ئۇيغۇرلارغا ئولىمپىك بېسىمى (2)

تۈركىيىدە چىقىدىغان نوپۇزلۇق گېزىتلەرنىڭ بىرى بولغان ھۆرىيەت گېزىتىنڭ لوندوندا تۇرۇشلۇق مۇخبىرى فارۇك زابچى ئەپەندى ئولىمپىكنىڭ ئالدىدا ئۇيغۇر دىيارىغا مەخپى ھالدا بېرىپ خەۋەر يازغان مۇخبىرلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنىڭ "ئۇيغۇرلارغا ئولىمپىك بېسىمى" ناملىق چاتما ماقالىلىرى ھۆرىيەت گېزىتىدە رەسىملەر بىلەن بىللە ئېلان قىلىندى.

0:00 / 0:00

بۇ چاتما خەۋەرلەردە، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ۋەزىيىتى، ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشى، ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىلىرى ھەققىدە ئىنتايىن تەپسىلى مەلۇمات بېرىلگەن بولۇپ، گېزىتتە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن تۈركىيەدىكى كىشىلەرنىڭ ئۇيغۇر دىيارى ھەققىدە تولۇق مەلۇماتقا ئىگە بولۇشى ئۈچۈن رول ئويناپ، ئوقۇرمەنلەر ئارىسىدا غۇلغۇلا ياراتتى. بۈگۈنكى پروگرامىمىزدا 11 - ئاۋغۇست كۈنى ھۆرىيەت گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان `ئىزى چىقمايدىغان كالتەك بىلەن قىيناش` ماۋزۇلۇق ماقالىسىنى سىلەرگە سۇنىمىز.

ئىزى چىقمايدىغان كالتەك بىلەن قىيناش

فارۇك زابجى ئەپەندى ماقالىسىنى مۇنداق باشلايدۇ: " خىتايلار تەرىپىدىن تەن جازاسى بېرىلگەن بىر ئۇيغۇرنى تېپىشىم بەك قېيىن بولدى. ماڭا بۇلارنى دەپ بەرگەنلىكىنى بىلىپ قالسا، خىتايلارنىڭ ئۆلۈم جازاسى بېرىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، ماڭا قانداقمۇ دەپ بېرىشكە جاسارەت قىلغانلىقىنى بىلەلمەيمەن. ئۇنىڭ دېگەنلىرىنى ئاڭلاپ بەدىنىم تىكەن - تىكەن بولۇپ كەتتى."

جۇرنالىست فارۇخ زابجى ئەپەندى تۇيۇقسىز خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن كۆتۈرۈلۈپ تەن جازاسى بېرىلگەن بىر ئۇيغۇرنىڭ ئۇنىڭغا دەپ بەرگەنلىرى ھەققىدە مۇنداق يازىدۇ: "بىر كۈنى ماشىنا بىلەن ئىككى كىشى كېلىپ پۇت قولۇمنى باغلاپ بېشىمنى چاپان بىلەن يۆگەپ مېنى بىر ماشىنىغا سېلىپ ئېلىپ ماڭدى. بېشىمنى يۆگەپ قويغاچقا مېنى نەگە ئېلىپ ماڭغانلىقىنى ئاڭقىرالمىدىم. مېنى ئاپارغان يەر ساقچى ئىدارىسى ئەمەس، قاپ قاراڭغۇ بىر بىنا ئىدى. بۇ مەخسۇس تەن جازاسى بېرىلىدىغان يەردەك قىلاتتى. مېنى ئۇدا ئىككى كۈن قىينىدى. كۆزۈمنى ئاچقاندىن كېيىن كۆزۈمگە نۇرلۇق چىراقلارنى تۇتۇپ قىينىدى. خىتايلار مەندىن قايتا قايتا `تۈركىيىدە كىمنى تونۇيسەن` دەپ سورىدى. خىتايلار مېنى ئىزى چىقمايدىغان ئۈستى پىلاستىك بىلەن ئورالغان كالتەك بىلەن ئۇردى. شۇنداق قاتتىق ئۇرۇۋەتتىكى، ھازىر ماڭساممۇ بەدىنىم ئاغرىۋاتىدۇ. خىتاي جاسۇسلىرى تۈركىيىدە ئولىمپىك مەشئىلىگە قارشى نامايىش قىلغانلار بىلەن مۇناسىۋېتىمنىڭ بار يوقلىقىنى ئېنىقلاشقا تىرىشتى."

جۇرنالىست فارۇخ زابجى ئەپەندى، ئۆزى ئۇچرىغان تەن جازاسىنى ئاڭلاتقان ئۇيغۇرنىڭ تاياق يېگەن پاچىقىنى كۆرسەتكەنلىكىنى، ئەمما ئىزى چىقمايدىغان كالتەك بىلەن ئۇرغان بولغاچقا، ھېچقانداق ئىز كۆرەلمىگەنلىكىنى، دەل بۇ چاغدا ئۇنىڭ قېرىندىشىنىڭ يېنىغا كېلىپ: `سەن ساراڭمۇ، نېمە چەتئەللىككە دەپ يۈرۈيسەن، خىتايلار بىلىپ قالسا سېنى ئۆلتۈرىۋېتىدۇ، ئۆلگۈڭ كەلدىمۇ؟ دېگەنلىكىنى يازىدۇ. فارۇك زابجى ئەپەندى ماقالىسىدە، نۇرغۇن ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ خىتاي زۇلمىدىن قېچىپ پاكىستان ئافغانىستانغا قېچىپ كېتىۋاتقانلىقىنى، ئەمما پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ كىشىلەرنىڭ بەزىلىرىنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەنلىكىنى، شۇڭا ئۇيغۇرلارنىڭ پاكىستانلىقنى ياخشى كۆرمەيدىغانلىقىنى يازىدۇ.

فارۇك زابجى ئەپەندى ماقالىسىنى مۇنداق داۋام قىلىدۇ: "چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتىنىدە خىتايلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن ئانچە خەۋىرى يوق. ئەسەبىي دىنچى دەپ ئەيىبلىنىپ ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ سانى %90، جىنايەت ۋە باشقا جىنايەتلەردىن ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلار سانى %10 دەپ پەرەز قىلىنماقتا. ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىنى تېلېۋىزىيە كۆرسەتمەيدىكەن، بەزىلىرىنىڭ خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈپ قەيەرگە كۆمۈلگەنلىكىنى ئاتا - ئانىسىمۇ بىلمەيدىكەن. ھەتتا بەزى ئۇيغۇرلار خوتەندە ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچ ئورگانلىرىنىڭ خىتايلار تەرىپىدىن سېتىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتى.

ئۇيغۇر قىزلىرى پاھىشىلىككە مەجبۇرلىنىۋاتىدۇ

فارۇك زابجى ئەپەندى، ئۇيغۇر دىيارىدا بۇرۇن خىتاي پاھىشە قىزلىرىنىڭ كۆپ ئىكەنلىكىنى، كېيىنكى 2 يىلدا ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ تېزلا كۆپەيگەنلىكىنى ئاڭلىتىپ مۇنداق دەپ يازىدۇ:" شىنجاڭدا ياش ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ كۆپى ئىشسىز، ئىش ئىزدىسىمۇ ئىش تاپالمايدىكەن. ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ پاھىشىلىك قىلىشقا مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم. مەن تۇرغان ئالىي مېھمانخانىنىڭ 2 - قەۋىتى قىزلار بىلەن تاماشا قىلىشقا مەخسۇس ئايرىلغان بولۇپ، كىشىلەر 500 - 700 يۇەن بېرىپ مەخسۇس ئايرىلغان كىچىك ئۆيلەردە مۇزىكا ئاڭلاپ ئوينايدىكەن. 100 يۈەنگە ئەر كىشىلەر بىلەن بىرگە بولىۋاتقان قىزلار بەكلا كۆپ ئىكەن. ھەممە ئەر كىشىلەر ئۇيغۇر قىزلىرى بىلەن بىرگە بولۇشنى خالايدىكەن. خىتاي ئەركەكلەر تاختا بەدەن خىتاي قىزلىرىغا ئانچە قىزىقمايدىكەن. ئەھۋال ئىگەللەش ئۈچۈن 2 - قەۋەتكە چىققان ۋاقتىمدا كۆڭلۈم يېرىم بولغان ھالدا ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ كۆپلىكىنى كۆردۈم. ئىككى يىل بۇرۇن ئۈرۈمچىگە بارغان ۋاقتىمدا پاھىشىلىك قىلىۋاتقان خىتاي قىزلىرىنىڭ كۆپلىكىنى كۆرگەن ئىدىم، ئەپسۇسكى بۇ قېتىم ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ كۆپلىكىنى كۆردۈم. 200 يۈەن بەرسىڭىز ئەرلەرنىڭ ياتقان يېرىگىچە كېلىدىكەن. خىتاي خوجايىنلار قول ئاستىدا ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇر قىزلىرىغا بۈگۈن مېھمىنىم بار كېلىڭلار دېسە، ياق دېيەلمەيدىكەن. ئەگەر خوجايىنىنىڭ گېپىنى ئاڭلىمىسا خىزمەتتىن بوشىتىۋېتىدىكەن. ھەتتا بەزى ئۇيغۇر ئەرلەرمۇ 'ئايالىمنى ئىشتىن چىقىرىۋەتمىسۇن' دەپ ئايالىنىڭ خىتايلار بىلەن يېتىشىغا رازى بولۇشقا مەجبۇر قالىدىكەن."

قىزلارنى پاھىشىلىك قىلىشقا مەجبۇرلاش شىنجاڭدا جىنايەت ھېسابلانمايدىكەن

تۈركىيەدىكى نوپۇزلۇق گېزىتلەردىن بىرى بولغان ھۆرىيەت گېزىتىنىڭ لوندوندىكى مۇخبىرى فارۇك زابجى ئەپەندى ئۈرۈمچى رامادا مېھمانخانىسىدا كۆرگەنلىرىنى ئاڭلىتىپ مۇنداق دەپ يازىدۇ: "رامادا مېھمانخانىسىدا تۇرغان ۋاقتىمدا يېنىمغا كەلگەن ئارزۇگۇل ئىسىملىك قىز، ئۇستا بىر پاھىشە بولغان ئىدى. ئەركەكلەر بىلەن بىللە بولۇش ئۈچۈن سودىلاشقاندا قىلچىلىكمۇ نومۇس قىلمايتتى. مېھمانخانىدا ئىشلەيدىغانلار بۇ قىزلارنىڭ پاھىشىلىك قىلىشىنى توسۇش بىر ياقتا تۇرسۇن، ئۇلارنىڭ خېرىدار تېپىشىغا ياردەم قىلىدىكەن. مەن ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ قانچە پۇلغا خىتايلار بىلەن بىللە بولىۋاتقانلىقىنى سورىغان ۋاقتىمدا ئارزۇگۇل قىلچىلىك نومۇس قىلماستىن 200 يۈەن دېدى. رامادا مېھمانخانىسىدا ئاخشام سائەت 10 بولا بولماي تېلېفونىڭىز جىرىڭلاشقا باشلايدۇ، ناچار ئىنگىلىزچە بىلەن `قىز لازىممۇ` دەپ سورايدۇ. باي خىتايلار ئاياللىق خۇسۇسىيىتى بولمىغان خىتاي قىزلىرىنى ئەمەس ئۇيغۇر قىزلىرىنى ياقتۇرىدىكەن. بۇ مەقسەت ئۈچۈن خىتايلار ئىچكىرىدىن، 9 - 10 - ئايلاردا ئۇيغۇر رايونىغا مەخسۇس ساياھەت ئۆمەكلىرى ئۇيۇشتۇرىدىكەن. ھەتتا ھەپتە ئاخىرى خىتايلار ئۇيغۇر قىزلىرىنى ئىچكىرى رايونلارغا ئاپىرىپ قاۋاقخانىلاردا خىتايلارغا سېتىپ دۈشەنبە كۈنى يەنە ئۈرۈمچىگە قايتىپ كېلىدىكەن."

تۇتۇلۇپ قالغىلى تاس قالدىم

تىبەتتە بولغان ۋەقەلەرنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئۇنۇتقۇزۇش ئۈچۈن خىتايلار ئۈرۈمچىدە بىر سەنئەت بايرىمى ئۇيۇشتۇردى. بۇ سەنئەت بايرىمىغا تۈركىيە، رۇسىيە، مىسىر، مېكسىكا، ھىندىستان، شىمالىي كورىيە ۋە گېرىتسىيەدىن سەنئەت ئۆمەكلىرى قاتناشتى. بۇ سەنئەت بايرىمىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلغان خىتاي رەھبەرلىرى، خىتايدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ تەڭ-باراۋەر، ئىتتىپاقلىق ئىچىدە، بەخىتلىك ھالدا ياشاۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ خىل سەنئەت بايرىمى ئارقىلىق دۇنيا جامائەتچىلىكىگە بىزنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىمىز يوق، ئۇيغۇرلار بەخىتلىك، ئۇلار بىزگە سادىق دېگەن سىگنالنى بەرمەكچى. 6 - ئاينىڭ 8 - كۈنىدىن 18 - كۈنىگىچە ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ سەنئەت بايرىمىغا تىبەتتىن 25، ئۇيغۇرلاردىن 500 دىن ئارتۇق سەنئەتچى قاتناشتى.

بۇ سەنئەت بايرىمىغا تۈركىيىدىن 6 سەنئەتچى قاتناشقان بولۇپ، تۈرك بايرىقى ئەڭ باشقا ئېسىلغان ئىدى. تۈرك سەنئەتچىلەر سەنىگە چىققاندا، زالدىكى پۈتۈن ئۇيغۇرلار قىزغىن ئالقىشلىدى، مەن ھاياجېنىمنى باسالماي پەسكە چۈشۈپ، تۈرك سەنئەتچىلەر بىلەن كۆرۈشتۈم. تۈرك سەنئەتچىلەرنىڭ مەسئۇلى قادرى ئەرگەندىن مەلۇمات ئېلىۋاتقان ۋاقتىمدا، خىتاي جاسۇسلار كېلىپ بۇ يەردە مەلۇمات ئېلىشقا رۇخسەت يوق دېدى. جۇرنالىست ئىكەنلىكىمنى بىلىپ قالغان بولسا مېنى تۇتۇپ سولاپ قويغان بولاتتى. قادرى ئەرگەن ئەپەندى ئۇيغۇر رايونىدا بۇنداق بىر پائالىيەتكە قاتناشقانلىقىدىن ئىنتايىن خۇرسەن بولغانلىقىنى ئېيتتى. مەن تۇتۇلۇپ قالماي دەپ دەرھال ئۇلاردىن ئۇزاقلاشتىم."