لىن باۋخۇا: خىتاي ئولىمپىكتىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇرلارغا قىرغىنچىلىق قىلىۋاتىدۇ

رادىئومىزنىڭ تەكلىپ مۇخبىرى چياۋ لۇڭنىڭ بېيجىڭدىكى مېھمانخانىلار ئارقىلىق ئېنىقلاپ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ھازىر 'ئولىمپىكنى قوغداش' دېگەن نام بىلەن، 'ئۇيغۇرلارنى مېھمانخانىلارغا قوبۇل قىلىشتىن بۇرۇن جامائەت خەۋپسىزلىكى تارماقلىرىغا مەلۇم قىلىشى لازىم' دەپ بۇيرۇق چۈشۈرگەن. خىتاينىڭ قۇرۇقلۇق، دېڭىز، ھاۋا قىسىملىرى بولسا 'ئولىمپىكنى قوغداش جېڭى قىلىشقا تەييار' ئىكەنلىكىنى جاكارلىماقتا.

0:00 / 0:00

بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، مەخسۇس كوممۇنىست پارتىيە تارىخىنى تەتقىق قىلىش بىلەن تونۇلغان، ھازىر تەيۋەندە تۇرۇۋاتقان مەشھۇر سىياسىي مۇلاھىزىچى لىن باۋخۇا ئەپەندى خىتايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئولىمپىك مۇسابىقىسى ۋە ھازىر ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان بۇنداق مەسىلە توغرىسىدا بۈگۈن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئوبزور ئېلان قىلدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى تېررورچىلىق'دېگەننى ئۆزى مەقسەتلىك ھالدا توقۇپ چىققان

ئولىمپىك بىر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى بولسىمۇ، ‏ - دەيدۇ لىن باۋخۇا ئەپەندى ئوبزورىدا، ‏ - ‏ ئەمما خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ئولىمپىكتا 'تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇش' دېگەننى گەۋدىلەندۈردى ۋە بۇ ھەقتە يەنە ھەدەپ خەۋەر بېرىۋاتىدۇ. مىنىڭ قارىشىمچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر دەۋاتقان بۇ 'تېررورچىلىق'نى ئۆزى مەقسەتلىك ھالدا توقۇپ چىققان. بۇنىڭدىن بۇرۇن ئۇيغۇرلار لەنجۇدا يولۇچىلار ئايروپىلانىنى پارتلاتماقچى بولدى، دېگىنىنىڭ ئۆزى گۇمانلىق ئىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى 'تېررورچىلار' دېگەننى تاپالماي، ئۆزلىرى 'جەمئىيەتتىكى ئوغرى - بۇلاڭچى'دەپ ئاتىۋالغان كىشىلەرنى 'مۇستەقىلچى' ياكى 'تېررورچىلار' دەپ ئاتىۋالدى.

لىن باۋخۇا ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنلا خەۋەر ئېلان قىلىپ 'بەش نەپەر تېررورچى ئېتىپ تاشلاندى' دېدى. ئەمما ئۇلارنىڭ قانداق تېررورچىلىق قىلغانلىقىنىڭ پاكىتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويالمىدى. يېنىدا پىچاق بار ئىكەن دەپ بەش ئادەمنى ئېتىپ تاشلىغان قانداق گەپ؟ ئالدى بىلەن بىرسى ساقچىغا پىچاق تەڭلىدىمۇ ياكى ساقچى ئالدى بىلەن ئېتىپ تاشلاپ ئاندىن پىچاق تەڭلىدى دەپ باھانە تاپتىمۇ؟ بۇنىڭ تەپسىلاتىنى نېمىشقا ئوتتۇرىغا قويالمايدۇ؟ بۇ يەنىلا گۇمانلىق.

بۇ، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ ئولىمپىكتىن پايدىلىنىپ قىرغىنچىلىق قىلغانلىقى

مىنىڭ قارىشىمچە، - دەيدۇ لىن باۋخۇا ئەپەندى، ئوبزورىدا، - بۇ، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ ئولىمپىكتىن پايدىلىنىپ، ئۆزىنىڭ ئەسلى زاتىدىكى قىرغىنچىلىق قىلىدىغان كوممۇنىست ئەنئەنىسىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقى. بۇنى ئېتنىك تازىلاش ياكى مىللىي قىرغىنچىلىق دەپ بېكىتسە ئېغىر كەتمەيدۇ.

خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى بۇنداق قىرغىنچىلىق يۈرگۈزگەندە 'ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسى' دېگەندەك قالايمىقان نەرسىلەرنى تەڭ سۆزلەۋاتىدۇ. بۇنىڭدىن مەلۇمكى، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ئەگەر ئۆزىنىڭ 'تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇش' دېگەن ھەرىكىتىدىن چاتاق چىقسا، ئۇنى بىر كىملەرگە دۆڭگەپ قويۇپ قۇتۇلماقچى ياكى خەلقئارادىكى تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇش دېگەن ئورتاق نىشانغا دۆڭگەپ قويماقچى بولۇۋاتىدۇ.

ئامېرىكا بۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەك

لىن باۋخۇا ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ئولىمپىك دېگەن خىتايدا كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلايدىغان پۇرسەت ئىدى. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى تېخىمۇ ناچارلاشتۇرۇۋەتتى. ناچارلاشتۇرۇۋەتتىلا ئەمەس، بەلكى ھازىر ئوچۇق ‏ - ئاشكارا مىللىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتىدۇ. ئامېرىكا بۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەك. گەرچە پرېزىدېنت بۇش سۆز قىلىپ تىبەتلەرنىڭ ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنى ۋە مىللىي ھوقۇقىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ يېتەرلىك ئەمەس، بۇنىڭ ئۈچۈن ئەمەلىي تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى لازىم.

ئادەمنىڭ جېنى قىممەتلىك نەرسە

مەن يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكەندەك، - - - دەيدۇ لىن باۋخۇا ئەپەندى ئوبزورىدا، - - - ساقچىلار مىلتىقىنى چىقىرىپلا بەش ئادەمنى ئېتىپ تاشلىغانلىق، مېنىڭچە بۇ 'قانۇن' دېگەندىن پايدىلىنىپ قىرغىنچىلىق قىلغانلىق. 10 مىڭ ئادەمنى يىغىپ كېلىپ ئۇچۇق سوت ئېچىپ ئادەم ئاتقانلىق - - قانۇن ۋە تۈزۈمدىن پايدىلىنىپ، قانۇنىي رەسمىيەتلەردىن پايدىلىنىپ 'توخۇنى ئۆلتۈرۈپ مايمۇننى قورقۇتۇش ھېلىسى' نى ئىشلىتىپ خەلققە تەھدىت سالغانلىق. قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىشتا دېگەن، ئادەتتە، ناھايىتى ئەستايىدىللىق بىلەن قانۇنىي رەسمىيەت ئۆتەشكە توغرا كېلىدۇ. ئادەمنىڭ جېنى دېگەن قىممەتلىك نەرسە، ھەر قانداق قانۇندا ئۇنىڭغا يېنىكلىك قىلىشقا رۇخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمما دېڭ شاۋپىڭ كوممۇنىستلارغا 'قارشىلىق كۆرسەتكەن كىشىلەرنىڭ دېلوسىنى بىرتەرەپ قىلغاندا ئېغىرلىتىپ جازالاش كېرەك، تېز بىرتەرەپ قىلىش كېرەك' دەپ ئۆگەتكەن ئىدى. بۇ دەل شۇنداق قىلغانلىق. بۇ خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ ئالغا باسماي، بۇرۇنقى كونا يولىغا قاراپ كەينىگە بۇرۇلغانلىقى. ئۇلارنىڭ ھازىر 'قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش' دېگىنى يالغان.