1986-يىلقى چېرنوبىل پاجىئەسىنىڭ زەردابىنى ئۇيغۇرلارمۇ تارتماقتا

1986-يىلى چېرنوبىل ئاتوم ئېلېكتر ئىستانسىسى پارتلىغاندىن كېيىن، ئۇنى ئەكسىگە كەلتۈرۈش ئىشلىرىغا قازاقىستاندىنمۇ ھەر خىل ساھە مۇتەخەسسىسلىرى قاتناشقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلارمۇ بولغان ئىدى.

0:00 / 0:00

ئالماتا شەھىرىنىڭ تۇرغۇنى تاشپولات پەخىردىنوف ئەنە شۇلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ ئۆز كەچۈرمىشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

بۇنىڭدىن 25 يىل مۇقەددەم، يەنى 1986-يىلنىڭ 26-ئاپرېل كۈنى ئوكرائىنانىڭ چېرنوبىل ئاتوم ئېلېكتر ئىستانسىسىنىڭ 4-بۆلۈمىدە يېرىلىش ھادىسىسى يۈز بېرىپ، ئۇنىڭدىن بۆلۈنۈپ چىققان رادىئوئاكتىپ ماددىلار سابىق سوۋېت ئېلىنىڭ، شۇنداقلا ياۋروپانىڭ ھاۋا بوشلۇقىنى بۇلغىغان ئىدى. چېرنوبىل ئاتوم ئىستانسىسى سوۋېت دۆلىتىدىكى ئەڭ قۇۋۋەتلىك ئاتوم ئېلېكتر ئىستانسىسى بولۇپ، ئاپەت يۈز بەرگەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئادەم ۋە ئىقتىساد جەھەتتىن يەتكۈزگەن چىقىمى ئىنتايىن كەڭ كۆلەمدە بولغانلىقى ئېنىقلانغان.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، دەسلەپكى ئۈچ ئاينىڭ ئىچىدە 31 ئادەم ھالاك بولغان. زەھەرلىك ماددىلار 15 يىل ئىچىدە يەنە 60–80 ئادەمنىڭ ۋاپات بولۇشىغا ئېلىپ كەلگەن. ئۇلار شۇنداقلا ئادەم ئورگانىزمىدا تۈرلۈك كېسەللەرنىڭ پەيدا بولۇشىغا ۋە ئۇلارنىڭ كۈچىيىشىگە، يەنە مىڭلىغان ئادەمنىڭ ئۆلۈمىگە ھە، مەڭگۈگە ناكا بولۇپ قېلىشىغا سەۋەب بولغان. چېرنوبىل ئاپىتىنى يوقىتىش ھەرىكەتلىرىگە پۈتكۈل سوۋېت جۇمھۇرىيەتلىرىدىن 600 مىڭدىن ئوشۇق ئادەم سەپەرۋەر قىلىنغان ئىدى.