خىتاي ئورگان مەتبۇئاتلىرىدىن شىنخۇا ئاگېنتلىقى كومپارتىيە ئەمەلدارى لى چاڭچۈننىڭ 10 - ئىيۇل كۈنىدىكى سۆزىنى ئېلان قىلىپ، ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ، بېيجىڭ ئولىمپىك كومىتېتى، مېيىپلار ئولىمپىك ئاخبارات مەركىزى، خەلقئارا رادىئو مەركىزى شۇنىڭدەك 2008 - يىللىق بېيجىڭ خەلقئارا ئاخبارات مەركىزى قاتارلىق جايلار ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، ئولىمپىك جەريانىدا مۇخبىرلارغا زىيارەتلەر قىلىش ئۈچۈن ئوچۇق ۋە كەڭ شارائىت ھازىرلاش ئۈچۈن كاپالەت بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئىدى.
بۇ ھەقتە سۆز قىلغان لى يەنە، ھەر قايسى دۆلەت مۇخبىرلىرىنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىكىنى زىيارەت قىلغىلى كەلگەندە، جۇڭگونىڭ مۇخبىرلارغا يۈزدە - يۈز يېتەرلىك مۇلازىمەت قىلىدىغانلىقىنى ئالاھىدە ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن بىرگە، چەتئەل مۇخبىرلىرىدىن 3 نۇقتىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ، مۇخبىرلارنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىكى ھەققىدە تولۇق ۋە ئەتراپلىق خەۋەر ئېلان قىلىشىنى، جۇڭگو بىلەن ھەر قايسى دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا دوستلۇق كۆۋرۈكى ئورنىتىشقا ياردەم بېرىشىنى ھەمدە جۇڭگونىڭ ھەقىقىي يۈزىنى پۈتۈن دۇنياغا نامايەن قىلىشقا كۈچ سەرپ قىلىشىنى تەشەببۇس قىلغان.
خىتاي ھۆكۈمەت خادىمىنىڭ ئولىمپىك مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈشكە ناھايىتى قىسقا ۋاقىت قالغاندا قىلغان مەزكۈر سۆزلىرى ئامېرىكىدىكى مەدەنىيەت ۋە تارىخ بىلىملىرى بۇيىچە دوكتور قاھار بارات ئەپەندىنىڭ تۆۋەندىكى قاراشلىرىنى ئىپادىلىشىگە سەۋەب بولدى.
ئامېرىكا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى، كانادا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى بىلەن مۇستەقىل خىتاي قەلەمكەشلەر جەمئىيىتىمۇ يېقىندا، خىتاينىڭ ۋەدىسىدە تۇرماي سۆز قىلىش ۋە مەتبۇئات ئەركىنلىكىنى قاتتىق كونترول قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە مەخسۇس دوكلات ئېلان قىلىپ، گەرچە ئولىمپىك ئۆتكۈزۈلىشىگە ئاز ۋاقىت قالغان بولسىمۇ، خىتايدا بۇ جەھەتتە قىلچىمۇ ياخشىلىنىشنىڭ مەيدانغا كەلمىگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
خىتاي قەلەمكەشلەر جەمئىيىتىنىڭ شېنجىن شەھىرىدىكى ئەزاسى جاۋ داگوڭ ئىستانسىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: " جۇڭگو ھازىر ئولىمپىكقا يېقىنلاشقانسىرى، سۆز قىلىش ئەركىنلىكىنى شۇنچە چىڭ كونترول قىلىۋاتىدۇ، ئۆكتىچىلەر نۆۋەتتە ئەڭ كۆپ قولغا ئېلىنماقتا، ئۆكتىچىلەرگە قارىتىلغان زىيانكەشلىكلەرمۇ نۆۋەتتە ئەڭ كۆپ سادىر بولۇۋاتىدۇ، بۇ بىر ھەقىقەت، شۇڭا جەمئىيىتىمىزنىڭ بۇ ۋاقىتتا دوكلات ئېلان قىلغانلىقى تولىمۇ توغرا ھېسابلىنىدۇ".
قەلەمكەشلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان بۇ دوكلاتتا، 2008 - يىلىدىن بۇرۇن جۇڭگودا 40 نەپەر يازغۇچى ۋە مۇخبىرنىڭ تۈرمىگە تاشلانغانلىقى، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئاران 3 نىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكى، بىراق ئۆتكەن يېرىم يىل ئىچىدە يەنە 9 كىشىنىڭ قايتا قولغا ئېلىنغانلىقى قەيت قىلىنغان بولۇپ، نەنجىن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى شو تىڭچۈەن ئىستانسىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دەيدۇ : " خىتاي ھۆكۈمىتى، ئىنتېرنېت تور بېتىدە ئۆز قارىشىنى ئېلان قىلغان ھەر قانداق ئادەمنى ئۆزىگە دۈشمەن دەپ قارايدۇ، مەيلى ئۇنىڭ ماقالىسىنى بىرلا ئادەم كۆرگەن بولسىمۇ، ئۇ يەنىلا ئوخشاش جەمئىيەت تەرتىپىنى بۇزغان، دۆلەت سىياسىتىنى ئاغدۇرۇشقا ئۇرۇنغان دۈشمەن ھېسابلىنىدۇ".
ھەر قايسى قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى بىرلىكتە ئېلان قىلغان دوكلاتتا يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتى يازغۇچى ۋە مۇخبىرلارنى تۈرمىگە كۆپلەپ تاشلىغاندىن سىرت، ئولىمپىك مەزگىلىدە ئۇلارنىڭ كىشىلىك ئەركىنلىكىگە تاجاۋۇز قىلىپ، ئۇلارنىڭ خەلقئارادىكى كۆزەتكۈچى ۋە مۇتەخەسسىسلەر بىلەن ئۆز - ئارا پىكىرلىشىشىنى چەكلەپ، ئۇلارغا قارىتا بىر قاتار جازالارنى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
گو چۈەن" جۇڭگودا كۆپلىگەن ئاممىنىڭ مېڭىسى مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، خەلق گېزىتى قاتارلىق ئورگان مەتبۇئاتلىرى تەرىپىدىن يۇيۇلىۋاتىدۇ. دېمەك جۇڭگودا سۆز ئەركىنلىكى مەۋجۇت ئەمەس، كوممۇنىست پارتىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىنى كونترول قىلىش ئارقىلىق، ئەركىنلىكنى خالاۋاتقان خەلقنىڭ مېڭىسىنى يۇيماقتا " دېدى.
قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى بىرلىكتە ئېلان قىلغان دوكلاتتا، قولغا ئېلىنغان بارلىق يازغۇچى ۋە مۇخبىرلارنىڭ دەرھال قويۇپ بېرىلىشىنى، ئاخبارات خادىملىرى ھەمدە يازغۇچىلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈلۈۋاتقان قانۇن - نىزاملارغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلىشىنى تەلەپ قىلغاندىن سىرت، 2008 - يىللىق ئولىمپىك مەزگىلىدە ھەر قانداق جۇڭگو پۇقراسى، جۇڭگو ۋە چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ، تەنتەربىيە مۇراسىمىغا قاتنىشىدىغان تەنھەرىكەتچى ياكى مۇراسىم ئىشتىراكچىلىرىنىڭ تېنچلىق يوسۇندا ئىپادىلىگەن قاراشلىرى تۈپەيلى قولغا ئېلىنىش ياكى باشقا خىل جازالاشلارغا تارتىلىشى قەتئىي چەكلىنىدىغانلىقى ئالاھىدە تىلغا ئىلىنغان.