ئۆچلۈك ساقلىماسلىق گۈزەل ئەخلاق

ئەخلاق - پەزىلەتلىك كىشىلەرنىڭ قەلبىدە بىراۋغا قارشى ئۆچ - ئاداۋەت بولمايدۇ. بىرەر كىشىنىڭ پايدىغا ئېرىشكەنلىكىنى كۆرگىنىدە ئۇنىڭغا سۆيۈنىدۇ. بېرەر كىشىگە زىيان يەتكەنلىكىنى كۆرگىنىدە قايغۇرىدۇ. چۈنكى مۇنداق كىشىلەر پۈتۈن ئىنسانىيەتكە ياخشلىق ۋە بەخت تىلەيدۇ.

0:00 / 0:00

ئىنسانلارنىڭ ھەممىسى شۇنداق بولىدىغان بولسا پۈتۈن دۇنيا خەلقى بەخت - سائادەتتىن ئورتاق ھۇزۇر ئالغان ۋە ئۆزئارا سۆيگۈ - مۇھەببەت ئورتاقلاشقان بولار ئىدى.

ئۆچلۈك - ئاداۋەتنىڭ خەتىرى چوڭ

سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ئالىم مۇھەممەد نىياز ھاجىم ئۆچ - ئاداۋەتنىڭ خەتىرى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:" مەرھۇم ئۇستاز مۇھەممەد غازالى 'مۇسۇلماننىڭ ئەخلاقى' ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق دەپ يازغان: ' شۈبھىسىزكى، دۈشمەنلىك، ئۆچمەنلىك ۋە ئاداۋەتلەر ئىنسانلار ئارىسىدا ئۆسۈپ تەرەققى قىلىپ يىلتىز تارتسا، ئۇنىڭ تىكەنلىرى شاخلانسا ئىماننىڭ نازۇك چېچەكلىرىنى سولاشتۇرۇپ مېھرى - مۇھەببەت ۋە تىنچلىقتىن ئىبارەت گۈزەل ئىزنالىرىنى يوقىتىپ قويىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئىبادەتلەرنى ئورۇندىغاننىڭمۇ پايدىسى بولمايدۇ. چۈنكى بۇزۇلغان قەلب بىلەن قىلىنغان ئىبادەتنىڭ پايدىسى يوق. دۈشمەنلىشىش، ئاداۋەت ساقلاش ئەقىلنى سۇسلاشتۇرۇپ ئادىمىگەرچىلىككە خىلاپ بولغان كىچىك گۇناھلارنى، لەنەتكە دۇچار قىلىدىغان چوڭ گۇناھلارنى سادىر قىلىشقىمۇ سەۋەب بولىدۇ. ئەخلاقىي پەزىلەتلەردىن كۆز يۇمدۇرۇپ رەزىللىكلەرنى چوڭ كۆرسىتىدۇ. بەزىدە يالغان - ياۋىداق گەپلەرنى توقۇپ چىقىشقا ئۈندەيدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى ناچار ئىشلار بولۇپ، دۇنيادىكى پۈتۈن دىنلار ئۇنى رەت قىلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر كۈنى ساھابىلىرىغا :' مەن سىلەرگە روزا تۇتۇش، ناماز ئوقۇش ۋە سەدىقە بېرىشتىنمۇ دەرىجىسى يۇقىرى بولغان بىر ئىشنى ئېيتىپ بېرەيمۇ؟ ئۇ بولسىمۇ ئاداۋەتلىشىپ قالغانلارنىڭ ئارىسىنى ياراشتۇرۇپ قويۇشتۇر،' دەپ كۆرسەتكەن.' "

ئۆچلۈك بارچە يامانلىقلارنىڭ باشلامچىسى

مۇھەممەد نىياز ھاجىم ئۆچلۈك ۋە ئاداۋەتنىڭ بارچە يامانلىقلارغا تۈرتكە بولىدىغانلىقى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: " دۇنيادا نۇرغۇن پەس ئەخلاقلار بار بولۇپ، دىققەت قىلغان ئادەم ئۇنىڭ مەنبىيىنى بىلەلەيدۇ. شۈبھىسىزكى، ئۇلارنىڭ ئىپادىلىنىشى ئوخشاش بولمىسىمۇ ئۇنىڭ سەۋەبى پەقەتلا بىردۇر. ئۇ بولسىمۇ ئۆچلۈك ۋە ئاداۋەت ساقلاشتىن ئىبارەت. مەسىلەن: باشقىلارغا تۆھمەت چاپلاش قاتتىق ئۆچلۈكتىن كېلىپ چىقىدىغان بىر بىر جىنايەت بولۇپ، ھەقىقەتنى ئاستىن - ئۈستۈن قىلىۋېتىش، گۇناھسىز كىشىلەرگە ئازار بېرىشتەك پاسسىپ تەسىرى زور بولغاچقا ئۇ پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ لۇغىتىدە ئەڭ قەبىھ جىنايەت سانىلىدۇ. مۇسۇلمانلارغا نىسبەتەن ئەڭ ئېغىر گۇناھتۇر. كىشىلەرنىڭ ئەيىبىنى ئىزدەش، مەقسەتلىك ھالدا ئۇلارغا ئەيىب قويۇش شۇ ئادەمنىڭ ۋۇجۇدىدىكى رەزىللىك ۋە پەسلىكنىڭ ئالامىتىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇسۇلمانلارنى كىشىلەرگە تۆھمەت چاپلاشنىڭ يامان ئاقىۋىتىدىن ئاگاھلاندۇرۇپ:" كىمكى باشقىلارغا ئەيىب قويۇش ئۈچۈن يوق ئىشنى بار دەپ ئۇنىڭغا چاپلىغان بولسا، شۇنىڭ ھەقىقىتىنى ئېلىپ كەلمىگىچە ئاللاھ ئۇنى دوزاختىن چىقارمايدۇ"دەپ كۆرسەتكەن. يالغاندىن چاپلىغان تۆھمەتنىڭ ھەقىقىتىنى قانداقمۇ ئېلىپ كەلگىلى بولسۇن! بۇ مۇمكىن ئەمەس ئىش."

گەپ توشۇش رەزىل خۇلۇقتۇر

مۇھەممەد نىياز ھاجىمنىڭ ئېيتىشىچە، يامان گەپنى ئاڭلىغان ئادەم ئۇنى تارقىتىۋەتمەستىن شۇ ئورنىدىلا يېپىۋەتسە كۆپلىگەن كۆڭۈلسىزلىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالغان بولىدۇ. چۈنكى نۇرغۇن يامان سۆزلەر باركى، ئۇ دېيىلگەن يەردىلا قالسا ئۆزلىكىدىن يوقاپ كېتىدۇ.

ئەگەر ئۇ سۆز ئەتراپقا تارقىتىلغاندا بەزى ئوت قۇيرۇق، سۇخەنچى( يەنى گەپ توشۇغۇچى) ئادەملەر ئۇنى تېخىمۇ پۈۋلەپ يالقۇنجىتىدۇ - دە، ئۇچقۇنى ھەممە ياققا تۇتۇشۇپ تەسۋىرلىگۈسىز ئازاب - ئوقۇبەتلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ. شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىسىدە:" سۇخەنچى جەننەتكە كىرمەيدۇ"دەپ كۆرسەتكەن.

ئۆچلۈك ساقلىماسلىق ئېسىل پەزىلەت

مۇھەممەد نىياز ھاجىمنىڭ ئېيتىشىچە، ئۆچلۈك ۋە ئاداۋەت ساقلىماسلىق بىر خىل ئېسىل پەزىلەت بولۇپ، بۇنداق پەزىلەتكە ئىگە بولغان ئادەم ئۆزىنىڭ غەلىبە ۋە مەغلۇبىيىتىنى باشقىلارغا باغلىۋالمايدۇ. چۈنكى ئۆزى مەغلۇب بولغان ۋاقىتتا باشقىلار غەلىبە قازىنىشى مۇمكىن. ئۆزى كەينىدە قالغان ۋاقىتتا باشقىلار ئالدىغا ئۆتۈپ كېتىشى مۇمكىن. ئەمما ئۆزى پايدا ئالالمىغانلىقى ئۈچۈن پايدا ئالغان ھەر بىر ئادەمنىڭ زىيان تارتىشىنى ئۈمىد قىلىش تولىمۇ ئەخمەقلىق ۋە پەسلىكتۇر. قەلبتىكى ئۆچلۈك - ئاداۋەت ئىگىسىنى ھەر خىل رەزىللىكلەرگە ئىتتىرىدۇ.

بىراۋغا ئۆچى بولغان ئادەم ئۇنىڭ ئەيىبلىرىنى يېپىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئۇنىڭ ياخشى ئىشلىرىنىمۇ كىشىلەرگە يامان قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنىدۇ. شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:" كىمكى بىراۋنىڭ ئەيىبىنى بىلىپ تۇرۇپ ياپسا، قىيامەت كۈنىدە ئاللاھ ئۇنىڭ ئەيىبىنى ياپىدۇ،" دەپ كۆرسەتكەن.