چۈنكى خىتاي، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، " ئولىمپىكنىڭ بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈۋاتقان ئاساسلىق ئامىل - شەرقىي تۈركىستان تېررورچىلىرىدىن ئىبارەت " دېگەن سەپسەتىنى بازارغا سېلىپ، شەيتاننىڭمۇ ئەقلىگە كەلمەيدىغان ساختا " دەلىل - ئىسپاتلار " نى توقۇپ چىقىپ، دۇنيا سىياسى سەھنىلىرىدە ئولىمپىكتىن كېيىن شەرقىي تۈركىستاندا باشلاتماقچى بولغان چوڭ تازىلاش ھەرىكىتى ئۈچۈن جامائەت پىكرى توپلاشقا تىرىشقان ئىدى.
دەر ۋەقە شۇنداق بولدى، 9 - ئاينىڭ 10 - كۈنى ئۈرۈمچىدە چاقىرىلغان، " ئاپتونوم رايونلۇق كادىرلار خىزمەت يىغىنى " بولسا ماھىيەتتە خىتاي تەرىپىدىن باشلىتىلغان يېڭى تازىلاش ۋە باستۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ۋە سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئىدى.
خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنى ئاياغلىشىپ تېخى ئىككى ھەپتە ئۆتمەيلا ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ھەرىكەتلىرىگە قارىتا ئىچكى - تاشقى جەھەتتە باشلاتقان بۇ ئومۇمىي ھۇجۇمى، بۇ قېتىمقى ھەرىكەتنىڭ ئاللىبۇرۇن پىلانلانغان سېستىمىلىق بىر ھەرىكەت ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ تۇرماقتا.
قورچاق رەئىس نۇر بەكرىنىڭ بۇ قېتىمقى سەپەرۋەرلىك يىغىنىدا بەرگەن دوكلاتى، شەكىل ۋە مەزمۇن جەھەتتە تەلۋىلىك، ئۈمىدسىزلىك ۋە قىساسخورلۇق بىلەن تولغان ئىدى.
دوكلاتتا، رابىيە خانىمغا، ئۇنىڭ رەھبەرلىكىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغىلا ئەقەللى ئەخلاق ئۆلچەملىرىدىن ھالقىغان ھاقارەتلىك كەلىمىلەر سەرپ قىلىنىپلا قالماستىن، ھەتتا پۈتۈن غەرب دۇنياسىنى " دۈشمەن كۈچ " دەپ ئېلان قىلىنغان ئىدى.
نۇر بەكرىنىڭ رابىيە قادىر خانىمغا تەلۋىلەرچە ھاقارەت ياغدۇرۇشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى، 1 مىليارد 300 نەچچە مىليون ئىنسانغا مۇتلەق رەۋىشتە ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان ئۆز ھاكىمىيىتىنىڭ رابىيە خانىمدەك بىر ئۇيغۇر ئانىنى باش ئەگدۈرۈشكە، تىز پۈكتۈرۈشكە ئاجىز قېلىۋاتقانلىقى شۇنداقلا سىياسى، ئىقتىسادى ۋە دىپلوماتىيە جەھەتتە شۇنچە زور بەدەل تۆلىشىگە قارىماستىن، دۇنيا سىياسى سەھنىلىرىدە رابىيە خانىمغا ۋە ئۇنىڭ رەھبەرلىكىدىكى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىگە ئارقا - ئارقىدىن لەت ۋە مات بولۇشى ئىدى.
خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ۋە ئۇنىڭ قورچاق رەئىسىنىڭ بۇنچە سەپرايىنى ئۆرلىتىۋەتكەن نەرسە، رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئەركىن دۇنياغا ئاياق باسقان قىسقىغىنە 3 - 4 يىل مابەينىدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى خەلقئارالاشتۇرۇش جەھەتتە زور قەدەم ۋە مۇساپىلارنى باسقانلىقىدىن ئىبارەت ئىدى.
شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ خەلقئارالىشىشى دېمەك، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق - ھوقۇقلىرىنىڭ، شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ خەلقئارا جامائەتچىلىك تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنىشى دېمەكتۇر، بۇ، خىتاي ئۈچۈن بىرىنچى دەرىجىلىك زور تەھدىت ئىدى.
ئۇنداقتا نۇر بەكرىنىڭ ئۆز دوكلاتىدا ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى دېموكراتىك غەرب ئەللىرىنى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسانى ھەق - ھوقۇقلىرىنى يوقلاپ كېلىۋاتقان خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنى دۈشمەن قاتارىغا قويۇپ، ئۇلارغا قارشى ئوچۇقچە جەڭ ئېلان قىلىشىدىكى سەۋەب نېمە ؟
گەرچە خىتاي ھاكىمىيىتى بۇرۇندىن ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان زۇلۇم ۋە باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى پەدەزلەش ۋە ئۆزىنىڭ جىنايى قىلمىشلىرىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ھەق - ھوقۇقلىرىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن خىتاي زۇلمىغا قارشى ئېلىپ بارغان ھەرىكەتلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئاتالمىش " تاشقى دۈشمەن كۈچلەرنىڭ قۇترىتىشى " گە باغلاش تاكتىكىسىنى قوللىنىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما كېيىنكى 10 يىلدىن بۇيان، بولۇپمۇ " 11 - سېنتەبىر " ۋەقەسىدىن بۇيان ئەسلى تاكتىكىسىنى ئۆزگەرتىپ، " خەلقئارا تېررورغا قارشى ھەرىكەتتە ئاكتىپ يەر ئالىمىز " دېگەن نىقاپ بىلەن غەرب ئەللىرىگە ۋە خەلقئارالىق تەشكىلاتلارغا شىرىن كۆرۈنۈشكە تىرىشىپ كەلگەن ۋە سىياسى، ئىقتىسادى ۋە دېپلوماتىيە جەھەتتىكى كوزۇرلىرى ئارقىلىق غەرب ئەللىرىنىڭ شۇنداقلا غەرب ئەللىرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان ھېسداشلىقى ۋە قوللىشىنى يوقىتىشقا ئۇرۇنغان ئىدى، ئەمما خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئەسلى مەقسىتىنىڭ خەلقئارا تېررورغا قارشى تۇرۇش ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ھەرىكەتلىرىنى باستۇرۇش ئىكەنلىكىنى دۇنيا جامائەتچىلىكى ئوبدان تونۇپ يەتكىنى ئۈچۈن، خىتاينىڭ بۇ ئىستراتېگىيىسىمۇ بازار تاپالمىدى.
مەسىلەن، ئۆتكەن يىلى 3 - ئاينىڭ 6 - كۈنى خىتاينىڭ ياۋروپا بىرلىكىدە دائىمىي تۇرۇشلۇق ئەلچىسى مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ، رابىيە خانىمنى ۋە ئۇنىڭ رەھبەرلىكىدىكى " دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى " نى، " تېررورچىلار بىلەن مۇناسىۋىتى بار، ئۇلار دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى ئۆزلىرىگە شوئار قىلىۋالغان بىلەن، ئەسلى مەقسىتى مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان قۇرۇش " دەپ ئەيىبلىگەن شۇنداقلا ياۋروپا پارلامېنتى ۋە ئەزالىرىدىن رابىيە خانىم ۋە " دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى " ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشمەسلىكنى تەلەپ قىلغان، ئەكسى تەقدىردە خىتاي بىلەن ياۋروپا بىرلىكىنىڭ مۇناسىۋەتلىرىگە سەلبىي تەسىر يەتكۈزىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن ئىدى.
ئەمما 3 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، دۇنيادا كۈچلۈك تەسىر ۋە نوپۇزغا ئىگە 7 خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئورتاق بايانات ئېلان قىلىپ، " رابىيە قادىر خانىم ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، تىنچ يول ۋە دېموكراتىك پرىنسىپلار ئاساسىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قاتتىق قول سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈۋاتىدۇ، بىز رابىيە خانىم رەھبەرلىكىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ پائالىيەتلىرىنى قوللاپ - قۇۋۋەتلەشتىن پەخىرلىنىمىز " دەپ كۆرسەتكەن ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رابىيە خانىم ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنى تېررورچىلىققا چېتىش ھەرىكىتىنىڭ ئاللىقاچان خەلقئارا جامائەت ئالدىدا مەغلۇپ بولغانلىقىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە، ياۋروپا بىرلىكىنى خىتايغا تىز پۈكمەسلىككە چاقىرغان ئىدى.
بۇ ھادىسىدىن كېيىن، رابىيە خانىم ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ ياۋروپا پارلامېنتىنى بىر قانچە قېتىم بىمالال زىيارەت قىلىپ، كۆپلىگەن پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن ئۇچرىشىپ سۆھبەت ئېلىپ بارغانلىقى، يەنە ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ 100 گە يېقىن ئەزاسىنىڭ رابىيە خانىمنى قوللاش مۇراجىتىگە ئىمزا قويغانلىقى، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ خەلقئارا سىياسى سەھنىلىرىدىكى يەنە بىر چوڭ مەغلۇبىيىتى ئىدى.
دېمەك، خەلقئارا سىياسى سەھنىلەردە ئارقا - ئارقىدىن مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان ۋە دېموكراتىك غەرب ئەللىرىدىن پۈتۈنلەي ئۈمىدىنى ئۈزگەن خىتاي ھاكىمىيىتى مانا بۈگۈن يەنە ئۆزىنىڭ ئەسلى قىياپىتىگە قايتتى ۋە " ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۈشمەن كۈچلىرى " دېگەن شوئارىنى قايتا كۆتۈرۈپ چىقىپ، غەرب ئەللىرىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق قىممەت قارىشى ھېسابلانغان دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق پرىنسىپلىرىغا قارشى ئاشكارا جەڭ ئېلان قىلدى.
ئەپسۇسكى، خۇددى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر سىياسى پائالىيەتچىلىرىنىڭ بايان قىلغىنىدەك، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ رابىيە خانىمغا، ئۇنىڭ رەھبەرلىكىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا ۋە ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب ئەللىرىگە قارشى ھازىرلاپ چىققان يۇقىرىقى " جەڭنامە " سىنى ئېلان قىلىشىتا، ئۆز مىللىتىنىڭ نەپرىتى ۋە قاغىشىغا ئۇچراپ كېلىۋاتقان نۇر بەكرىدەك بىر قورچاق رەئىسنى ۋاستە قىلىپ تاللىغانلىقى، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ جاسارەتسىزلىكىنىڭ شۇنداقلا ئۇيغۇر خەلقىغە سېلىۋاتقان زۇلۇملىرىدىن خۇدۈكسىرەش تۇيغۇسىنىڭ روشەن ئالامەتلىرى ئىدى.