دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ ئولىمپىك مەشئىلىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە يېتىپ كېلىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىكىنىڭ تېخىمۇ قاتتىق كونترول قىلىنىشىغا يول ئاچقان بولۇپ، ھەتتا خىزمەت ئورنى بولمىغان بىر قىسىم ئۇيغۇرلار " ئولىمپىك مەزگىلىدىكى بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش" دېگەن باھانە بىلەن تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرىغا قاماپ قويۇلغان. مۇخبىرىمىز بۇ ھەقتە مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن ئۈرۈمچىدىكى نەنگۈەن ساقچىخانىسى ۋە بىر قانچە ئاممىۋى ئورۇنلارغا تېلېفۇن ئۇردى.
2008 - يىللىق ئولىمپىك مەشئىلى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئۈرۈمچى ۋە قەشقەر شەھىرىگە يېتىپ كېلىش ھارپىسىدا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىكىنى قاتتىق كونترول قىلىۋاتقانلىقى غەرب مەتبۇئاتلىرىدا تىلغا ئىلىنىش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي رەھبىرى ۋە مەشھۇر ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر خانىم يېتەكچىلىكىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەشكىلاتىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىدى.
د ئۇ ق نىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى، چەتئەل مەتبۇئاتلىرىنىڭ بۇ ھەقتە مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئولىمپىك ئۆتكۈزۈشى شۇنىڭدەك ئولىمپىك مەشئىلىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىن ئۆتۈشى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىكىنىڭ كونترول قىلىنىشىنىڭ، ئەركىنلىكنىڭ سىمۋولى بولغان ئولىمپىك مۇراسىمىغا مۇناسىپ كەلمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات ئەپەندى بۈگۈن ئىستانسىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ ئولىمپىك مەشئىلى ئۇيغۇر دىيارىدىن ئۆتكەندە، ئۇيغۇرلارنىڭ توي مۇراسىمى ۋە نەزىر - چىراق ئۆتكۈزۈشىنى چەكلىگەنلىكىنىڭ، بولۇپمۇ، ئولىمپىك مەشئىلىنىڭ شەھەرنى ئايلانغاندا، ئاھالىنىڭ ئوي ۋە ئىمارەت دېرىزىلىرىنى ئېچىشىنىمۇ چەكلەش توغرىسىدىكى قارارىنىڭ سۈرگۈندىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بۇلاردىن سىرت، دىلشات ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەلۋەتتە ئىشسىزلىق جەمئىيەت ئۈچۈنلا ئەمەس، بىر دۆلەت ئۈچۈنمۇ ئېغىر بېسىم ئېلىپ كېلىدىغان مۇھىم ئامىل بولۇپ، بۇ خىل ئاقىۋەتلەر دەل ھۆكۈمەتنىڭ خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەنپەئەتىگە سەل قاراش، مىللەتلەرگە تەڭ - باراۋەر ھوقۇق بەرمەسلىك ۋە ئاز سانلىقلارنى دەپسەندە قىلىش سىياسىتى نەتىجىسىدىن مەيدانغا كەلگەن. نۆۋەتتە، ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇر ئىشسىزلىرىنى ئۆزلىرىگە تەھدىت ھېسابلاپ، ئولىمپىك مەشئىلىنى يەتكۈزۈش پائالىيىتى ئاخىرلاشقىچە، تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرىغا قاماپ قويۇشى، ئۇيغۇرلارنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە دەپسەندىچىلىككە ئۇچراۋاتقانغلىقىنىڭ ئېنىق بىر دەلىل - ئىسپاتى ھېسابلىنىدىكەن.
ئولىمپىكنىڭ بىخەتەر ئۆتكۈزۈلۈشىنى باھانە قىلغان خىتاي دائىرىلىرى يەنە، كوچىمۇ - كوچا چارلاش ئېلىپ بېرىش، ھەربىي ھالەت تۈزۈمىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق خەلقنى ۋەھىمىگە سېلىش، ئىدارە - ئورگان، مەكتەپ ۋە دىنىي ساھەلەردىكى ئۇيغۇرلارغا قارىتا مەجبۇرىي يوسۇندا ۋەتەن سۆيۈش تەربىيىسى يۈرگۈزۈش ھەرىكىتى قوزغاپ، ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ھوقۇقىنى ئېغىر دەرىجىدە ئاياق - ئاستى قىلغان.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەركىزى ئۈرۈمچى، نۆۋەتتە ئەڭ قاتتىق كونترول ئاستىغا ئېلىنغان شەھەرلەرنىڭ بىرى بولۇپ، بىز بۇ شەھەرنىڭ ۋەزىيىتىدىن خەۋەردار بولۇش ئۈچۈن، ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان رايونغا جايلاشقان نەنگۈەن ساقچىخانىسىغا تېلېفۇن ئۇردۇق. ساقچىخانىدىكى بىر خادىم بىزنىڭ قەيەردىن تېلېفۇن ئۇرغانلىقىمىزنى سۈرۈشتۈرگەندىن كېيىن، تېلېفوننى يەنە بىر ساقچىغا ئۆتكۈزۈپ بەردى.
ئۇيغۇر ساقچى، شەھەردە يولغا قويۇلۇۋاتقان چارلاش ھەرىكەتلىرىنىڭ راستلىقىنى رەت قىلدى، بىز بۇ ھەقتە تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن شەھەر ئاھالىسى ئارىسىدىكى بىر قانچە كىشىگە تېلېفۇن ئۇردۇق.
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىدىن تېلېفۇن ئۇرۇۋاتقانلىقىمىزدىن خەۋەر تاپقان بىر ئايال ھۆكۈمەتنىڭ چەتئەل مەتبۇئاتلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلماسلىق ھەققىدىكى بۇيرۇقى تۈپەيلىدىن بولۇشى كېرەك، ناھايىتى ھودۇقۇپ كەتتى ۋە بىزگە قايىل قىلارلىق جاۋاب بەرمىدى. بىراق، ناھايىتى ئېھتىيات قىلىپ تۇرۇپمۇ چارلاش ھەرىكىتىنىڭ داۋاملىق ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى، تاسادىپى ئاغزىدىن قاچۇرغان بىر كىشى بىزگە بەزى ئەھۋاللارنى سۆزلەپ بەردى.