بېيجىڭ ئولىمپىك مەشئىلىنىڭ خەلقئارا ماراتون سەپىرى ئاخىرقى تاماملىنىش باسقۇچىغا كىردى. ۋېيتنام بېيجىڭ ئولىمپىك مەشئىلىنى يەتكۈزۈش خەلقئارا ماراتونىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بېكىتى بولۇپ، ئولىمپىك مەشئىلى سەيشەنبە كۈنى خۇجىمىڭ شەھىرىدىكى يەتكۈزۈش پائالىيىتىدىن كېيىن خەلقئارا ماراتون سەپىرىنى تاماملاپ، خىتاينىڭ خوڭكوڭ ۋە ئاۋمېن شەھەرلىرىدە ئايلاندۇرۇلىدۇ شۇنداقلا بۇ يەردىن خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىغا قايتۇرۇپ كېلىنىدۇ. ئولىمپىك مەشئىلىنى يەتكۈزۈش پائالىيىتىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى سەيشەنبە كۈنى گرىنىۋىچ ۋاقتى بىلەن سائەت 11 لەردە خۇجىمىڭ شەھىرىنىڭ سىرتىدىكى 19 - ئەسىردە ياسالغان بىر ئوپىرا زالىنىڭ سىرتىدا ئۆتكۈزۈلمەكچى ئىكەن. بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋېيتنام ھۆكۈمىتى بىخەتەرلىك مەسىلىسىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئولىمپىك مەشئىلىگە دائىر تەپسىلىي دىتاللار بولۇپمۇ مەشئەلنىڭ ئۆتەر يولى قاتارلىقلار ئۈستىدە كۆپ توختىلىشنى راۋا كۆرمىگەن.
ئولىمپىك مەشئىلى دۈشەنبە كۈنى ۋېيتنامنىڭ جەنۇبىدىكى خۇجىمىڭ شەھىرىگە يېتىپ كېلىشتىن بۇرۇن، شۇ كۈنى يەنە شىمالىي كورىيىدە داغدۇغا بىلەن كۈتۈۋېلىنغان ئىدى.
ئولىمپىك مەشئىلى دۇنيانىڭ ئەڭ ئاخىرقى ستالىنىزمچى دۆلىتىدە 1 - قېتىم ئايلاندۇرۇلۇشى بولۇپ، پايتەخت پيوڭياڭدا شىمالىي كورىيە كوممۇنىستىك رىجىمى مىڭلىغان-ئون مىڭلىغان كىشىلەرنى سەپەرۋەر قىلدى. ئولىمپىك مەشئىلىنى يەتكۈزۈش پائالىيىتىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى پيوڭياڭدىكى شىمالىي كورىيە "دۆلەت ئاتىسى"كىم ئىل سۇڭنىڭ خاتىرىسىگە ياسالغان ھەيۋەتلىك جوچى مۇنارى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن. مۇراسىمدا شىمالىي كورىيە رەھبىرى كىم جۇڭ ئىلنىڭ قارىسى كۆرۈنمىدى، لېكىن مۇراسىمغا شىمالىي كورىيە پارلامېنت رەئىسى كىم يوڭنام قاتناشقان.
ياپونىيە كيۇتو ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، شىمالىي كورىيە ئولىمپىك كومىتېتى رەئىسى پاك خاسون مۇراسىمنىڭ باشلىنىشىدا " بىز بەزى ئەشەددىي كۈچلەرنىڭ خىتاينىڭ ئولىمپىك ساھىپخانلىقىغا قارشى بۆلگۈنچىلىك ھەرىكىتىگە قەتئىي قارشى ئىكەنلىكىمىزنى ئىپادىلەيمىز " دەپ تەكىتلىگەن. مەشئەلنى يەتكۈزۈش پائالىيىتى 20 كىلومېتىر مۇساپىدە گۈلدەستىلەرنى كۆتەرگەن شىمالىي كورىيىلىكلەرنىڭ " قارشى ئالىمىز،" ئولىمپىك مەشئىلىنى " قارشى ئالىمىز،" دېگەن شۇئارلارنى توۋلىشى بىلەن قارشىلىقسىز ئۆتكۈزۈلگەن.
شىمالىي كورىيىدە ئولىمپىك مەشئىلى ياپونىيە ياكى شەنبە كۈنى جەنوبىي كورىيە پايتەختى سېئۇلغا يېتىپ كەلگەندە يۈز بەرگەن ئولىمپىك مەشئىلىگە قارشى ۋەقەلەرنىڭ يەنى تىبەت ياكى كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغۇچىلارنىڭ قارشىلىقى پيوڭياڭدا يۈز بېرىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىش تازا ئەقىلغە سىغمايتتى. مەشئەلگە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى پيوڭياڭدا يۈز بەرمىدى، لېكىن ئولىمپىك مەشئىلى يەكشەنبە كۈنى جەنۇبىي كورىيە پايتەختى سېئۇلغا يېتىپ كەلگەندە مەشئەلگە قارشى نامايىش قىلغۇچىلارنىڭ مەقسىتى يالغۇز خىتاينىڭ تىبەتتىكى باستۇرۇش ھەرىكىتىگە قارشى تۇرۇش بىلەن چەكلەنمەيتتى. قارشى تۇرغۇچىلارنىڭ شۇئارلىرىنىڭ بىرى ،خىتايدىكى شىمالىي كورىيىلىك مۇساپىرلارنى دۆلىتىگە قايتۇرۇشنى توختىتىپ، ئۇلارنىڭ ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش ئىدى.
سېئولدا جەنۇبىي كورىيىدىكى 63 كىشىلىك ھوقۇق، دىنىي جەمئىيەت ۋە كونسېرۋاتىپ تەشكىلاتلار بىرلىشىپ، ئولىمپىك مەشئىلىگە قارشى نامايىش تەشكىللىگەن. مەزكۇر ئىتتىپاقنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى، كىم پەمىلىلىك بىر پوپ مۇنداق دەيدۇ،" بىز خىتاينى ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ساھىپخانى بولۇش سۈپىتىدە ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق قىممەت قارىشىغا ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرىمىز. شىمالىي كورىيىلىك مۇساپىرلارنى قايتۇرۇۋېتىش، تىبەت خەلقىنى باستۇرۇشنى توختىتىشقا ئۈندەيمىز " . قارشى تۇرغۇچىلار " خىتايدىكى شىمالىي كورىيىلىك مۇساپىرلارغا ئەركىنلىك " دېگەن پىلاكاتلارنى كۆتەرگەن ئىدى. سېئولدىكى شىمالىي كورىيىلىك بىر مۇساپىر خىتايغا شىمالىي كورىيىلىك مۇساپىر مەسىلىسىدىكى نارازىلىقىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ئۆزىگە ئوت قويۇپ بەرمەكچى بولدى. لېكىن ساقچىلار بۇ كىشىنى توسۇۋالدى. شۇ كۈنى سېئولدا تەخمىنەن بىرەر مىڭ خىتاي ئوقۇغۇچى نامايىش قىلىپ، ئولىمپىك مەشئىلىگە مەدەت بەرگەن ئىدى. مەشئەلنى يەتكۈزۈش پائالىيىتى باشلىنىش ئالدىدا تۇرغاندا خىتاي ئوقۇغۇچىلار بىلەن كورىيىلىك قارشى تۇرغۇچىلار ئارىسىدا توقۇنۇش كېلىپ چىققان.
ساقچىلار تەرەپلەرنى ئايرىۋەتمەكچى بولۇپ ئوتتۇرىغا كىرگەندە خىتاي ئوقۇغۇچىلار قارشى تەرەپكە تاش ئاتقان ئىدى. بۇ ۋەقە دۈشەنبە كۈنى جەنۇبىي كورىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ سېئولدىكى خىتاي باش ئەلچىسىگە بەزى خىتاي ئوقۇغۇچىلارنىڭ خۇي - پەيلىنى شىكايەت قىلىش دەرىجىسىگە قەدەر باردى. جەنۇبىي كورىيە مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لې يۇڭجۇن، دۈشەنبە كۈنى خىتاي باش ئەلچىسى نىڭ فۇكەي بىلەن ئىشخانىسىدا كۆرۈشۈپ، جەنۇبىي كورىيە ھۆكۈمىتى بەزى خىتاي ياشلىرىنىڭ مەشئەلنى يەتكۈزۈش پائالىيىتىىدىكى ئەسەبىي ھەرىكىتىدىن ناھايىتى ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
لېكىن بەزى چەتئەللىكلەر ئىچىدە ئولىمپىك مەشئىلىگە قارشى تۇرۇش بىلەن مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولمايدۇ، دېگەن قاراشتىكى كۆزەتكۈچىلەرنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. سېئولدىكى بۇ چەتئەللىك كۈزەتكۈچى شۇ كۆز قاراشتىكى كىشىلەرنىڭ بىرىدۇر. ئۇ، "مەن تىبەتنى ھىمايە قىلىمەن. لېكىن ئولىمپىك مەشئىلىگە ئىغۋاگەرچىلىك قىلىشنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ، مەن بۇنى قوللىمايمەن. چۈنكى ئولىمپىك تىبەت ۋەزىيىتىنىڭ ياخشىلىنىشىغا ياردەم قىلالمايدۇ " دەپ تەكىتلەيدۇ. لېكىن بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىغا قارشى چىققۇچىلار خىتاي دائىرىلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىش، ئۆلۈم جازاسىنى كەڭ كۆلەمدە ئىجرا قىلىش، مەتبۇئات ۋە دىنىي ئەركىنلىكنى قىسىش، ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرگە يۈرگۈزگەن باستۇرۇش سىياسىتى ئولىمپىك روھىغا خىلاپ، دەپ قارىماقتا.
دۈشەنبە كۈنى ئولىمپىك مەشئىلى ۋېيتنامغا يېتىپ كەلگەندە دائىرىلەر ئايرودرومغا تەخمىنەن بىرەر 100 ساقچىنى يەرلەشتۈرگەن. ۋېيتنام ھۆكۈمىتى خىتايغا مەشئەلنى يەتكۈزۈش پائالىيىتىدە لوندون، پارىژ، سان فىرانسېسكوغا ئوخشاش زور كۆلەملىك قارشىلىقنىڭ يۈز بەرمەيدىغانلىقىغا ۋەدە بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن خەۋەرلەردە ۋېيتنام پائالىيەتچىلىرىنىڭ پايتەخت خانوي ۋە خۇجىمىڭ شەھەرلىرىدە خىتايغا قارشى يىغىلىش ئۆتكۈزمەكچى بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
0:00 / 0:00