يەھۇدى ھەر ساھە ئەربابلىرىدىن بولۇپ 175 كىشى ئىمزا قويدى
بۇ تەشكىلات ۋە شەخسلەر خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى، تىبەت مەسىلىسى، خىتاينىڭ سۈرىيە، ئىران ۋە پەلەستىندىكى خاماس تەشكىلاتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى قاتارلىقلار تۈپەيلى كىشىلەرنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشىنى راۋا كۆرمىگەن. يەھۇدى تەشكىلاتلىرىنىڭ بايقۇت چاقىرىقنامىسىغا ئامېرىكىدىكى يەھۇدى تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى، دىنىي جەمئىيەت ئاقساقاللىرى ۋە جامائەت ئەربابلىرىدىن بولۇپ 175 كىشى ئىمزا قويدى.
ئىمزا قويغان ئورگان ۋە شەخسلەر ئىچىدە يەھۇدىلار قىرغىنچىلىقىنى خاتىرىلەش كېڭىشى، جۇدىزم ئىسلاھات بىرلەشمىسى، ئامېرىكا يەھۇدىلار قۇرۇلتىيى، دېيۋىد ۋايمەن يەھۇدى قىرغىنچىلىقى تەتقىقات ئىنىستىتۇتى، يەھۇدى ئۆلىمالار بىرلەشمىسى قاتارلىقلار بار. ئالدىمىزدىكى جۈمە 2 - دۇنيا ئۇرۇشى دەۋرىدىكى يەھۇدى قىرغىنچىلىقىنى خاتىرىلەش كۈنى بولۇپ، چاقىرىقنامە خاتىرىلەش كۈنىگە 3 كۈن قالغاندا ئېلان قىلىندى. چاقىرىقنامىدا مۇنداق دەيدۇ:" بىز خىتاينىڭ سۇدان ئىرقىي قىرغىنچى ھۆكۈمىتىنى قوللىشى، تىبەت خەلقىغە قاراتقان خاتا مۇئامىلىسى، ئۆز خەلقىنىڭ ئاساسى كىشىلىك ھوقۇقىنى رەت قىلىشى، ئىران ۋە سۈرىيىنى باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن تەمىنلىشى، خاماس بىلەن بولغان دوستلۇقى قاتارلىقلاردىن ناھايىتىمۇ ئەندىكىۋاتىمىز."
" خىتاي ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ئاخبارات ئەركىنلىكى ناچار دۆلەت "
يەھۇدى تەشكىلاتلار چاقىرىقنامە چىقارغان شۇ كۈنى ئامېرىكىدىكى ئىككى مەشھۇر كىشىلىك ھوقۇقى تەشكىلاتى خىتاينىڭ ئاخبارات ئەركىنلىك

ۋەزىيىتى ۋە ئادۋوكاتلارغا تۇتقان پوزىتسىيىسىنى تەنقىد قىلىدىغان دوكلات تارقاتقان ئىدى. كۆزەتكۈچىلەر بىر كۈننىڭ ئىچىدە يۈز بەرگەن بۇ 3 ۋەقەنى ئامېرىكىدا ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش چاقىرىقى كېڭىيىۋاتقانلىقىنىڭ بىشارىتى، دەپ قاراشماقتا. يەھۇدى زاتلار چاقىرىقنامە ئېلان قىلغان شۇ كۈنى ئامېرىكا ئەركىنلىك سارىيى دۇنيانىڭ ھەر قايسى دۆلەتلىرىدىكى ئاخبارات ئەركىنلىك ئەھۋالى ئۈستىدە ئېلىپ بارغان باھالاش نەتىجىسىنى ئېلان قىلغان ئىدى. ئەركىنلىك سارىيىنىڭ دوكلاتىدا خىتاي ئاخبارات ئەركىنلىكى بولمىغان دۆلەتلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، 2007 - يىلى خىتاينىڭ ئاخبارات ئەركىنلىك ئەھۋالى ياخشىلانماي ئارقىغا چېكىنگەن.
دوكلاتتا، ئەڭ ئاز نومۇر بېرىلگەن دۆلەتلەر ئاخبارات ئەركىنلىكى ئەڭ ياخشى دۆلەتلەر، ئەڭ كۆپ نومۇر بېرىلگەن دۆلەتلەر بۇ ساھەدە ئەھۋالى ناچار دۆلەتلەر، دەپ بېكىتىلگەن. ئاسىيادا تەيۋەن 20 نومۇر بىلەن ئاخبارات ئەركىنلىكى ئەڭ ياخشى دۆلەت، خىتاي 84 نومۇر بىلەن ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ئاخبارات ئەركىنلىكى ناچار دۆلەتلەر قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن.
ئەركىنلىك سارىيى دوكلات توغرىسىدا سەيشەنبە كۈنى مەخسۇس ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، يىغىندا دوكلاتنىڭ خىتايغا دائىر قىسىمى كىشىلەر ئەڭ قىزىقىدىغان تېمىلارنىڭ بىرى ئىدى. ۋاشىنگتوندىكى ئاخبارات يىغىنىدا مۇخبىرلارغا خىتاينىڭ ئاخبارات ۋەزىيىتىنى چۈشەندۈرگەن ئەركىنلىك سارىيىنىڭ تەتقىقاتچىسى ساراخ كوكس: " بىز 2007 - يىلى خىتاي كومپارتىيىسى 17 - قۇرۇلتىيىنىڭ چاقىرىلغانلىقىنى كۆردۇق. شۇ مەزگىلدە خىتاي ئاخبارات ۋاسـتىلىرىنى بولۇپمۇ ئىنتېرنېتنى تىزگىنلەشنى كۈچەيتتى. سەزگۈر سىياسىي تېمىلاردا مۇنازىرە ئېلىپ بارغان تور پونكىتلىرى تاقالدى. چەتئەلنىڭ خەۋەر تور پونكىتلىرىنى توسىدى. ئۆكتىچى پىكىردىكى مۇخبىرلار ۋە تور يازغۇچىلىرى تۇتقۇن قىلىندى. چەتئەلدىكى بوشۈن ۋە داجىيۈەن تور بەتلىرىدە ماقالە ئېلان قىلغان مۇخبىرلار بېسىمغا ئۇچرىدى. بۇ مەزگىلدە 18 مىڭ تور پونكىتى پېچەتلەندى " دېدى. لېكىن كوكس، خىتاينىڭ ئاخبارات بەلگىلىمىسىدىكى چەتئەللىك مۇخبىرلارغا قاراتقان بەزى چەكلىمىلەرنى بوشاشتۇرغانلىقىنى مۇئەيەنلەشتۈردى شۇنداقلا خىتاي مۇخبىرلىرىنىڭ تەكشۈرۈش دوكلاتى ئېلان قىلىش جەھەتتە ئىلگىرىلىگەنلىكىنى، بۇنىڭ قارا خۇمدان ۋەقەسىنى پاش قىلىش دولقۇنىدا ئۆز ئىپادىسىنى تاپقانلىقىنى ئەسكەرتتى.
"خىتاي ھۆكۈمىتى ئادۋوكاتلارنىڭ ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلمايۋاتىدۇ"
سەيشەنبە كۈنى خىتاي توغرىسىدا دوكلات ئېلان قىلغان ئورگانلارنىڭ يەنە بىرى، نيۇيوركتىكى كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئىدى. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى دوكلاتىدا خىتاي ھۆكۈمىتى ئادۋوكاتلارنىڭ ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلمايۋاتقانلىقىنى تەنقىدلىگەن. دوكلاتتا، ئەگەر بىرەر ئادۋوكات ھۆكۈمەت ياقتۇرمايدىغان سەزگۈر دىلولارنى ئاقلاشنى ئۈستىگە ئالسا، بۇ ئادۋوكات خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئىغۋاگەرچىلىكى ياكى جىسمانىي ھۇجۇمغا ئۇچرايدىغانلىقىنى، بەزىلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىدىغانلىقىنى، ئادۋوكاتلارنىڭ گۇۋاھچىلار بىلەن كۆرۈشۈش، پاكىت - دەلىللەرنى تەييارلىشىغا توسالغۇ بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. دوكلاتتا، خىتاي ئادۋوكاتلىرىنىڭ ئەھۋالىنى قىلنىڭ ئۈستىدە كېتىۋاتقان ئادەمگە ئوخشاتقان.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىدىكى نىكولاس بېكيۇلىن، دوكلاتنىڭ تەييارلىنىش جەريانى ئۈستىدە توختىلىپ، " قىلنىڭ ئۈستىدە مېڭىش: خىتاي ئادۋوكاتلار تىزگىنلەش، ئىغۋاگەرچىلىك ۋە تەھدىتكە ئۇچراۋاتىدۇ، دېگەن ماۋزۇدىكى بۇ دوكلاتنىڭ نۇرغۇن خىتاي ئادۋوكاتلار، پائالىيەتچىلەر ۋە مۇتەخەسسىسلەرنى زىيارەت قىلىش نەتىجىسىدە تەييارلانغانلىقىنى، بۇ كىشىلەر ئادۋوكاتلارنى ئىغۋاگەرچىلىككە ئۇچرىشى ئومۇميۈزلۈك ھادىسە، دەپ قارايدىغانلىقىنى، بۇ ھەقتىكى ئاشكارىلانغان خەۋەرلەر بۇ ھادىسىلەرنىڭ ئاز بىر قىسمىدىن ئىبارەت بولۇپ، 142 بەتلىك دوكلاتنىڭ بۇ جەھەتتىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى 1936 - يىلى گېرمانىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن بېرلىن ئولىمپىك مۇسابىقىسىدىن كېيىن خەلقئارادا كەڭ - كۆلەملىك تالاش - تارتىش قوزغىغان ئولىمپىك مۇسابىقىلىرىنىڭ بىرىدۇر.
" بۇ يەھۇدى تەنتەربىيىچىلىرىنىڭ ئولىمپىكنى بايقۇت قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك "
ئامېرىكىدىكى يەھۇدى قىرغىنچىلىقى خاتىرە كېڭىشىنىڭ رەئىسى راببىي يىتز گرېنبېرگ يەھۇدى تەشكىلاتلىرىنىڭ ئولىمپىكنى بايقۇت قىلىش ھەرىكىتىنى تەشكىللىگۈچى يەھۇدى ئۆلىمالىرىنىڭ بىرىدۇر. ئۇ، ئۆزلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ناتسىستلار ھاكىمىيىتىنى تەڭ ئورۇنغا قويماقچى ئەمەسلىكىنى، لېكىن خىتاي ناتسېستلار گېرمانىيىسى 1936 - يىلى قىلغانغا ئوخشاش ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى ئۆزىنىڭ سىياسى تەشۋىقاتى ئۈچۈن قوللىنىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ تۈنۈگۈنكى بىر خەۋىرىدە، راببىي يىتز گرېنبېرگنىڭ "خىتاي ئۆز ھەرىكىتىنى زور دەرىجىدە تۈگەتمىگۈچە تەنتەربىيىچىلەر، ساياھەتچىلەر ۋە ھۆكۈمەتلەر ئولىمپىك مەسىلىسىدە ئوخشاش مەيداندا تۇرۇشى كېرەك " دەپ قارايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئامېرىكىدىكى يەھۇدى ئۆلىمالار بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىجرائىيە رەئىسى مەيېرس بولسا چاقىرىقنامە ئىسرائىلىيە ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى يەھۇدى تەنتەربىيىچىلىرىنىڭ ئولىمپىكنى بايقۇت قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلدى.