ھىندىستان بېيجىڭ ئولىمپىك مەشئىلىنى زور كۆلەملىك ساقچىلار بىلەن قوغداش مەجبۇرىيىتىدە قالدى

بېيجىڭ ئولىمپىك مەشئىلىنى يەتكۈزۈش ماراتونى پەيشەنبە كۈنى ھىندىستان سەپىرىنى تاماملىدى. تىبەت مۇستەقىللىقىنى تەشەببۇس قىلىدىغان تىبەت ياشلار قۇرۇلتىيى كەڭ كۆلەملىك نارازىلىق ھەرىكىتى تەشكىللىگەن بولۇپ، ھىندىستان ھۆكۈمىتى ئولىمپىك مەشئىلىنى قوغداش ئۈچۈن ئاز دېگەندە 15 مىڭ كىشىلىك ساقچى قىسىمىنى سەپەرۋەر قىلىش مەجبۇرىيىتىدە قالدى.

0:00 / 0:00

ھىندىستان چەتئەلدىكى تىبەت سەرگەردانلىرى ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان دۆلەت بولغانلىقى شۇنداقلا تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتى ۋە تىبەت روھانىي داھىسى دالاي لامانىڭ قارارگاھى شىمالىي ھىندىستاندىكى دارامسالانى ماكان تۇتقانلىقى تۈپەيلى بېيجىڭ ئولىمپىك مەشئىلىنىڭ يېڭى دېھلىغا يەتكۈزۈلۈشى كىشىلەر ئالاھىدە دىققەت قىلىدىغان بىر ۋەقە بولۇپ قالغان ئىدى. ئولىمپىك مەشئىلى پەيشەنبە كۈنى يېڭى دېھلىغا يېتىپ كەلگەندە ھىندىستان ھۆكۈمىتى ئاز دېگەندە 15 مىڭ كىشىلىك ساقچى ۋە ئالاھىدە ھەرىكەت قىسىمىنى ئولىمپىك مەشئىلى ئۆتۈدىغان يوللارغا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئالاھىدە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى ئېلىش مەجبۇرىيىتىدە قالدى.

يېڭى دېھلىدىكى ئولىمپىك مەشئىلى ئۆتىدىغان يوللاردا ئاپتوموبىل ۋە پىيادىلەر قاتنىشىنى چەكلىدى، يولنىڭ 2 قاسنىقىدىكى ئۆي ۋە بىنالارنىڭ دېرىزە - ئىشىكلىرىنى پۈتۈنلەي تاقىدى. ئەسلى پىلاندا ئولىمپىك مەشئىلى 29 كىلومېتىر مۇساپىنى بېسىشى كېرەك ئىدى، لېكىن بىخەتەرلىك تۈپەيلى مەشئەلنىڭ ئايلىنىش مۇساپىسى 3.2 كىلومېتىرغا قىسقارتىلىپ، بىر سائەتكە بارمىغان ۋاقىت ئىچىدە تاماملاندى. ئولىمپىك مەشئىلىنىڭ يولغا چىقىش مۇراسىمى ھىندىستان پرېزىدېنت سارىيى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، مەشئەلنى يېڭى دېھلىدىكى تارىخىي ئابىدە ھىندىستان قوۋۇقىغا قەدەر كۆك كىيىملىك خىتاي مۇھاپىزەتچىلەر ئارىغا ئېلىپ ماڭدى، خىتاي مۇھاپىزەتچىلەرنى بولسا قىزىل كىيىملىك ھىندىستان ساقچى خادىملىرى قوغدىدى.

ئولىمپىك مەشئىلىنىڭ يېڭى دېھلىدا تىبەت مۇساپىرلىرىنىڭ شىددەتلىك قارشىلىقىغا ئۇچرايدىغانلىقى ھېچكىمگە سىر ئەمەس ئىدى. چۈنكى ھىندىستان 1959 ‏- يىلدىن بېرى تەخمىنەن 130 مىڭ ئەتراپىدىكى تىبەت سەرگەردانلىرىنىڭ پاناھلىنىش ماكانى بولۇپ كەلمەكتە. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھىندىستان ھۆكۈمىتى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تىبەت نامايىشچىلىرىنى چەكلەش ھەققىدىكى تەلىپىنى رەت قىلىپ، ھىندىستاننىڭ دېموكراتىك بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى، تىبەت مۇساپىرلىرىنىڭ ئۆز پىكىرىنى ئىپادىلەش ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئولىمپىك مەشئىلى يېتىپ كېلىش ھارپىسىدا ۋە مەشئەلنىڭ يېتىپ كەلگەن كۈنى ھىندىستاننىڭ ھەر قايسى چوڭ شەھەرلىرىدە تىبەت مۇساپىرلىرىنىڭ كەڭ - كۆلەملىك نامايىشى يۈز بەردى.

نامايىشچىلارنىڭ ئولىمپىك مەشئىلىگە يېقىنلىشىش تىرىشچانلىقى ساقچىلارنىڭ بىخەتەرلىك تەدبىرى تۈپەيلى مەقسىتىگە يېتەلمىدى. بۇ جەرياندا 170 ئادەم قولغا ئېلىندى. ساقچىلار قورال كۈچى ئىشلەتمەي پەقەت ئادەم كۈچى بىلەن نامايىشچىلارنى توسىدى. شۇ كۈنى يەنە 47 نەپەر تىبەت مۇساپىرى خىتاينىڭ يېڭى دېھلىدىكى باش ئەلچىخانىسىغا ئۈسۈپ كىرمەكچى بولغاندا قولغا ئېلىندى. چارشەنبە كۈنى ئولىمپىك مەشئىلى يېڭى دېھلىغا يېتىپ كەلگەندە ئايرودرومغا چىقىپ ئولىمپىك مەشئىلىنى توسىماقچى بولغان تىبەتلەردىن 27 كىشى تۇتقۇن قىلىنغان ئىدى. پەيشەنبە كۈنى ھىندىستاننىڭ سودا مەركىزى بومبايدا 25 نەپەر تىبەت نامايىشچى تۇتقۇن قىلىندى. ئۇلار بومبايدىكى خىتاي كونسۇلخانىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بىخەتەرلىك توسىقىدىن ئۆتمەكچى بولغاندا ساقچىلار تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان.

چەتئەلدىكى تىبەتلەر ئىچىدە تىبەتنىڭ كېلەچىكى مەسىلىسىدە پىكىر ئىختىلاپى مەۋجۈت بولۇپ، تىبەت ياشلىرىنى مەركەز قىلغان تىبەت ياشلار قۇرۇلتىيى دالاي لامانىڭ تۇتقان ئاپتونومىيە يولىغا گۇمان بىلەن قارىماقتا ھەم تىبەت مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ يولى مۇستەقىللىقتۇر، دەپ قارىماقتا. تىبەتلەر ئىچىدىكى مەزكۇر پىكىر ئىختىلاپى يېڭى دېھلىدىكى نامايىشلاردا ئۆز ئىپادىسى تاپقان بولۇپ، ئولىمپىك مەشئىلىنىڭ ئۆتە يولىدىكى نامايىشنى تىبەت ياشلار قۇرۇلتىيى تەشكىللىگەن ئىدى.

تىبەت ياشلار قۇرۇلتىيى دارامسالا شۆبىسىنىڭ مەسئۇلى زاڭ تۇدﯤ نامايىشچىلارغا مۇنداق دەيدۇ، " خىتاي ھۆكۈمىتى تىبەت، چىڭخەي، گەنسۇ، سىچۈەنلەردىكى تىبەت خەلقىنى ۋەھشىيانە باستۇرىۋاتىدۇ. ئۇلارغا تەن جازاسى بەرمەكتە، يوشۇرۇن ئۆلتۈرمەكتە ۋە ئاتماقتا. بىز كۈچىمىزنى بىرلەشتۈرۈشىمىز، خىتاينىڭ قىرغىنچىلىقىغا قارشى تىبەت خەلقىنى ئومۇميۈزلۈك سەپەرۋەر قىلىشىمىز كېرەك". تىبەت ياشلار قۇرۇلتىيى ئولىمپىك مەشئىلىنىڭ ئۆتە يولىدا نامايىش ئۆتكۈزۈش بىلەن بىللە يەنە ،شۇ چاغنىڭ ئۆزىدە دارامسالادىكى تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتى يېڭى دېھلىدىكى گەندى خاتىرە سارىيىنىڭ ئالدىدا 5000 كىشىلىك يىغىلىش ئۆتكۈزدى.

تىبەت پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى لاما تۇدۇڭ رېنجى، گەندى خاتىرە سارىيىنىڭ ئالدىدىكى يىغىلىش پائالىيىتىدە سۆزگە چىققان زاتلارنىڭ بىرى. ئۇ تىڭشىغۇچىلارغا نارازىلىقنىڭ خىتاي خەلقىغە ئەمەس، خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە خىتاي ئەمەلدارلىرىغا قارىتىلغانلىقىنى بىلدۈردى. تۇدۇڭ رېنجى "بىز قارشىلىقىمىزنى خىتاي ھۆكۈمىتىگە ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمەلدارلىرىغا بىلدۈرمەكچى. خىتاي خەلقىغە ئەمەس. خىتاي خەلقى بىزگە ئوخشاشلا خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ زىيانكەشلىكى ھەم باستۇرۇشىغا ئۇچرىماقتا. شۇڭا ئۇلارمۇ بىز بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئۆز نارازىلىقىنى ئىپادىلىشى كېرەك، دەپ قارايمىز" دەيدۇ.

ھىندىستان ھۆكۈمىتى ئولىمپىك مەشئىلى يېڭى دېھلىغا يېتىپ كېلىشتىن بۇرۇن تىبەت نامايىشچىلىرىغا قارشى جىددىي بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى ئېلىپلا قالماي، ھىندىستان ئاخبارات ئىدارىسى يەنە ساقچى ئورگانلىرىغا ھىندىستاندىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلاردىن ھەزەر ئەيلەش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش چۈشۈرگەن ئىدى."ھىندىستان ۋاقتى"گېزىتى ئالدىنقى كۈنكى بىر خەۋىرىدە ئاخبارات ئىدارىسى ھەزەر ئەيلەشنى ئاگاھلاندۇرغان 5 نەپەر ئۇيغۇر مۇساپىرنىڭ ئىسمىنى ئېلان قىلغان، لېكىن بۇ 5 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ئىچىدە بەزى كىشىلەر ھازىر ھىندىستاندا ئەمەس، بەلكى شىمالىي ياۋروپادىكى دۆلەتلەردە مۇساپىر بولۇپ ياشاۋاتقان كىشىلەر ئىدى. بېيجىڭ ئولىمپىك مەشئىلىنى يېڭى دېھلىغا يەتكۈزۈش ماراتونى پەيشەنبە كۈنى كەچ سائەت 8 لەردە ئاخىرلاشقان بولۇپ، مەشئەلنىڭ كېيىنكى بېكىتى تايلاند پايتەختى بانكوكتۇر.