ئۇيغۇرلارنىڭ ئولىمپىك غەلىبىسى توغرىسىدا رۇقىيە خانىم بىلەن سۆھبەت

2008 ‏ - يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىكى ئەڭ ماجرالىق بىر ئولىمپىك سۈپىتىدە تارىخقا ئايلاندى. بۇ جەرياندا ۋەتەن ئىچى - سىرتىدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ئولىمپىكنىڭ بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلۈشىگە قارشى ھەرخىل شەكىلدە ھەرىكەتلەر ئېلىپ باردى.

0:00 / 0:00

بۇ ھەرىكەتلەردە كۈتۈلگەن ئۈمىد نېمە ئىدى؟ نېمىلەر قازىنىلدى؟ بۇ ھەقتە كانادا ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ باشلىغى رۇقىيە تۇردۇش خانىم بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدۇق.

سوئال: بېيجىڭ ئولىمپىكى ئاياقلاشتى، خىتاي ئولىمپىكنىڭ غەلىبىلىك ئاياقلاشقانلىقىنى تەن - تەنە قىلىۋاتىدۇ، خەلقئارادا ھەرخىل قاراشلار مەۋجۇت. سىز بېيجىڭ ئولىمپىكىنىڭ نەتىجىسىگە قانداق باھا بېرىسىز؟

جاۋاب : خىتاي بېيجىڭ ئولىمپىكى ئارقىلىق ئىقتىسادىي جەھەتتىكى ۋە تېخنىكا جەھەتتىكى تەرەققىياتىنى دۇنياغا نامايەن قىلدى. بۇ خىتاينىڭ بېيجىڭ ئولىمپىكىدىكى غەلىبىسى؛ خىتاي ئولىمپىك ئارقىلىق يەنە، مەدەنىيەت جەھەتتە، جۈملىدىن ئاڭ جەھەتتە، تېخى كۆپ ئارقىدا ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. ئولىمپىك جەريانىدا يۈز بەرگەن بىر قىسىم ساختىپەزلىكلەر، ھۆكۈمەت تەرىپىدىن بېرىلگەن، ئەمما ئەمەلىيلەشمىگەن ۋەدىلەر، خىتاينىڭ بۇ جەھەتتىكى ئاجىزلىقلىرىنى ئاشكارىلىدى. بىرلا مىسال ئالساق، خىتاينىڭ ئولىمپىك جەريانىدا ھېچقانداق بىر نامايىشقا يول قويمىغانلىقىنىڭ ئۆزىلا خىتاينىڭ تېنچ ۋە ساغلام بىر جەمىيەت ئەمەسلىكىنى كۆرسەتتى. قىسقىسى خىتاينىڭ ئۆز خەلقىنى ئادالەتكە تايىنىپ ئەمەس قورال كۈچىگە تايىنىپ ئىتائەت قىلدۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى دۇنياغا ئاشكارىلىدى.

سوئال : دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بېيجىڭ ئولىمپىكىغا قارشى ئىزچىل قارشىلىق كۆرسىتىپ كەلدى. بۇ ھەرىكەتلىرىدە كۈتكەن ئۈمىدى نېمە ئىدى؟ نەتىجە نېمە بولدى؟

جاۋاب: دېگىنىڭىزدەك بېيجىڭ ئولىمپىكىغا قارشى مەيداندا پائالىيەتلەرنى ئېلىپ باردۇق، ئولىمپىكنىڭ بىكار قىلىنىشىنى تەلەپ قىلدۇق، ئاساسلىق مەقسىتىمىز ئولىمپىك مەزگىلىدىن پايدىلىنىپ شەرقى تۈركىستان مەسىلىسىنى خەلقئارا جامائەت پىكرىنىڭ كۈن تەرتىپىگە ئەكىلىش، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى دۇنياغا كەڭ كۆلەمدە تونۇتۇش ئىدى. بۇ مەقسىتىمىزگە ئاساسەن دېگۈدەك يەتتۇق.

خىتاي 11 ‏ - سېنتەبىر ۋەقەسىگە قەدەر شەرقى تۈركىستان مەسىلىسىنى دۇنيادىن ئىزچىل يوشۇرۇپ كەلگەن، شەرقى تۈركىستان دېگەن نامنى تىلغا ئېلىشتىنمۇ ئۆزىنى قاچۇرۇپ كەلگەن. 11 ‏ - سېنتەبىردىن كېيىن شەرقى تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئېتىراپ قىلغان بولسىمۇ ئۇنى بەزىدە كىچىكلىتىپ، بەزىدە يوق كۆرسىتىپ كەلگەن. خىتاي ئولىمپىكقا بىر يىل قالغاندا ئولىمپىك بىخەتەرلىكىگە 1 ‏ - دەرىجىلىك تەھدىت شەرقى تۈركىستان تېررورچىلىرى دەپ ئەيىبلەپ كەلدى، بۇ ئارقىلىق خىتاي، شەرقى تۈركىستان مۇستەقىللىقى دېگەن بىر مەسىلىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى يۈكسەك تون بىلەن ئاشكارىلىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە شەرقى تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ خىتايدىكى بىرىنچى دەرىجىلىك جىددىي مەسىلە ئىكەنلىكىنى ۋاسىتىلىك ئېتىراپ قىلدى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە پۈتۈن دۇنيا مەتبۇئاتىدا، ئۇيغۇر مەسىلىسى بۈگۈنگە قەدەر كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە كەڭ كۆلەملىك خەۋەر ۋە مۇلاھىزە تېمىسى بولدى. بۇ، بىز - ئۇيغۇرلار ئولىمپىكتە ئېرىشكەن نەتىجىلەردىن بىرى.

سوئال: ئۇيغۇرلارنىڭ ئولىمپىكتا ئېرىشكەن نەتىجىلىرى سۈپىتىدە يەنە نېمىلەرنى تىلغا ئېلىش مۇمكىن؟

جاۋاب: ئەڭ مۇھىمى دۇنيا ئولىمپىك جەريانىدا ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ئىرادىسىدىن ھەرقانداق بېسىم ئاستىدىمۇ ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى كۆردى. قەشقەر ۋە كۇچادىكى ۋەقەلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مۇستەقىللىق ئىرادىسىنىڭ قەتئىي ۋە تەخىرسىزلىكىنى پۈتۈن دۇنياغا جاكارلىدى ۋە ئىسپاتلىدى. بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئولىمپىكتا ئېرىشكەن ئەڭ چوڭ ئۇتۇق ھېسابلىنىدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا خىتاي ھازىرغا قەدەر خىتاي ئۆزلىرىگە قارشى قوراللىق كۈرەش قىلىۋاتقان ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلىرىنى تېررورچى دەپ ئەيىبلەپ كەلگەن. قەشقەر، كۇچا ۋەقەلىرى ئاساسلىق خىتاي ئەسكەر ۋە ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىغا قارشى يۈز بەرگەچكە، خىتاينىڭ ئەيىبلىمىلىرىمۇ ئەمەلىي ھەركەت ئارقىلىق ئىنكار قىلىندى. . يەنى قەشقەر - كۇچا ۋەقەلىرى شەرقى تۈركىستان مۇستەقىللىق كۈرىشىگە چۈشكەن بىر قىسىم گۇمانلارنى يەشتى.

سوئال: ئولىمپىكقا يېقىنلاشقاندا ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ھەرخىل شەكىلدە قارشىلىقلار كۆرسەتتى، سىزچە بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ زور تەسىر پەيدا قىلغىنى قايسى؟

جاۋاب: ئەلۋەتتە، 4‏ - ئاۋغۇست سەمەن يولى ۋەقەسى ۋە 10 - ئاۋغۇست كۇچا ۋەقەسى . ئولىمپىك مەزگىلىدە كۆرۈلگەن مىللىي قارشىلىق ھەرىكەتلىرى ئىچىدىكى ئەڭ تەسىرلىك ۋەقەلەر يەنە، كۇچادىكى ساقچى ۋە ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىغا قارشى ھۇجۇمدا ئىككى نەپەر قىز بارلىقى، تۈركىيىدىكى نامايىشتا مەمەت تۇرسۇن ئىسىملىك نامايىشچىنىڭ ئۆزىگە ئوت قويغانلىقى.

سوئال: يەنە ئولىمپىك مەزگىلىدە گۈزەلنۇر تۇردى ئىسىملىك بىر قىزنىڭ ئايروپىلان بۇلاشقا ئۇرۇنغانلىقى، ئولىمپىكقا ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلىغان ئىككى قوراللىق گۇرۇپپىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى خەۋەر قىلىندى، ئاندىن تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى نامىدا باياناتلار ئېلان قىلىندى. سىزچە ئولىمپىك مەزگىلىدە ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن بېرىلگەن بايانلار ۋە ھەرىكەتلەر ئىچىدە ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىگە سەلبىي تەسىر بەرگەنلىرى بولدىمۇ؟

جاۋاب: خەلقئارا مەتبۇئاتنى ئىزچىل كۆزىتىپ تۇردۇم، مەنچە مۇنداق بىر ئەھۋال بولمىدى. بۇ ھەقتىكى بارلىق خەۋەر ۋە ھەرىكەتلەر، دۇنيا جامائىتىنىڭ شەرقى تۈركىستان ۋەزىيىتىگە مەركەزلىشىشىگە سەۋەپ بولدى. قەشقەر - كۇچا ۋەقەلىرىنىڭ تەسادىپىي بىر ھەركەت ئەمەس؛ مىللىي ھەركەت ئىكەنلىكى ۋە ئەركىنلىكى كۈرىشى ئىكەنلىكىنىڭ كەڭ كۆلەمدە بىلىنىشىگە سەۋەپ بولدى.

سوئال: ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ئولىمپىك مەزگىلىدىكى ھەرىكەتلىرىدىن چىقارغان بىر دەرس ياكى خۇلاسە بارمۇ؟

جاۋاب: بۇ ھەقتە تەشكىلاتلىرىمىز مەخسۇس بىر مۇزاكىرە ئېلىپ بارمىدى، بۇندىن كېيىن ئېلىپ بېرىشى مۇمكىن. مېنىڭ شەخسىي قارىشىم: مەسىلىمىزنى دۇنياغا ئاڭلىتىشتا ۋەتەن ئىچىدىكى ھەرىكەتلەرنىڭ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغانلىقى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلاندى.