'ئوغرىنىڭ يۈرۈكى پوك ‏- پوك'

ئۇيغۇرلاردا "ئوغرىنىڭ يۈرىكى پوك ‏- پوك" دەيدىغان بىر ئەقىلىيە سۆزى بار. چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ 5 ‏- ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدىن بۇيان شەرقىي تۈركىستان رايونىدا يولغا قويغان تېلېفۇن ۋە ئىنتېرنېت ئالاقىسىنى پۈتۈنلەي ئۈزۈپ تاشلاش قىلمىشىنى يۇقىرىقى ئەقىلىيە سۆزىگە تەقلىت قىلماقتا، شۇنداقلا خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىغە قارىتا يۈرگۈزگەن جىنايى قىلمىشلىرىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىدىن يوشۇرۇش ئۈچۈن بۇ رەزىل ۋاستىنى قوللىنىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلىشماقتا.

0:00 / 0:00

ھەقىقەتەنمۇ، ئىنتېرنېت ۋە تېلېفۇن ئالاقىسى ئافرىقىدىكى ئەڭ ئىپتىدائىي قەبىلىلەر ئارىسىدىمۇ ئوموملىشىشقا باشلىغان بۈگۈنكى گىلوبال بىر دۇنيادا، ئۆزىنى دۇنيادا "4 نىڭ بىرى" دەپ قاراپ كەلگەن يەنە شۇنداقلا بىرلەشكەن دۆۋلەتلەر تەشكىلاتى بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى بولغان خىتايدەك بىر دۆلەتنىڭ، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتى بىلەن بولغان تېلېفون ۋە ئىنتېرنېت ئالاقىسىنى ئۈزۈپ تاشلىغانلىقى، دېمىسىمۇ چېكىدىن ئاشقان بىر رەزىللىك ۋە رەسۋاچىلىق ئىدى.

خىتاينىڭ رەسمىي ستاتىستىكىلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندا ئىنتېرنېتتىن پايدىلانغۇچىلارنىڭ سانى 2 مىليونغا يېقىن، ئىنتېرنېت تور بەتلىرىنىڭ سانى 3000 ئەتراپىدا بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە، ئۇيغۇرچە ئىنتېرنېت تور بەتلىرىنىڭ سانى ئاران 150 ئەتراپىدا، دېمەك، شەرقىي تۈركىستاندا ئىنتېرنېت ئالاقىسىدىن پايدىلىنىۋاتقانلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى يەنىلا خىتاي كۆچمەنلىرىدىن ئىبارەت.

ئەھۋال شۇنداق ئىكەن، 5 ‏- ئىيۇلدىن ئېتىبارەن ۋەتەن ئىچىدىكى ئۇيغۇرچە تور بەتلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ ھۆكۈمەت تەرىپىدىن مەجبۇرىي تاقالغانلىقى، ئۇنىڭ باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى ۋە قۇرۇق تۆھمەتلەر بىلەن جازاغا تارتىلغانلىقى، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىي بېسىمىنىڭ چىدىغۇسىز دەرىجىگە بېرىپ يەتكەنلىكىنى ئوچۇقچە كۆرسىتىپ تۇرماقتا.

بۇلا ئەمەس، نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندىكى ھۆكۈمەتنىڭ باشقۇرۇشىدىكى تور بەتلىرىگە كىرىشمۇ مۇمكىن ئەمەس، ئېغىر جىنايەت تۇيغۇسى ئىچىدە ۋەھىمىگە چۈشكەن خىتاي ھاكىمىيىتى، ھەتتا ئۆزىنىڭ بىۋاستە باشقۇرۇشىدىكى تور بەتلىرىنىڭمۇ تاشقى دۇنيا بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۈزۈپ تاشلاش زۆرۈرىيىتىنى ھېس قىلغان !

ئەلۋەتتىكى، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ تېلېفون ۋە ئىنتېرنېت ئالاقىسىنى تاشقى دۇنيادىن ئۈزۈپ تاشلىغانلىقى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقوق تەشكىلاتلىرىنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغاش بىلەن بىرگە، چەتئەللەردە ياشاۋاتقان مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنىڭمۇ قاتتىق غەزىپىنى قوزغىماقتا.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن گېرمانىيىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنى زىيارەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى ئىگىلىدىم.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.