ئاۋسترالىيىدىكى ئۇيغۇرلار ئولىمپىك مەشئىلىگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن كامبېراغا توپلاندى

ئولىمپىك مەشئىلى چارشەنبە كۈنى ئاۋسترالىيە پايتەختى كانبېررا ئەتراپىدىكى بىر ھەربىي ئايرودرومغا يېتىپ كەلگەندە مەشئەلنى كانبېرادىكى بىر ئاۋسترالىيە يەرلىك قەبىلىسىنىڭ ئاقساقىلى كۈتۈۋالدى. كانبېرادىكى مەشئەلنى يەتكۈزۈش مۇراسىمى پەيشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلىدۇ.

0:00 / 0:00

مەشئەلنىڭ كامبېراغا يېتىپ كېلىشى بىلەن ئاۋسترالىيىدىكى ئۇيغۇر، تىبەت ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى ياقلىغۇچى شەخس ۋە گۇرۇھلارنىڭ ئولىمپىك مەشئىلىگە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ پەردىسى رەسمىي ئېچىلدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئاۋسترالىيە ۋەكىلى ھۈسەن ھەسەن ئەپەندى كانبېرادىكى ئولىمپىك مەشئىلىگە قارشى تۇرۇش نامايىشىنى تەشكىللىگۈچى زاتلارنىڭ بىرىدۇر. ئۇ، بۇ قېتىمقى نامايىش ئۈچۈن ئاۋسترالىيىنىڭ سېدنىي، ئادالايد شەھىرىدىكى نۇرغۇن ئۇيغۇر مۇھاجىرلار ۋە مېلبۇرن شەھىرىدە ياشايدىغان ئاز ساندىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ سەپەرۋەر قىلىنغانلىقىنى، ئادالايددىكى ئۇيغۇرلارنىڭ چارشەنبە كۈنى كامبېرادا ھازىر بولغانلىقى، سېدنىيدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەتە ئەتىگەن سەھەردە مەخسۇس ئاپتوبۇس بىلەن كامبېراغا يېتىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئولىمپىك مەشئىلىگە قارشى ئەڭ شىددەتلىك نارازىلىقلار غەرب ئەللىرىدە بولۇپمۇ لوندون، پارىژ ۋە سان-فرانسېسكو شەھەرلىرىدە، ئىستانبۇلدا شۇنداقلا ھىندىستاننىڭ يېڭى دېھلى شەھىرىدە يۈز بەرگەن ئىدى. ئالاقىدار دائىرىلەر شىددەتلىك نارازىلىقلار تۈپەيلى نۇرغۇن جايلاردا مەشئەلنى يەتكۈزۈش مۇساپىسىنى قىسقارتىش ياكى مەشئەلنىڭ ئۆتەر يولىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇر بولدى. ئولىمپىك مەشئىلى كامبېراغا يېتىپ كېلىشتىن بۇرۇن ھىندونوزىيەنىڭ جاكارتا شەھىرىدە ئايلاندۇرۇلغان.

بۇ يەردە دائىرىلەر ئولىمپىك مەشئىلىگە قارشى نامايىشلارنى چەكلىگەن، مەشئەلنىڭ يۈرۈش مۇساپىسىنى قىسقارتقان بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا كىچىك كۆلەملىك نارازىلىقلارنىڭ يۈز بېرىشىنى توسىيالمىدى. پەيشەنبە كۈنى كانبېرادىكى مۇراسىمدا ئولىمپىك مەشئىلى يەنە شىددەتلىك نارازىلىققا دۇچ كېلىشى مۇمكىن.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا سەيشەنبە كۈنى بىر قانچە نامايىشچى سېدنىي پورتىدىكى چوڭ كۆۋرۈكنىڭ شادىسىغا تىبەتنى قوللايدىغان لوزۇنكا ئاسماقچى بولغاندا ، ساقچىلارنىڭ تۇتقۇن قىلىشىغا ئۇچرىغان. يەنە بەزى نامايىشچىلار شۇ كۈنى ئاخشىمى پىرژىكتوردا سېدنىي كۆۋرۈكىگە خىتاينىڭ تىبەتتىكى نامايىشنى باستۇرغانلىقىنى ئەيىبلەيدىغان شۇئارلارنى چۈشۈرگەن ھەم خىتاي دائىرىلىرىنى دالاي لاما بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە ئۈندىگەن. ئاۋسترالىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پەيشەنبە كۈنى يۈز بېرىدىغان نارازىلىققا ئاز دېگەندە 2000 ئادەم قاتنىشىشى مۇمكىن. ھۈسەن ھەسەن ئەپەندى، ئۇيغۇر نامايىشچىلارنىڭ ئەتە ئولىمپىك مەشئىلىنى ئۆچىرىۋېتىشكە تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى ئولىمپىك مەشئىلىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن بەزى جىددىي تەدبىرلەرنى ئالدى. خەۋەرلەرگە قارىغاندا ، دائىرىلەر ئولىمپىك مەشئىلىنى يەتكۈزۈش مۇساپىسىنى قىسقارتىپ، ئەسلىدىكى 20 كىلومېتىر مۇساپىنى 16 كىلومېتىرغا چۈشۈرگەن، مەشئەلنى تار كوچىلاردا ئېلىپ يۈرۈشنى چوڭ كوچىلاردا ئېلىپ يۈرۈشكە ئۆزگەرتكەن شۇنداقلا يولنىڭ ئىككى قاسنىقىغا تۆمۈر رىشاتكىلارنى يەرلەشتۈرگەن.