بېيجىڭ ئولىمپىك تەييارلىقىدىكى ئىككى مەسىلە: ئولىمپىك چوشقىسى ۋە ئولىمپىك ساقچىسى

2008 ‏ - يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىكى تەييارلىقى جەريانىدا ئىككى مەسىلە خىتاي ۋە خەلقئارا جامائەت ئارىسىدا كۈچلۈك غۇلا - غۇلا پەيدا قىلدى. بۇنىڭ بىرى چەتئەللىك تەنھەركەتچىلەرنىڭ ئوزۇقلىنىشى ئۈچۈن تەييارلانغان ئولىمپىك چوشقىسى؛ يەنە بىرى بولسا، ئولىمپىك مەشئىلىنى قوغداش ئۈچۈن تەييارلانغان ئولىمپىك ساقچىسى. ئولىمپىك چوشقىسى چەتئەلدىكى خىتاي ئۆكتىچىلىرىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغان ئىدى. ئولىمپىك ساقچىسى بولسا غەرب جامائەتچىلىكىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى.

0:00 / 0:00

نيۇيورك ۋاقتى گېزىتى ئۆتكەن يىل 5 ‏ - سىېنتەبىردىكى خەۋىرىدە، خىتاينىڭ يېمەكلىك سۈپىتىنى خەلقئارا ئۆلچەمگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن مەخسۇس ئولىمپىك كۆكتات ئېتىزى ۋە ئولىمپىك چوشقا قوتىنى بەرپا قىلغانلىقىنى بايان قىلغان ئىدى. خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ئولىمپىك چوشقىلىرىنى مەخسۇس ئورگانىك ئوزۇقلۇقلار بىلەن بېقىش، يېشىل ئوتلار بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇش، ھەر كۈنى ئىككى سائەت سىرتنى ئايلاندۇرۇپ تەنھەرىكەت قىلدۇرۇش قاتارلىق پەرۋىش ئۇسۇلىنى بېكىتكەن. خىتاينىڭ بۇ تەدبىرىنى، چەتئەللەردىكى خىتاي ئۆكتىچىلىرى چەتئەللىكلەرگە قىلىنغان خوشامەت دەپ ھەم خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۆز پۇقرالىرىغا راۋا كۆرمىگەن تۇرمۇشنى ئولىمپىك چوشقىسىغا راۋا كۆردى دەپ تەنقىد قىلغان ئىدى.

ئولىمپىك مەشئەل ئۇزۇتۇش پائالىيىتى باشلانغاندىن بۇيان، مەشئەل كۆتۈرۈپ ماڭغان تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ يېنىدا ئىككى سەپ بولۇپ يۈگۈرۈپ ماڭغان، كۆك ۋە ئاق رەڭدىن تۈزۈلگەن ئالابالداق كىيىملىك قوغدىغۇچىلار، خەلقئارا جامائەتنىڭ بولۇپمۇ غەرب جامائەتچىلىكىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى. بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ لوندون ۋە پارىژ سەپىرىدىكى نامۇۋاپىق ھەرىكەتلىرى بەزىدە تەنقىدكە ئۇچرىدى بەزىدە كۈلكىگە قالدى. لوندون ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ باشلىقى Lord Sebastian Coe خىتاينىڭ ئولىمپىك ساقچىلىرىغا باھا بەرگەندە ئۇلارنى "پالاكەت" دەپ تەرىپلىگەن. ئەنگلىيىدىكى مەشھۇر تېلېۋىزىيە پروگرامما رىياسەتچىسى Konnie Huq خىتاينىڭ ئولىمپىك ساقچىلىرىنى ماشىنا ئادەملەرگە ئوخشاتقان.

فرانسىيىلىك تەنھەرىكەتچى David Douilet مەشئەلنى كۆتۈرۈپ كېتىۋاتقىنىدا، ئولىمپىك ساقچىلىرى تەرىپىدىن 3 قېتىم ئىتتىرىلگەنلىكى ۋە راھەتسىزلىك ھېس قىلغانلىقىنى بايان قىلغان. ئۇ ھەم ئولىمپىك ساقچىلىرىنىڭ ئالدىراڭغۇلۇقى، يول بويى چۈشۈنۈكسىز ۋارقىراش - جاقىراشلىرىغا ھەيران قالغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئولىمپىك ساقچىلىرىنىڭ مەشئەلنىڭ يۆنىلىشىنى يول ئۈستىدە كېتىۋېتىپ ئۇشتۇمتۇت ئۆزگەرتىشى چەتئەللىكلەرنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرغان. خىتاينىڭ ئولىمپىك ساقچىلىرىنىڭ غەيرىي نورمال ھەرىكەتلىرى ئۇلارنىڭ قانداق سالاھىيەتلىك كىشىلەر ئىكەنلىكى ھەققىدە تالاش - تارتىشلارغا سەۋەب بولدى. خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ باشلىقى روگگىي ئەپەندى ئۆتكەن سەيشەنبە كۈنى بىر مۇخبىرنىڭ " ئولىمپىك مەشئىلىنى قوغداپ كېتىۋاتقان كىشىلەر قانداق سالاھىيەتلىك كىشىلەر دەپ سورىغان چېغىدا مەنمۇ بىلمەيمەن دەپ جاۋاب بەرگەن. ئافىنا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ باشلىقى بولسا، بۇلارنىڭ پەقەت نازارەتچى ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ تەرتىپ ساقلاش ياكى سەپەرگە قوماندانلىق قىلىش ھوقۇقى يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن.

ۋال سترېت ژۇرنىلى 8 ‏ - ئاپرىل كۈنى مەخسۇس خىتاينىڭ ئولىمپىك ساقچىلىرى ھەققىدە ماقالە ئېلان قىلدى. ماقالە ئاپتورى خىتاي بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقى بىلەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىدىن ئولىمپىك مەشئەل قوغدىغۇچىلىرىنىڭ خىتاي قوراللىق قىسمىغا ئائىت ياكى ئەمەسلىكىنى سورىغىنىدا ، خىتاي تەرەپ سوئالنى جاۋابسىز قالدۇرغان. ئەنگلىيىدىكى خىتاي ئەلچىخانىسىمۇ قوغدىغۇچىلارنىڭ كېلىپ چىقىشىنى بىلمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان. بېيجىڭ ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ باياناتچىسى بۇ ھەقتە" مېنىڭ دەپ بېرەلەيدىغىنىم ، بۇلار مەشئەلنى قوغداش ئۈچۈن تەربىيىلەنگەنلەر " دەپ جاۋاب بەرگەن. كومىتېتنىڭ يەنە بىر باياناتچىسى، ئۇلارنىڭ ئالاھىدە ساقچى قىسىم مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان. ۋالل ستىرېت ژۇرنىلىنىڭ خىتاي مەتبۇئاتىغا ئاساسەن ئاشكارىلىشىچە، خىتاينىڭ ئولىمپىك ساقچى ئەترىتى جەمئىي 70 نەپەر بولۇپ، بۇلارنىڭ 30 نەپىرى چەتئەلدىكى مەشئەل ئۇزۇتۇش ئۈچۈن، 40 نەپىرى بولسا خىتاي ئىچىدىكى مەشئەل ئۇزۇتۇش ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

ۋال سترېت ژۇرنىلى خىتاي قوراللىق قىسىملىرى ھەققىدە مۇنداق مەلۇمات بەرگەن: " خىتاي قوراللىق قىسىملىرىنىڭ ۋەزىپىسى ناھايىتى كەڭ دائىرىلىك ، ئۇلار، ئاممىۋىي پائالىيەتلەردە تەرتىپ ساقلاش، دىپلوماتلارنى قوغداش، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قاتارلىق ۋەزىپىلىرىدىن باشقا يەنە ، ئۇرۇش يىللىرىدا ئەسكەر سۈپىتىدە ئۇرۇشقا قاتنىشىدۇ. بۈگۈن ئولىمپىك مەشئىلىنى قوغداپ ماڭغان بۇ ساقچىلار، تىبەتتە نامايىشنى باستۇرغان قوراللىق قىسىمنىڭ ئەزالىرى."

قوراللىق قىسىمغا ئائىت كىشىلەرنىڭ يەنى ھەربىي ۋەزىپىسى بولغان بىر ئەترەتنىڭ ئولىمپىك مەشئىلىنى قوغداش لاياقىتى بار - يوقلۇقى نۆۋەتتە ئولىمپىك تەشكىللىگۈچىلىرى ئۈچۈن ئويلىنىشقا تېگىشلىك بىر مەسىلە بولۇپ ئوتتۇرىغا چىقتى. خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى بۇندىن كېيىنكى مۇسابىقىلەردە مەشئەل ئۇزۇتۇش پائالىيىتىنى ئېلىپ بېرىش - بارماسلىق ھەققىدە مەخسۇس قايتىدىن قارار چىقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي ئولىمپىك چوشقىلىرى ئامېرىكا تەرىپىدىن رەت قىلىنغان ئىدى. يەنى ئامېرىكا ئولىمپىك كومىتېتى بۇ يىل فېۋرال ئېيىدا، خىتاينىڭ يېمەكلىكلىرىگە ئېغىز تەگمەيدىغانلىقىنى، ئولىمپىك مەزگىلىدە كۈندىلىك يېمەكلىكلەرنى ئامېرىكىدىن ، دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى ياپونىيىدىن، مىۋە - چىۋىنى ئاۋسترالىيىدىن ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

خىتاينىڭ ئولىمپىك ساقچىسى بولسا ئاۋسترالىيە ۋە ياپونىيە تەرىپىدىن رەت قىلىندى. بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ ئولىمپىك كومىتېتلىرى، ئولىمپىك مەشئەل سەپىرى ئۆز دۆلەتلىرىگە كەلگەندە، خىتاينىڭ ئولىمپىك ساقچىسىغا ئورۇن بەرمەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.