇەن يېزا ئىگىلىك 10 - دېۋىزىيىسى 184 - پولكتىكى خىتاي دېھقان شۆ خۈي بۇ يىل 6000 مو يەرگە پاختا تېرىغان، پاختىسىنى يىغىۋېلىش ئۈچۈن 1000 نەپەر ياللانما دېھقانغا ئېھتىياجى بولغىنى ئۈچۈن، ئۆزى نىڭشيا ئۆلكىسىنىڭ خىجى ناھىيىسىگە بېرىپ 793 نەپەر خىتاينى ياللىۋېلىپ پويىز بىلەن شەرقىي تۈركىستانغا ئېلىپ كەلگەن، ئەمما ئۈرۈمچى پويىز ئىستانسىسىغا كەلگەندە، 710 نەپەر خىتاي قېچىپ كېتىپ، قۇمغا سىڭگەندەك يوقاپ كەتكەن.
دېمەك، بىڭتۈەنلىك بىر خىتاي دېھقاننىڭ ئىگىلىۋالغان يېرى 6000 مو، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن خىتاي ئۆلكىلىرىدىن يۆتكەپ كەلگەن مەدىكارلىرىنىڭ سانى 793 نەپەر.
50 - يىللاردا ئېلىپ بېرىلغان " يەر ئىسلاھاتى " جەريانىدا چالما - كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈلگەن مىڭلىغان بىچارە ئۇيغۇر " پومېشچىك " لىرىنىڭ ھېچبىرىنىڭ بۇنچە كۆپ تېرىلغۇ يېرى، بۇنچە كۆپ مەدىكارى يوق ئىدى.
بۈگۈن، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان قەشقەر، ئاتۇش، خوتەن قاتارلىق جەنوبىي رايونلىرىنىڭ يېزىلىرىدا ھەر بىر ئۇيغۇر ئەمگەك كۈچىگە توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يەر كۆلىمى بىر موغىمۇ بارمايدۇ، دېمەك، بىڭتۈەنلىك يۇقىرىقى خىتاينىڭ ئىگىلىۋالغان تېرىلغۇ يېرى، قەشقەر، خوتەن ۋىلايەتلىرىدىكى خېلى چوڭ بىر يېزىنىڭ ئومۇمىي تېرىلغۇ يەر كۆلىمى بىلەن تەڭلىشىپ قالىدۇ.
خىتاي ھاكىمىيىتىمۇ ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى نامراتلىق ھالىتىنى، " ئەمگەك كۈچى كۆپ، تېرىلغۇ يەر ئاز " دەپ ئىزاھلاپ كېلىۋاتىدۇ.
خىتاي تىلغا ئېلىپ كەلگەن " ئاچ - يالىڭاچلار " نىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر دېھقانلىرى
" ئاپتونوم رايونلۇق ئەمگەك ۋە خەلق ئىشلىرى نازارىتى " نىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندا يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمى 700 يۇەندىن تۆۋەن بولغان " نامراتلار " دەپ بېكىتىلگەن 1 مىليون 500 مىڭغا يېقىن دېھقاننىڭ ھەممىسىلا جەنوبىي رايونلاردىكى ئۇيغۇر دېھقانلىرىدىن ئىبارەت. بۈگۈن، جەنوبىي رايونلاردىكى ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ يىللىق كىشى بېشىغا توغرا كىلىدىغان ئوتتۇرىچە كىرىمى 1500 يۇەن ئەتراپىدا.
خىتاينىڭ ئۇيغۇر دېھقانلىرىغا قاراتقان ئاتالمىش " غەمخورلۇق " سىياسىتى
خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى بۇ خىل نامراتلىق ھالىتىدىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن كىچە - كۈندۈز ئۇخلىماي ئويلاپ تاپقان چارىسى تۆۋەندىكى 3 نۇقتىغا مەركەزلەشكەن.
بىرىنچىدىن، ئۇيغۇر دېھقانلىرىمۇ خۇددى خىتايلاردەك بىرلا پەرزەنت كۆرۈشى، ھەتتا ھېچ پەرزەنت كۆرمەسلىكى كېرەك، چۈنكى بالا -- چاقىنىڭ كۆپ بولۇشى، نامراتلىقنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرىنىڭ بىرى. ئەگەر ئاسان باي بولىمەن دېسەڭ، ئايالىڭنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ تۇغماسلىق ئوپىراتسىيىسى قىلدۇرۇپ ياكى ئۆزەڭنى ئاختا قىلدۇرۇپ، " پىلانلىق تۇغۇت شەرەپ گۇۋاھنامىسى " ئېلىشىڭ كېرەك، نەسلىڭنى قۇرۇتۇش بەدىلىگە ئېرىشىدىغان مۇكاپات پۇلۇڭ 3000 - 5000 يۇەن ئەتراپىدا.
ئىككىنچىدىن، ئەمگەك كۈچى كۆپ، تېرىلغۇ يەر ئاز بولغىنى ئۈچۈن، يۇرت - ماكانىڭنى تاشلاپ باشقا يۇرتلارغا، ھەتتا خىتاينىڭ ئۆلكىلىرىگە مەدىكارچىلىققا بېرىشىڭ كېرەك. خىتاينىڭ بۇ سىياسىتى، پەقەتلا قەشقەر رايونىنىڭ ئۆزىدىلا يىلىغا يېرىم مىليونغا يېقىن ئۇيغۇر دېھقاننىڭ باشقا يۇرتلارغا سەرسان، - سەرگەردان بولۇپ چىقىپ كىتىشىگە، 10 مىڭلىغان ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ خىتاينىڭ ئۆلكىلىرىدە خورلۇق چېكىشىگە سەۋەبچى بولماقتا.
ئۈچىنچىدىن، ئەگەر ئىستىقبالىم پارلاق بولسۇن دېسەڭ، جەزمەن خىتايچە ئۆگىنىشىڭ، بالا - چاقىلىرىڭنى خىتايچە يەسلى -مەكتەپلەردە ئوقۇتۇشۇڭ شەرت، خىتايچە بىلمىسەڭ ئۆز ۋەتىنىڭدە ئىش يوق، ئاش - نان يوق. خىتاي ۋەدە قىلغان بۇ ئاتالمىش " ئىستىقبال "، ئۆزەڭنىڭ مىللىي ئالاھىدىلىكلىرىنى يوقىتىش بەدىلىگە توختايدىغان جازانىخورلارچە بىر " ئىستىقبال " دىن ئىبارەت !
خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۆز كۆچمەنلىرىگە قاراتقان ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرى
ئەمما دەل بۇنىڭ ئەكسىچە، كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتى شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي كۆچمەنلىرىگە، بولۇپمۇ ئۆز ھاكىمىيىتىنىڭ تۈۋرۈكى ھېسابلانغان بىڭتۈەنلىك خىتايلارغا قارىتا ئەينى ۋاقىتتىكى گومىنداڭ ھۆكۈمىتى " پومېشچىك " دەپ ئاتالغان بايلارغا قارىتا قانداق ئېتىۋار بېرىش ۋە قوغداش سىياسىتىنى يۈرگۈزۈپ كەلگەن بولسا، دەل شۇ سىياسەتنى گومىنداڭدىنمۇ ئاشۇرۇپ ئىجرا قىلىپ كەلمەكتە.
مەسىلەن، " شىنجاڭ ئاخبارات تورى " نىڭ 2007 - يىلى 2 - ئاينىڭ 24 - كۈنىدىكى خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھاكىمىيىتى، ئاتالمىش " ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى " قارمىغىدىكى 3 مىليونغا يېقىن خىتاي ئىشچى - خىزمەتچىلەردىن ئېلىنىدىغان يەر بېجىنى پۈتۈنلەي بىكار قىلىشنى قارار قىلغان.
يەنە مەسىلەن، " بىڭتۇەن گېزىتى " دە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بىڭتۈەنلىك خىتايلاردىن غەللە - پاراق ئېلىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە 2006 - يىلىنىڭ ئۆزىدىلا بىڭتۈەنلىك خىتايلارنىڭ ئولتۇراق ئۆيلىرىنى يېڭىلاش، دوختۇرخانا، مەكتەپ سېلىش، سۇ ئىنشائاتى قۇرۇلۇشىنى تەرەققى قىلدۇرۇش ئۈچۈن 910 مىليون يۇەن مەبلەغ ئاجراتقان.
تېرىلغۇ يەر كۆلىمىنىڭ يېرىمى دېگۈدەك بىڭتۇەننىڭ كونتروللۇقىدا
بەزى ستاتىستىكىلارغا ئاساسلانغاندا، نۆۋەتتە بىڭتۇەن تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان تېرىلغۇ يەر كۆلىمى، پۈتۈن شەرقىي تۈركىستاندىكى ئومۇمىي تېرىلغۇ يەر كۆلۈمىنىڭ تەخمىنەن يېرىمىغا يېقىنراقىنى تەشكىل قىلغان بولۇپ، بىڭتۈەنلىك ھەر بىر خىتايغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 30 - 40 مودىن تېرىلغۇ يەر توغرا كېلىدۇ.
مەسىلەن، " تيانشان تورى " نىڭ بۇ يىل 8 - ئاينىڭ 25 - كۈنىدىكى بىر خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل شەرقىي تۈركىستاندا 17 مىليون مو يەرگە پاختا تېرىلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە بىڭتۈەنلىك خىتايلارنىڭ ئىگىلىگەن يېرى 7 مىليون 920 مىڭ مو، يەنى پۈتۈن شەرقىي تۈركىستاننىڭ پاختا تېرىلغۇ يەر كۆلىمىنىڭ يېرىمىغا يېقىن. ئەمەلىيەتتە بىڭتۈەنلىك خىتايلارنىڭ نوپۇسى، پۈتۈن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ پەقەتلا 11 - 12 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ.
بۈگۈن يېرىنىڭ كۆپلىكىدىن ئەمگەك كۈچى يېتىشمەي يىلىغا خىتاينىڭ ئۆلكىلىرىدىن مىليونلاپ خىتاي كۆچمەنلىرى يۆتكەۋاتقانلار يەنىلا بىڭتۈەنلىك خىتايلاردىن ئىبارەت.
قىسقىسى، خىتاينىڭ سىياسى ۋە ئىقتىسادى جەھەتتىكى ئادالەتسىز سىياسىتى بۈگۈن، ئەينى چاغدىكى ئۇيغۇر " پومېشچىك " لىرىنى يېڭى باش كۆتۈرۈپ چىققان خىتاي " پومېشچىك " لىرىنىڭ ياللانما دېھقانلىرىغا ئايلاندۇرۇپ قويدى !