نامايىشچىلار ئافېنادىكى ئولىمپىك مەشئىلىنى يېقىش مۇراسىمىدا خىتايغا قارشى كاشىلا چىقىرىپ ھەيۋە كۆرسەتتى
2008.03.24
2008 - يىلقى بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ مەشئىلىنى يېقىش مۇراسىمى دۈشەنبە كۈنى گرېتسىيە پايتەختى ئافېنادىكى ئولىمپىيە تېغىدا ئۆتكۈزۈلدى. مۇراسىمغا خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى رەئىسى جەكس روگې ۋە بېيجىڭ شەھىرىنىڭ باشلىقى ليۇ چى قاتناشقان ئىدى. مۇراسىمدا گرېتسىيە ساقچى دائىرىلىرى جىددىي بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى ئالغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ تىبەت ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ مۇراسىم مەيدانىغا كىرىپ، خىتايغا قارشى ھەيۋە كۆرسىتىشىنى توسىيالمىدى.
" كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىۋاتقان بۇ دۆلەتنى بايقۇت قىلايلى"
دۈشەنبە كۈنى بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ مەشئىلىنى يېقىش مۇراسىمى گىرىتسىيە پايتەختى ئافىنا سىرتىدىكى ئولىمپىيە تېغىدا ئۆتكۈزۈلگەندە، چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇلى روبېرت مېنارد باشچىلىقىدىكى 3 كىشىلىك بىر گۇرۇپپا 5 دانە كويزىنىڭ رەسىمى چۈشۈرۈلگەن بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش مەزمۇنىدىكى لوزۇنكىلارنى چىقىرىپ، ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈشكە ئېتىراز بىلدۈردى. ۋەقە يۈز بەرگەندە بېيجىڭ شەھەر باشلىقى ليۇ چى مۇراسىمدا سۆزلەۋاتقان بولۇپ، ساقچىلار چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ بۇ ئۈچ خادىمىنى نەق مەيداندىن دەرھال يىراقلاشتۇردى.
گرېتسىيە ھۆكۈمىتى ئولىمپىيە تېغىدىكى مۇراسىمنى قوغداش ئۈچۈن 1000 نەپەر ساقچىنى سەپەرۋەر قىلغان بولسىمۇ، لېكىن چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ خادىملىرى ساقچىلارنىڭ بىخەتەرلىك چەمبىرىكىدىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتۈپ، مۇراسىم مەيدانىغا قەدەر كىرىشكە قادىر بولالىغان. ئۇلارنىڭ ھەرىكىتى ليۇ چىنىڭ سۆزىنى بۆلۈۋېتەلمىدى، لېكىن خىتاي تېلېۋىزىيە قاناللىرى بۇ ھەقتىكى خەۋەرلىرىدە مۇراسىمدىكى بۇ ۋەقەنى بەرمىگەن.
مۇراسىمدا چېگرىسىز مۇخبىر تەشكىلاتىنىڭ بىر خادىمى "كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىۋاتقان بۇ دۆلەتنى بايقۇت قىلايلى" دېگەن لوزۇنكا چىقاردى. يەنە بىر خادىم ليۇ چىنىڭ ئالدىدىكى مىكرافوننى تارتىۋالماقچى بولدى، لېكىن مەقسىدىگە يېتەلمەي " ئەركىنلىك، ئەركىنلىك " دەپ ۋارقىرىدى.
" بېيجىڭ ئولىمپىك مەشئىلىنىڭ تىبەت زېمىنىدىن ئۆتۈشىنى بىكار قىلىش كېرەك "
ئولىمپىك مەشئىلى دۇنيادىكى 20 نەچچە دۆلەت ۋە رايوننى ئايلىنىپ، 8 - ئاينىڭ 8 - كۈنى بېيجىڭغا يېتىپ بېرىشى كېرەك. خىتايلار مەشئەلنى تىبەت ۋە جۇمۇلاڭما چوققىسىغا قەدەر يەتكۈزۈش پىلانى بارلىقىنى ئېلان قىلدى. لېكىن چەتئەلدە سۈرگۈندىكى تىبەتلەر خىتاي ھۆكۈمىتى تىبەت خەلقىنى باستۇرۇۋاتقان ئەھۋالدا ئولىمپىك مەشئىلىنى تىبەت زېمىنىدا ئايلاندۇرۇشنىڭ ئۆزى ئولىمپىك روھىغا " ھاقارەت " دەپ ئەيىبلىمەكتە.
گرىتسىيىدىكى تىبەت پائالىيىتىنىڭ بىر يېتەكچىسى رادىئومىزغا،" خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى خىتاينىڭ تىبەتتىكى زوراۋانلىقى ۋە بۇزغۇنچىلىقىنى كۆرمەسكە سېلىۋاتىدۇ. مەن تىبەت خەلقىغە ۋاكالىتەن خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنى بېيجىڭ ئولىمپىك مەشئىلىنىڭ تىبەت زېمىنىدىن ئۆتۈشىنى بىكار قىلىشقا چاقىرىمەن "دەپ كۆرسەتتى. ئولىمپىك مەشئىلى دۈشەنبە كۈنى ئولىمپىيە بازىرىدا بىر گۇرۇپپا تىبەتلەرنىڭ توسۇشىغا ئۇچرىدى.
تىبەتلەر ئولىمپىك مەشئىلىنى ئېلىپ ماڭغۇچىنىڭ ئالدىنى توراپ، بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىغا قارشى شۇئار توۋلىغاندا، گرىتسىيىلىك ساقچىلارنىڭ تۇتقۇن قىلىشىغا ئۇچرىدى. ئۇلار ئولىمپىيەدىكى بىر مېھمانخانا ئالدىدا ئۆزىنى قىزىل رەڭگە بوياپ، ئولىمپىيە بازىرىنىڭ ئاساسىي كوچىسىدا يېتىۋالغان ۋە خىتايغا قارشى شۇئارلارنى توۋلىغان ئىدى.
"ئولىمپىك مۇسابىقىسى خىتاينىڭ ئۆزگىرىشىگە ئىجابىي ھەسسە قوشىدۇ "
خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى جەكس روگې، دۈشەنبە كۈنى ئافېنادا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ خىتايغا بېسىم ئىشلىتىش ياكى بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش ھەققىدىكى چاقىرىقىغا جاۋاب بەرگەن. ئۆزىنىڭ بۇ مەسىلىلەردە خىتاي بىلەن " لام - جىم دىپلوماتىيىسى" ئېلىپ بارغانلىقىنى، خىتايلار بىلەن ئۆتكۈزگەن خۇپىيانە سۆھبەتلەردە كىشىلىك ھوقۇقنى ئۈزلۈكسىز ئوتتۇرىغا قويۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن جەكس روگې، ئولىمپىك مۇسابىقىسى خىتاينىڭ ئۆزگىرىشىگە ئىجابىي ھەسسە قوشىدۇ، دەپ قارايدىغانلىقىنى ئەسكەرتمەكتە.
لېكىن روگې، ئولىمپىك مەشئىلى يېقىش مۇراسىمىدا سۆزلىگەن سۆزىدە بېيجىڭ دائىرىلىرىگە ئولىمپىك يىغىنى يالغۇز تەنتەربىيە مۇسابىقىسى ئەمەسلىكىنى خاتىرىلەتتى. ئۇ، " بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى يالغۇز مۇنەۋۋەر تەنتەربىيە تۈرلىرىنى نامايەن قىلىش پۇرسىتى ئەمەس، بۇ يەنە خىتاي ۋە پۈتۈن يەر شارىدىكى ئىنسانلارنىڭ قارشى تەرەپنى بايقاش ۋە ھۆرمەت قىلىشنى ئۈگۈنىش پۇرسىتىدۇر " دەيدۇ.
"سۆھبەت تىبەت مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ بىردىن - بىر يولىدۇر "
بېيجىڭ شەھەر باشلىقى ليۇ چى مۇراسىمدا سۆزلىگەن سۆزىدە تىبەت ۋە چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش ياكى ئولىمپىك مەشئىلىنى توساش ھەققىدىكى چاقىرىقىغا ئىنكاس قايتۇرمىدى. ئۇ پەقەت ئولىمپىك مەشئىلىنىڭ ئولىمپىك روھىنى تارقىتىپ، 5 قىتئەگە تىنچلىق ۋە ئۈمىد چاچىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. چەتئەلدىكى تىبەت ۋە تىبەتنى ھىمايە قىلغۇچى ئورگانلارنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش پائالىيىتى مەسىلىنىڭ بىر تەرىپى. مەسىلىنىڭ يەنە بىر تەرىپى تىبەت مەسىلىسىنىڭ دۆلەتلەرئارا دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەردە كۈن تەرتىپىدىكى بىر مەسىلە بولۇپ قېلىۋاتقانلىقىدۇر.
ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى كاندىلىزا رايىس، دۈشەنبە كۈنى ھىندىستاندا خىتاي ھۆكۈمىتىنى تىبەت مەسىلىسىدە "داۋاملاشتۇرغىلى بولىدىغان" سىياسەت يۈرگۈزۈشكە چاقىردى ۋە بىردىن - بىر يولنىڭ تىبەت روھانى داھىسى دالاي لاما بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى. رايىس ھىندىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سىڭ بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدىن كېيىن مۇخبىرلارنىڭ سۇئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ،" بىز تىبەت مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ ئۇسۇلى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەتتە بىر يۈرۈش داۋاملاشتۇرغىلى بولىدىغان سىياسەت يۈرگۈزۈشى، دەپ قارايمىز " دېدى. خىتاينى دالاي لاما بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە چاقىرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن رايىس، " بىز 2 تەرەپنى سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە رىغبەتلەندۈرىمىز. چۈنكى تېگى - تەكتىدىن ئالغاندا سۆھبەت تىبەت مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ بىردىن - بىر يولىدۇر " دەپ ئەسكەرتىدۇ.
خىتاي تىبەت روھانى داھىسى دالاي لامانى بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى گۆرۈگە ئېلىۋالماقچى بولدى، دەپ ئەيىبلىگەن بولسىمۇ،لېكىن دالاي لاما ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلۈشىنى قوللاپ، ئولىمپىكنى بايقۇت قىلىش چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇشنى رەت قىلماقتا ئىدى. ئۇ، ئالدىنقى كۈنى يېڭى دېھلىدا مۇخبىرلارغا خىتاينىڭ دالاي ئولىمپىكنى گۆرۈگە ئېلىۋالماقچى، دېگەن ئەيىبلىشىنى " ئاساسسىز" دەپ رەت قىلدى. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- دالاي لاما پۇرسەت پىشىپ يېتىلگەندە سۆھبەتكە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى
- خىتاي، دۇنيا مىقياسىدا ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش چاقىرىقىغا دۇچ كەلدى
- خىتاي ھۆكۈمىتى تىبەتتە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان نامايىشتا دالاي لامانىڭ ئەيىبلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى
- لخاسادا تىبەتلەرنىڭ نامايىشى باستۇرۇلغاندىن كېيىنكى يېڭى مۇلاھىزىلەر
- گېرمانىيە ھۆكۈمىتى بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىشى كېرەك
- ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدا ئولىمپىك مۇناسىۋىتى بىلەن تەقىپلەشلەر داۋاملاشماقتا
- خىتاينىڭ تېررورلۇق ھۇجۇم ھەققىدىكى باياناتى ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى يېڭى مۇلاھىزىلەرگە يول ئاچتى
- " ئايروپىلان بۇلاش ۋەقەسى" نىڭ سىر پەردىسى تېررورلۇق تەھدىتنىڭ راستلىقىغا گۇمان پەيدا قىلدى
- نورۋىگىيىدىكى ئۇيغۇر پۇتبولچى تونۇلماقتا
- مۇھاجىرەتتىكى تىبەتلىكلەر ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى ھىندىستاندا ئۆتكۈزمەكچى
- ئولىمپىكنى كىم سىياسىيلاشتۇرۇۋاتىدۇ؟
- تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى خىتاينىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىنىڭ بىخەتەرلىكىنى شەرقىي تۈركىستانچىلارغا باغلىغانلىقىنى قاتتىق ئەيىپلىدى
- ميا فېروۋ خانىم جورج بۇشنى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى مەسىلىدە بايانات ئېلان قىلىشقا چاقىردى
- ئولىمپىك خىتاينى ئۆزگەرتەمدۇ ياكى خىتاي ئولىمپىكنىمۇ؟
- "ئولىمپىكنىڭ سائىتى خىتاي ئۈچۈن چېلىنماقتا"
- خۇ جىنتاۋ ئەگەر ماۋزېدۇڭغا ئەتراپلىق باھا بېرىشنى باشلىمىسا كوممۇنىست پارتىيە گۇمران بولىدۇ
- شۋېتسىيە ئاخباراتلىرىدىكى ئولىمپىك ھەققىدىكى مۇنازىرىلەر
- 2008- يىللىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈش توغرا قارارمۇ ؟