خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ ئەمەلدارى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىدى
2007.07.13
خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىغا 2008 - يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىكىنى ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي پائالىيەتلىرىنىڭ مەركىزى نۇقتىسى قىلىۋالماسلىق توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەنلىكى ئۈچۈن، جۈمە كۈنى، خەلقئارادىكى نوپۇزلۇق ئىككى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى، مەزكۇر ئەمەلدارنى قاتتىق تەنقىد قىلدى.
Hein Verbruggen: "خەلقئارا ئولىمپىك ھەرىكىتىنىڭ غايىسىنى ۋە خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ ئەخلاق پرىنسىپىنى ئىنكار قىلدى"
13 - ئىيۇل جۈمە كۈنى، نوپۇزلۇق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدىن بولغان، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئىتتىپاقى (The Internatioanl Federation for Human Rights FIDH,) ۋە دۇنيا تەن جازاسىغا قارشى تۇرۇش جەمئىيىتى ) (World Organisation Against Torture, OMCT، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى 2008 - يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىكىنىڭ باش ئۇيۇشتۇرغۇچىسى ھېين ۋېربرۇگېنگە(Hein Verbruggen) ئوچۇق خەت يېزىپ، ئۇنىڭ كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنى ئاگاھلاندۇرۇپ ئېيتقان سۆزلىرى، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى تېخىمۇ ئەۋجىگە چىقىرىدۇ، دەپ، تەنقىد قىلدى.
ئۇلار، ئولىمپىك كومىتېتى ئەمەلدارى ۋېربرۇگېڭە يوللىغان ئوچۇق خېتىدە، ئۇنى خەلقئارا ئولىمپىك ھەرىكىتىنىڭ غايىسىنى ئىنكار قىلدى ۋە خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ ئەخلاق پرىنسىپىغا ئاسىيلىق قىلدى، دەپ كۆرسەتتى.
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ 13- ئىيۇلدىكى مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى يەنە ۋېربرۇگېننى، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ھىماتچىلىرىنىڭ ئولىمپىك نامىدا تەھدىتكە ئۇچراۋاتقان ئەھۋالىنى تۈزىتىشكە چاقىرغان.
ئۇنىڭدىن باشقا مەزكۇر تەشكىلاتلار يەنە، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنى، بۇ كومىتېتنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ھىماتچىلىرىنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش خىتابنامىسىنى قوللايدىغانلىقىنى ئاشكارا ئېلان قىلىشقا قىستىدى.
ئولىمپىكنىڭ ئەڭ ئەقەللىي شەرتى-شەخسىنىڭ قەدىر - قىممىتىنى قوغداش
ئۇلار، ۋېربرۇگېنگە يازغان ئوچۇق خېتىدە "سىزنىڭ ئولىمپىك يىغىنىنى كىشىلىك ھوقۇقنى تەرغىب قىلىش سەھنىسى قىلغۇچىلارغا قويغان سوئالىڭىز، ۋە يەنە، بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىنى تەشكىللەش كومىتېتىنى كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا ئۈندەشلىرىڭىز، ئاللىبۇرۇن كىشىلىك ھوقۇق ھىماتچىلىرىنى سىستېمىلىق باستۇرۇپ كېلىۋاتقان خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ يۈرگىنى تېخىمۇ قاپتەك قىلىۋېتىشى مۇمكىن" دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئىتتىپاقى ۋە دۇنيا تەن جازاسىغا قارشى تۇرۇش جەمئىيىتى يەنە، " شەخسىنىڭ قەدىر - قىممىتىنى قوغداشنىڭ بولسا ئولىمپىكنىڭ ئەڭ ئەقەللىي شەرتى "ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ " سىزنىڭ مۇشۇنداق پرىنسىپلار ئاساسىدا قۇرۇلغان تەشكىلاتلارنىڭ پائالىيەتلىرىگە 2008- يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىكىدە ئورۇن يوق، دەپ ئېيتقانلىرىڭىزدىن بەكمۇ تەشۋىشلەندۇق" دەپ كۆرسەتكەن.
كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى "ئىنسانپەرۋەرلىك، دوستلۇق، شەخسنى ھۆرمەت قىلىش ئولىمپىك غايىسىنى تۇغدۇرغان"
ۋېربرۇگېن 5- ئىيۇل گۋاتېمالا شەھىرىدە خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ قۇرۇلتىيىدا، 2008- يىللىقى بېيجىڭ ئولىمپىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەتلەر ئۈچۈن سەھنە سۈپىتىدە ئىشلىتىلىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ بەكمۇ ئەپسۇسلىنارلىق ئىش ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى كۈنتەرتىپكە قويغان مەسىلىلەرنىڭ گەرچە مۇھىم بولسىمۇ، ئۆزلىرىنىڭ ئولىمپىكىنى غەلىبىلىك ئۆتكۈزۈشتىن ئىبارەت نېگىزلىك پوزىتسىيىسىگە دەخلى قىلىشىغا يول قويۇلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، ۋېربرۇگېن يەنە، بېيجىڭ ئولىمپىكىنى تەشكىللەش كومىتېتى چوقۇم ھەرىكەتكە كېلىپ كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى كۈنتەرتىپكە قويغان ئىشلارنى نەزەردىن ساقىت قىلىشى كېرەك دەپ تەكىتلىگەن ئىدى.
خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئىتتىپاقى ۋە دۇنيا تەن جازاسىغا قارشى تۇرۇش جەمئىيىتى ۋېربرۇگېنگە يازغان ئوچۇق خېتىدە بۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: "بىزنىڭ قارىشىمىزچە، ئىنسانپەرۋەرلىك، دوستلۇق، شەخسنى ھۆرمەت قىلىش قاتارلىقلار ئولىمپىك غايىسىنى تۇغدۇرغان بولۇپ، بۇنى 'ئەپسۇسلىنارلىق 'دەپ سۈپەتلىمەك ھەرگىزمۇ مۇۋاپىق ئەمەس " دەيدۇ. (جۈمە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي، كىشىلىك ھوقۇق مىنالىرى كۆمۈلگەن جايدىن مارافونچە يۈگۈرۈپ ئۆتۈۋاتىدۇ
- چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى خىتاي ئولىمپىكتىن بۇرۇن قىلىشقا تېگىشلىك 9 تۈرلۈك ئىشنى ئوتتۇرىغا قويدى
- ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى تۇنجى قېتىم ئۇيغۇرلار توغرىسىدا قارار لايىھىسى قوبۇل قىلدى
- ئۇيغۇرلار پاسپورتىدىنمۇ ئايرىلغاندا...
- سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدىكى ئۇيغۇر تەنھەركەتچى ئارمىيە ھوشۇرۇف
- خىتاي ئولىمپىك تاۋارلىرىنى ئىشلەپ چىقىرىدىغان كارخانىلاردا ئەمگەك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىش بىلەن ئەيىبلەندى
- 2008 - يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىغا قارشى چۇقان كۈچەيمەكتە
- خىتاي ھۆكۈمىتى 4 - ئىيون ۋەقەسىدىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىكىنى چەكلەشنى قەبىھلەشتۈردى
- رابىيە قادىر خانىم داڭلىق " ۋال ستىرىت ژورنىلى " گېزىتىدە ئوبزور ئېلان قىلدى
- بېيجىڭدا، يۈزلىگەن ئۇيغۇر ئەرزدارلار قاماپ قويۇلغان
- دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ مەخپىي ھۆججىتى ھەققىدە ئىنكاس بىلدۈردى
- خەلق - ئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ قۇرۇلتىيىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى