كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى: " ئۈچ يىل جەريانىدا خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق ئىزچىل يامانلىشىپ باردى"
باش شتابى نيۇيورك شەھىرىگە جايلاشقان كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى 9- ئاپرېل دۇنيادىكى دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرىگە يوللىغان ئوچۇق خېتىدە ، گەرچە خىتايدا بەزى مەكتەپلەردە مەلۇم ئۆزگىرىشلەر كۆرۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۆتكەن ئۈچ يىل جەريانىدا خىتايدا كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئىزچىل يامانلىشىپ بارغانلىقىنى، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى تۇتقۇن قىلىش، ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلارغا قارىتىلغان چەكلەش سىياسىتى، ئىنتېرنېتقا قارىتىلغان كۆزىتىشنى كۈچەيتىش ھەمدە ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتىلغان سىياسىي بېسىملارنى ئېغىرلاشتۇرۇش قاتارلىق قىلمىشلارنىڭ ئۈزۈلدۈرمەي سادىر بولغانلىقى، بۇلارنىڭ ئۇيغۇر ئىلى ۋە تىبەتلەردە تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك بولغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
سوفىي رىچاردسون خانىم: "ئولىمپىككە قاتنىشىش ھازىر خىتاينى قوللاشقا ئۆزگىرىپ كەتتى" ئەمما، خىتاي ھۆكۈمىتى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ دۇنيا رەھبەرلىرىنى بېيجىڭ ئولىمپىكىگە قاتناشماسلىققا دەۋەت قىلىش ھەرىكەتلىرىنى ئولىمپىكنى سىياسىيلاشتۇرغانلىقتۇر دەپ ئەيىبلەپ كېلىۋاتقان بولۇپ، كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئاخباراتىدا نەقىل قىلىنىشىچە، مەزكۇر تەشكىلات ئاسىيا بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى سوفىي رىچاردسون خانىم، خىتاينىڭ بۇنداق پوزىتسىيىدە بولۇشىغا ئىنكاس قايتۇرۇپ: " بېيجىڭ دائىرىلىرى ئولىمپىكنى سىياسىيلاشتۇرۇشنى خالىمىغان ئىكەن، نېمىشقا 100دىن ئارتۇق مەشھۇر رەھبەرلەرنى بۇ ئولىمپىككە قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىدۇ؟ ئولىمپىككە قاتنىشىش ھازىر خىتاينى قوللاشقا ئۆزگىرىپ كەتتى" دېگەن.
رىچاردسون خانىم يەنە، خىتايدا كىشىلىك ھوقۇقتا كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىنمىغان شارائىتتا ، دۇنيا رەھبەرلىرىنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىكىگە قاتنىشىشىنىڭ خاتا بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
كۆزەتچى ئىلشات ئەپەندى: "بۇ يەردە قوغدىلىۋاتقىنى ئولىمپىك پرىنسىپى"
بېيجىڭ ئولىمپىك مەشئىلى مەيلى قايسى شەھەرگە بارمىسۇن شۇ شەھەرلەردە ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە قارشىلىققا ئۇچراپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئولىمپىك مەشئىلى يېتىپ بارغان دۆلەتلەردىكى ھۆكۈمەت ۋە ساقچى دائىرىلىرى مەشئەلنى نامايىشچىلارنىڭ ھۇجۇم قىلىپ ئۆچۈرۈۋېتىشىدىن ياكى بۇلاپ كېتىشىدىن ساقلاپ قىلىشقا زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ كەلدى.
ئولىمپىك توختاپ ئۆتكەن ئەللەردىكى ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ بۇ خىل پوزىتسىيىسى "خىتايدا ئولىمپىك ئۆتكۈزۈش خاتا" دەپ قارايدىغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنى تەئەججۈپلەندۈرگەن بولۇشى مۇمكىن، ئەمما بۇ ھەقتە ئوخشاش بولمىغان پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويغان سىياسىي كۆزەتچى ئىلشات ئەپەندى، بۇ يەردە قوغدىلىۋاتقىنى مەلۇم بىر دۆلەتتە ئولىمپىكنى ئۆتكۈزۈش بولماستىن بەلكى ئولىمپىك پرىنسىپى ئىكەنلىكنى بىلدۈردى.
بېيجىڭ ئولىمپىكى دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەر خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىمۇ ئەندىشىگە سالماقتا
بېيجىڭ ئولىمپىكى ھازىر دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەر خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىمۇ ئەندىشىگە سېلىۋاتقان بولۇپ، بۈگۈن خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى رەئىسى روگگىمۇ بېيجىڭ ئولىمپىكى ۋە خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى جەھەتتە ئىلگىرىكىگە ئوخشىمايدىغان رەۋىشتە پىكىر بايان قىلىشقا مەجبۇر بولدى.
جاكوس روگگې :" نامايىشلار ئولىمپىكنى كرىزىسقا پاتۇرۇپ قويدى"
ھازىر بېيجىڭدا خىزمەت زىيارىتى ئېلىپ بېرىۋاتقان خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى رەئىسى جاكوس روگگې بىر قېتىملىق مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىندا، بېيجىڭ ئولىمپىكىگە قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان نارازىلىق نامايىشلىرىنىڭ مەزكۇر ئولىمپىكنى "كرىزىس" پاتقىقىغا پاتۇرۇپ قويغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خىتاينى كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ئولىمپىكتىن بۇرۇن ياخشىلاشقا چاقىردى.
روگگې يىغىندا، خىتاينىڭ ئىلگىرى2008 - يىللىق ئولىمپىك ساھىبخانىلىقىنى تالىشىش جەريانىدا خەلقئارا جەمئىيەتكە ئولىمپىكتىن بۇرۇن كىشىلىك ھوقۇقنى ئوز ئىچىگە ئالغان ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى ياخشىلايمىز دەپ ۋەدە بەرگەنلىكىنى خىتاينىڭ سەمىگە سېلىپ ئۆتۈش بىلەن بىرگە: " بىز خىتاينى مۇشۇ ئەخلاقى ۋەدىسىگە ھۆرمەت كۆرسىتىشكە چاقىرىمىز" دېدى.
روگگې ئۆزىنىڭ تۈنۈگۈن سان فرانسېسكودا يۈز بەرگەن ئەھۋالدىن كۆڭلىنىڭ غەشلىككە چۆمگەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە بۇ مەشئەل يەتكۈزۈش پائالىيىتى ئۆزى كۆزلىگەندەك خۇشاللىنارلىق ھالدا ئېلىپ بېرىلمىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى رەئىسى جاككۇس روگگېنىڭ مۇنداق بىر پەيتتە خىتاينىڭ خەلقئارا جەمئىيەتكە بەرگەن كىشىلىك ھوقۇق خىتاينىڭ ئېسىگە سېلىپ ئۆتىشى ھەققىدە توختالغان ئىلشات ئەپەندى روگگېنىڭ خىتايغا بۇنداق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشى بەلكىم يېقىندىن بۇيان خىتايغا قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان نارازىلىق نامايىشلىرىنىڭ بېسىمى سەۋەبىدىن بولۇشىمۇ ۋەياكى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خىتايغا ھەرخىل شەكىللەر بىلەن يەتكۈزگەن سىگناللىرى سەۋەبىدىن بولۇشىمۇ مۇمكىن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
بىر قىسىم پالاتا ئەزالىرى پرېزىدېنت بۇشنى ئولىمپىكنى بايقۇت قىلىشقا چاقىردى
ئولىمپىك مەشئىلى ئامېرىكا قۇرۇقلىقىغا يەنى سان فېرانسېسكوغا يېتىپ كېلىشنىڭ ئالدى - كەينىدە ئامېرىكا ھۆكۈمەت رەھبەرلىرىنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلىش سادالىرى ئامېرىكا ئاۋام پالاتا رەئىس نەنسى پېلۇسى خانىمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قىسىم نوپۇزلۇق پالاتا ئەزالىرى ئارىسىدا يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشكە باشلىدى.
دۈشەنبە كۈنى ئامېرىكا دېموكراتلار پارتىيىسىدىن 2008- يىللىق پرېزىدېنت نامزاتى ھىلارىي كلىنتون پرېزىدېنت بۇشنى بېيجىڭ ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىرغان بولسا، بۈگۈن يەنى 10 - ئاپرېل جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى پرېزىدېنت نامزاتى جون مېككېيىنمۇ پرېزىدېنت بۇشنى بېيجىڭ ئولىمپىكىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىردى. مېككېيىن يەنە: " ئەگەر خىتاينىڭ سىياسىتى ۋە قىلمىشلىرىدا ئۆزگىرىش بولمىسا، مەن ئولىمپىككە بارمىغان بولاتتىم" دېدى.
دېموكراتلار پارتىيىسىدىن ئامېرىكا پرېزىدېنتلىق سايلىمى رىقابىتىگە چۈشكەن ئامېرىكا پالاتا ئەزاسى باراك ئوبامامۇ ، ئەگەر خىتاي تىبەت ۋە دارفۇردىكى سىياسىتىنى ئۆزگەرتمىسە بۇشنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
فرانك ۋولف: " ھەرقانداق بىر ھۆكۈمەت ئەمەلدارى باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ پۇلى بىلەن بېيجىڭ ئۆلىمپىىكىگە بارماسلىقى كېرەك"
ئۇنىڭدىن باشقا، ھازىر ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئولىمپىك ئېچىلىش مۇراسىمىنى بايقۇت قىلىش پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئامېرىكا پالاتا ئەزالىرىدىن فرانك ۋولف، ۋە كىرستوفېر سىمىت ئەپەندىلەر بار بولۇپ، ۋولف ئەپەندى ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىغا ئۆزىنىڭ ھازىر بىر ئالاھىدە خامچوت قانۇن لايىھىسىنى تۈزۈۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭدىن ئىچىدە بېيجىڭ ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلىش ماددىسىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە: " بۇ قانۇن لايىھىسى ھەرقانداق بىر ھۆكۈمەت ئەمەلدارىنىڭ باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ پۇلى بىلەن بېيجىڭ ئولىمپىكىگە بېرىشقا يول قويمايدۇ" دېگەن.
ھازىر بېيجىڭ ئولىمپىكىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىنى بايقۇت قىلغان دۇنيا رەھبەرلىرى بارغانچە كۆپىيىۋاتقان بولۇپ، ئالدىنقى كۈنى ئەنگلىيە باش ۋەزىرى گوردون بروۋنمۇ 8- ئاۋغۇست ئۆتكۈزۈلىدىغان 2008 - يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىكىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىنى بايقۇت قىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان ئىدى.