مەزكۇر كومىتېت بۇ قېتىم تىبەت پارتكوم سېكرىتارىنىڭ ئولىمپىك مەشئىلىنى لخاسادا يەتكۈزۈش مۇراسىمىدا سۆزلىگەن نۇتىقى تۈپەيلى خىتاينى سىياسەت بىلەن تەنتەربىيىنى ئارىلاشتۇرۇۋەتمەسلىك توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.
بېيجىڭ ھۆكۈمىتى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ ئولىمپىك يىغىنى مەزگىلىدە خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ياخشىلاش، مەتبۇئات ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ھەققىدىكى تەلەپلەرنى ئولىمپىك يىغىنىنى سىياسىيلاشتۇرغانلىقتۇر، دەپ رەت قىلماقتا ئىدى. لېكىن بۇ قېتىم خىتاينىڭ ئۆزى تەنتەربىيە بىلەن سىياسەتنى ئارىلاشتۇرۇۋەتكەنلىك بىلەن ئاگاھلاندۇرۇلدى.
خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى چارشەنبە كۈنى خىتاي دائىرىلىرىنى تەنتەربىيە بىلەن سىياسەتنى ئارىلاشتۇرۇۋېتىشنى توختىتىش توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇپ، تىبەت ئاپتونوم رايونى پارتكومىنىڭ سېكرىتارى جاڭ چىڭلىنىڭ 21 - ئىيۇن كۈنى ئولىمپىك مەشئىلى لخاسادا يەتكۈزۈلگەندە سۆزلىگەن نۇتىقىنى تەنقىد قىلدى. مەزكۇر كومىتېت چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى باياناتىدا " تىبەتتىكى ئولىمپىك مەشئىلىنى يەتكۈزۈش پائالىيىتىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمىدا ئېلان قىلىنغان سىياسىي نۇتۇقلار خ ئو ك نى ئەپسۇسلاندۇردى " دەپ تەكىتلىگەن. جاڭ چىڭلىنىڭ نۇتىقى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنى تەشكىلى كومىتېتىنى ئاگاھلاندۇرۇشى، بۇ تۈردىكى ۋەقەلەرنىڭ تەكرار يۈز بەرمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلىشىغا سەۋەب بولدى.
" خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ خىتاي دائىرىلىرىنى ئاگاھلاندۇرغانلىقى توغرا "
تەنتەربىيە بىلەن سىياسەتنى ئايرىش خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەكىتلەۋاتقان پرىنسىپلىرىنىڭ بىرىدۇر. ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى جەكس روگې ئىلگىرى مەزكۇر ئورگاننىڭ تىبەتتىكى قالايمىقانچىلىق ۋە باشقا سىياسىي مەسىلىلەردە خىتايغا بېسىم ئىشلەتمەيدىغانلىقىنى، چۈنكى تىبەت " ئولىمپىك كومىتېتى ئارىلاشسا بولمايدىغان سىياسىي مەسىلە" ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى. جاڭ چىڭلىنىڭ سىياسىي نۇتىقى تۈپەيلى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇلغانلىقىنى تەكىتلىگەن خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى، باياناتىدا يەنە " بىزنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنى تەشكىلى كومىتېتىغا يازغان خېتىمىزدە تەنتەربىيە بىلەن سىياسەتنى ئايرىشنىڭ زۆرۈرلۈكى شۇنداقلا بۇ ئەھۋالنىڭ تەكرار يۈز بەرمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەكلىكى تەكىتلەندى" دەيدۇ.
بۇ خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ 1 - قېتىم خىتاي دائىرىلىرىنى ئاشكارا ئاگاھلاندۇرۇشى ھەم ۋەقەنى تەكشۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشىدۇر. ئامېرىكىدىكى خىتاي زىيالىسى فاڭ جۆي ئەپەندى، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ خىتاي دائىرىلىرىنى ئاگاھلاندۇرغانلىقى توغرا، دەپ قارايدىغان ۋەزىيەت مۇلاھىزىچىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ رادىئومىزغا بەرگەن بۇ ھەقتىكى مۇلاھىزىسىدە جاڭ چىڭلىنى مەدەنىيەت ئىنقىلابى ئىستىلىدىكى "سولچى ئەمەلدار " دەپ تەنقىد قىلدى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ، "مەن خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ جۇڭگو دائىرىلىرىنى، تىبەت پارتكوم سېكرىتارى جاڭ چىڭلىنى تەنقىد قىلغانلىقى ناھايىتى توغرا بولدى، دەپ قارايمەن. جاڭ چىڭلى ناھايىتى سولچى جۇڭگو كومپارتىيە ئەمەلدارى، ئۇ مەدەنىيەت ئىنقىلابى دەۋرىدە ئۆسكەن. ئىسلاھات - ئېچىۋېتىش، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ تەنتەربىيە ئۆلچىمى، دېگەنلەرنى ياخشى بىلمەيدۇ. ئۇ مەدەنىيەت ئىنقىلابىدىكى سۆزلەر بىلەن دالاي لامانى تەنقىد قىلماسلىقى كېرەك. بۇ يەردە مەن خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشنى تەقدىرلەشكە ئەرزىيدۇ، دەپ قارايمەن".
" ئۇ خۇ جىنتاۋنىڭ مىللىي، دىنىي ساھەدىكى چېكىدىن ئاشقان سىياسىتىنىڭ ئىجراچىسى "
جاڭ چىڭلى لخاسادىكى بودالا سارىيىنىڭ ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئولىمپىك مەشئىلىنى يەتكۈزۈش پائالىيىتىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمىدا " تىبەت ئاسمىنىدا ھەرگىز ئۆزگىرىش بولمايدۇ. بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق تىبەت ئاسمىنىدا مەڭگۈ لەپىلدەيدۇ.....بىزنىڭ دالاي لاما گۇرۇھىنىڭ سۇيىقەستىنى مەغلۇپ قىلىشقا پۈتۈنلەي كۈچىمىز يېتىدۇ " دەپ تەكىتلىگەن ئىدى. جاڭ چىڭلى 2006 - يىلغا ئاپتونوم رايونىدا پارتكومنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن سېكرىتارى، رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، شىنجاڭ بىڭتۇەنىنىڭ باش قوماندانى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. ئۇ، شۇ يىلى ئۆكتەبىردە تىبەت ئاپتونوم رايونى پارتكومىنىڭ سېكرىتارلىقىغا يۆتكەلگەن ئىدى. فاڭ جۆي، جاڭ چىڭلىنىڭ رايونىدا يۈرگۈزگەن سىياسىتى ئۇنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
جاڭ چىڭلىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە بىڭتۇەن قوماندانى، پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن سېكرىتارى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شۇنداقلا تىبەتكە پارتكوم سېكرىتارى بولۇپ ئۆسۈشىدە خۇ جىنتاۋنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەنلىكىنى تەكىتلىگەن فاڭ جۆي، " جاڭ چىڭلىنىڭ مەدەنىيەت ئىنقىلابىدىكى چېكىدىن ئاشقان سولچى ئىبارىلەر بىلەن دالاي لامانى تەنقىد قىلىشى تىبەتكە كەلگەندىن كېيىن باشلانغان ئەمەس. ئۇ شىنجاڭدىكى مەزگىلىدە ئۇيغۇرلارنى مىللىي بۆلگۈنچىلىك بىلەن ئەيىبلەيدىغان سۆزلەرنى كۆپ تەكىتلەيدىغان كونسېرۋاتىپ ئەمەلدار ئىدى. ئۇنىڭ شىزاڭ ۋە شىنجاڭدىكى چېكىدىن ئاشقان سولچى سىياسىتى خۇ جىنتاۋنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. ئۇ يالغۇز ئەمەس، ئۇ خۇ جىنتاۋنىڭ مىللىي، دىنىي ۋە كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدىكى چېكىدىن ئاشقان سىياسىتىنىڭ ئىجراچىسى خالاس. ئۇ يالغۇز ئەمەس، ئۇ خۇ جىنتاۋنىڭ ياشلار ئىتتىپاقى گۇرۇھىدىكى ئادەم" دەپ كۆرسەتتى.
" ئۇلار ئولىمپىك يىغىنىنى مىللىي غۇرۇر مەسىلىسى بىلەن بىرلەشتۈرۈۋالدى "
رويتېرس ئاخبارات ئاگېنتلىقى لخاسادىكى مۇراسىمدا دالاي لامانى تەنقىد قىلغان كومپارتىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ جاڭ چىڭلى بىلەن چەكلەنمەيدىغانلىقىنى، لخاسا شەھەرلىك پارتكوم سېكرىتارى چىن يىجىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدىكى نۇتۇقىدا دالاي لامانى تەنقىد قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. چىن يىجى" دالاي گۇرۇھىنىڭ سۈيىقەستى" نى يىمىرىپ تاشلايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
ئامېرىكىدىكى مۇلاھىزىچى فاڭ جۆي، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئولىمپىك يىغىنىنى مىللەتنىڭ " غورۇرى" مەسىلىسىگە ئايلاندۇرۇۋالغانلىقىنى تەنقىد قىلدى. ئۇ،" بىر قىسىم پۇقرالار كومپارتىيىنىڭ مىللەتچىلىكنى قۇترىتىپ، ئاز سانلىق مىللەتلەرگە زەربە بېرىش سىياسىتىنىڭ قايمۇقتۇرۇشىغا ئۇچرىدى. ئۇلار ئولىمپىك يىغىنىنى مىللىي غۇرۇر مەسىلىسى بىلەن بىرلەشتۈرۈۋالدى. ئولىمپىك بىر خەلقئارا ئاممىۋى پائالىيەت، ئۇ ھۆكۈمەت خاراكتېرلىك ياكى ب د ت نىڭ پائالىيىتى ئەمەس. ئۇنىڭ غايىسى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دۇنيا خەلقىنىڭ ئۆز - ئارا چۈشىنىش، كىشىلىك ھوقۇقنى ئىلگىرى سۈرۈش بولۇپ، قانداقتۇر مەلۇم بىر دۆلەتنىڭ قۇدرىتى، مەلۇم بىر مىللەتنىڭ غۇرۇرىنى نامايەن قىلىش ئەمەس،" دەيدۇ.
خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى ئىلگىرى خىتايغا تىبەتتىكى زىيانكەشلىكنى توختىتىش توغرىسىدا بېسىم ئىشلىتىش ھەققىدىكى تەلەپلەرنى رەت قىلىپلا قالماي، ئولىمپىك مۇراسىملىرىنى ئىمكان بار سىياسىيلاشتۇرماسلىققا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن تىرىشماقتا ئىدى.