ئۆتكەن يىلى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ، ئاقسۇ، قەشقەر، خوتەن ۋە قۇمۇل قاتارلىق ۋىلايەتلىرىدە ئارقا-ئارقىدىن خىتايغا قارشى ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرى يۈز بەرگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ۋەقەلەردىن ئاقسۇدىكى ۋەقەدىن باشقىلىرىنى ئاخباراتتىن يوشۇرۇن تۇتقان، مەزكۇر ۋەقەلەرنىڭ بىر قىسمى رادىئومىز ۋە بەزى ئىجتىمائىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق دۇنياغا ئاشكارىلانغان ئىدى.
بۇ قېتىمقى خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئاقسۇدىكى پارتلىتىش ۋەقەسىگە چېتىشلىق كىشىلەرنىڭ سانى 6 نەپەر، بۇلار غوپۇر سەمەت، تۇرغۇن تۇردى، ئابدۇللا تۇنياز، ياسىن قادىر، ئەخمەت مەمەت ۋە ئەخمەت قۇرباندىن ئىبارەتتۇر. بۇلاردىن ئابدۇللا تۇنياز ھۇجۇمنى پىلانلىغۇچى ۋە گۇرۇپپىنىڭ يېتەكچىسىدۇر؛ ئەخمەت قۇربان بولسا، پارتلاتقۇچ بومبىنى ياسىغان. 19-ئاۋغۇست كۈنى ئەتىگەن سائەت 9:30 دا، بۇلاردىن 5 نەپىرى پارتلىتىش ئېلىپ بېرىلغان نەق مەيداندا ھازىر بولغان. ئىككى نەپىرى ئەتراپنى كۆزەتكەن ۋە قوماندانلىق قىلغان؛ 3 نەپىرى ھۇجۇمنى ئىجرا قىلغان. ھۇجۇمنى ئىجرا قىلغۇچىلاردىن ئەخمەت مەمەت بىلەن غوپۇر سەمەت، خىتاينىڭ ئامانلىق خادىمى بىلەن بىرلىكتە نەق مەيداندا ئۆلگەن، تۇرغۇن تۇردى يارىدار ھالەتتە ئەسىرگە چۈشكەن. قالغان ئىككى نەپىرى يەنى ئابدۇللا تۇنياز بىلەن ياسىن قادىر ئۆزلىرىنى دالدىغا ئالغان؛ ئەمما ئۇلار ۋەقەدىن 3 كۈن كېيىن تۇتۇلغان.
خىتاينىڭ ئاقسۇ ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى بۇلاردىن يارىدار تۇرغۇن تۇردى ۋە گۇرۇپپا باشلىقى ئابدۇللا تۇنيازنى ئۆلۈم جازاسىغا، پارتلاتقۇچنى ياسىغان ئەخمەت قۇربان، ۋەقە مەيدانىدا ھەمكارلاشقان ياسىن قادىرنى 2 يىللىق كېچىكتۈرمە ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان. ئەينى چاغدىكى ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىمىزدا، ئىگەرچىدە يۈز بەرگەن پارتلىتىش ۋەقەسىدىن بىر ھەپتە بۇرۇن، ئاقسۇنىڭ يارباغ يېزىسىدا پىدائىيلارغا ئائىت بىر قورال ئىسكىلاتى تېپىلغانلىقى ۋە ساقچىلار بىلەن پىدائىيلار ئارىسىدا ئېتىشىش بولغانلىقى، بۇ ۋەقەدە ئۆلگەن ۋە يارىلانغانلار ئارىسىدا ئاياللارنىڭمۇ بارلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى. ئەمما، خىتاينىڭ بۇ قېتىمقى خەۋەرلىرىدە بۇ ھەقتە ھېچقانداق مەلۇمات بېرىلمىگەن.
تۈنۈگۈنكى خىتاي خەۋەرلىرىدە خوتەندە يۈز بەرگەن، 2-نويابىر قاتناش ساقچىلىرىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى نىسبەتەن تەپسىلىي بايان قىلىنغان. بايان قىلىنىشىچە، ئاخنىياز نۇر ئىسىملىك بىر ياش، شۇ كۈنى بىر سەپدىشى بىلەن بىرلىكتە ئاپتوموبىل ھەيدەپ خوتەن شەھەر ئىچىدە كېتىۋاتقاندا قاتناش ساقچىلىرى تەكشۈرۈش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئالدىنى توسقان، ئاخنىياز نۇر قاتناش ساقچىسىنى ئاپتوموبىلى بىلەن سوقۇپ، مەيداندىن ئۇزاقلاشقان، يەنە بىر نۆۋەتچى ساقچى ئاخنىيازنى ئارقىسىدىن قوغلاپ بارغاندا، ئۇ نۆۋەتچى ساقچىنى 29 يېرىدىن پىچاق تىقىپ ئۆلتۈرگەن. ئاخنىياز مۆكۈنۈپ يۈرگەن مەزگىلىدە ئىككى قېتىم ساقچىلارنىڭ قولىغا چۈشۈش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن، ئەمما دەرھال قارشىلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق ۋە يارىلاندۇرۇش ئارقىلىق ساقچىلاردىن قۇتۇلۇپ قالغان. خەۋەردە ئاخنىيازنىڭ قاچان، قانداق قولغا ئېلىنغانلىقى بايان قىلىنمىغان. يەنە ئاخنىياز بىلەن 2-نويابىر ۋەقەسىدە بىرگە بولغان سەپدىشىنىڭ كىملىكى ۋە ئاقىۋىتى ھەققىدە خەۋەردە ھېچنېمە دېيىلمىگەن.
تۈنۈگۈنكى خەۋەردە ئاشكارىلانغان ۋەقەلەردىن بىرى قۇمۇلدا يۈز بەرگەن " 29-سېنتەبىر" دېلوسىدۇر. بايان قىلىنىشىچە، مەھكۇم ئابدۇقېيۇم ئابدۇراخمان ئۆزى ياسىغان قورال بىلەن، 29-سېنتەبىر ۋە 3-نويابىر كۈنلىرى ئايرىم-ئايرىم ئىككى مەيداندا ئىككى نەپەر خىتاي پۇقراسىنى ئۆلتۈرگەن. خەۋەردە ئابدۇقېيۇم ئابدۇراخماننىڭ قولغا ئېلىنىش جەريانى ۋە تەشكىلىي مۇناسىۋىتى ھەققىدە توختالمىغان.
ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، بۇلتۇر كېيىنكى يېرىم يىلدا يۇقىرىقى ۋەقەلەردىن باشقا يەنە، 12-نويابىر ئارال ۋەقەسى، 25-ئۆكتەبىر يېڭىئېرىق ۋەقەسى يۈز بەرگەن، مارالبېشى ۋە پوسكامدىمۇ، ئوخشاش ۋەقەلەر ئىلگىرى-كېيىن يۈز بەرگەن. بۇ ۋەقەلەردە خىتاي كۆچمەنلىرى ئاساسلىق ھۇجۇم نىشانى بولغان؛ ھۇجۇمدا پىچاق ۋە خەنجەر ئاساسلىق ھۇجۇم قورالى بولغان. خىتاي مەتبۇئاتلىرى بۇ ۋەقەلەرنىڭ پەقەت ئاز بىر قىسمىنى كېچىكتۈرگەن ھالدا ئاشكارىلىدى. خىتاينىڭ مەزكۇر ۋەقەلەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي كۆچمەنلىرىنى ساراسىمىگە سېلىپ قويۇشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.