ئابدۇكېرىم مامۇت 28-فېۋرال ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىگە قاتناشقان كىشىلەردىن خىتاي ئامانلىق كۈچلىرىنىڭ قولىغا تىرىك چۈشۈپ قالغان بىردىن بىر شەخس.
قاغىلىق بەخت يولى كۆكتات بازىرىدا يۈز بەرگەن مەزكۇر ۋەقەگە قاتناشقان 9 ئۇيغۇر دىن 8 كىشى خىتاي ئامانلىق كۈچلىرى تەرىپىدىن ئېتىپ تاشلانغان. خىتاي دائىرىلىرى ۋەقەدە خىتاي پۇقرالىرىدىن ئون نەچچە كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى جاكارلىغان ئىدى. بىراق قەشقەر ئوتتۇرا سوتنىڭ دۈشەنبە كۈنى چىقارغان قارارى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى، بەزى خىتاي زىيالىيلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىدى. ئۇلار ئابدۇكېرىمنىڭ ئادىل سوتلانغانلىقىغا جىددىي گۇمان بىلەن قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى سەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، قەشقەر ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسىنىڭ ئابدۇكېرىم مامۇت ئۈستىدىن چىقارغان قارارىنى قاتتىق تەنقىد قىلدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ۋەقە يۈز بېرىپ بىر ئايغا يەتمىگەن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە چىقىرىلغان سوتنىڭ مەزكۇر قارارىدا ئېغىر ئادالەت مەسىلىسى مەۋجۇت. قۇرۇلتاي سوتنىڭ ئادىل بولغانلىقىدىن گۇمان قىلىدىغانلىقى، سوتنىڭ سىياسىيلاشتۇرۇلغانلىقى، جاۋابكارنىڭ تەن جازاسى ئاستىدا ئاتالمىش«جىنايەت» نى ئىقرار قىلىشقا مەجبۇرلانغانلىق ئېھتىمالى زورلۇقى، شۇنداقلا ئۇنىڭ يەنە، ئۆزى خالىغان ئادۋوكات تەكلىپ قىلىشىغا رۇخسەت قىلىنمىغانلىقى، سوتلاش جەريانى ئوچۇق -ئاشكارا بولمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
سوت مەھكىمىسى ئابدۇكېرىم مامۇتنىڭ قاغىلىق «28-فېۋرال ۋەقەسى» گە قاتناشقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇنى «تېررورلۇق گۇرۇپپا قۇرۇش، ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىش» ۋە «قاتىللىق قىلىش» قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلىگەن.
بىراق خىتاي سوت مەھكىمىسىنىڭ مەزكۇر دېلو ئۈستىدىن چىقارغان قارارىنىڭ ئادىللىقى يالغۇز د ئۇ ق نىڭلا گۇمانىنى قوزغاپ قالمىغان. ئامېرىكىدىكى مەزكۇر دېلودىن خەۋەردار بەزى خىتاي زىيالىيلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جاۋابكارنىڭ ئۆزى خالىغان ئادۋوكات تەكلىپ قىلىشىغا يول قويۇلمىغانلىقى، سوتنىڭ ئوچۇق ئاشكارا ئېلىپ بېرىلمىغانلىقى ئۇنىڭ ئادىللىقىغا جىددىي گۇمان پەيدا قىلغان.
«بېيجىڭ باھارى ژۇرنىلى» نىڭ باش مۇھەررىرى خۇ پىڭ ئەپەندى: بۇ ۋەقە يۈز بېرىپ سوت ھۆكۈم چىقارغانغا قەدەر 20 نەچچە كۈن ئۆتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە جاۋابكار ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. بۇنىڭدىن سىرت ئىگىلىشىمىزچە جاۋابكارنىڭ ئۆزى خالىغان ئادۋوكاتنى تەكلىپ قىلىشىغا يول قويۇلمىغان. بەلكى ھۆكۈمەت تەيىنلەپ بەرگەن ئادۋوكات ئۇنىڭ ئاقلىغۇچىسى بولغان. بىز بۇ دېلودا باشتىن ئاخىر جاۋابكار تەرەپنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ باقمىدۇق. جۇڭگونىڭ باشقا جايلىرىدىكى نۇرغۇن دېلولاردا ئازدۇر-كۆپتۇر بولسىمۇ، جاۋابكار تەرەپنىڭ ئادۋوكاتىدىن جاۋابكارنىڭ سوت توغرىسىدىكى سۆزلىرىنى ئاڭلاپ تۇرىمىز. بىراق بىز ئابدۇكېرىم مامۇتنىڭ دېلوسىدا ھېچنېمە ئاڭلاپ باقمىدۇق. بولۇپمۇ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان بۇنداق بىر دېلودا يۈز بەرگەن بۇ ئەھۋال، سوتنىڭ ئادىللىقى ۋە ھەققانىيلىقىغا تامامەن خىلاپ، دەپ كۆرسەتتى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىكى ئابدۇكېرىم مامۇتنىڭ «جىنايىتى» نى ئىقرار قىلغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر ئۆزلىرىدە ئۇنىڭ ئىقرارىنىڭ تەن جازاسى ئاستىدا ئېلىنغانلىقىغا دائىر جىددىي ئەندىشە قوزغىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ب د ت تەن جازاسىنى تەكشۈرگۈچى ئەمەلدارلىرى ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ب د ت تەن جازاسىنى چەكلەش ئەھدىنامىسىگە ئىمزا قويغان دۆلەت بولسىمۇ، بىراق تۇتقۇنلارنى كەمسىتىش، ئۇلارغا تەن جازاسى بېرىش ئەھۋالى خىتايدا ئومۇمى يۈزلۈك مەۋجۇت ھادىسە. ئۇلار، تۇتقۇنلارنى قىيناش ئارقىلىق ئېلىنغان ئىقرارنامىنىڭ دائىم خىتاي سوت مەھكىمىلىرىدە پاكىت ئورنىدا قوبۇل قىلىنىدىغانلىقىنى تەنقىدلەپ كەلگەن.
گوللاندىيىنى بازا قىلغان ۋاكالەتسىز مىللەتلەر ۋە خەلقلەر تەشكىلاتىنىڭ پروگرامما دىرېكتورى ئاندېرىئو سۋان، ئابدۇكېرىمنىڭ تەن جازاسىغا ئۇچرىغانلىق ئېھتىماللىقى ھەققىدە توختىلىپ، بۇ مەسىلىدە د ئۇ ق بىلەن پىكىرداش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇ مۇنداق دېدى: بىزنىڭ بۇ مەسىلىدىكى ئەندىشىمىز د ئۇ ق بىلەن ئوخشاش. چۈنكى بۇ بىزگە بۇرۇنقى دېلولاردا تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىدىكى تۇتقۇنلارغا تەن جازاسى ئېلىپ بېرىلغانلىقىدىن مەلۇم. شۇڭا بىز خىتاينىڭ تەن جازاسىنى توختاتماي داۋاملىق ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىدىن جىددىي ئەندىشە قىلىمىز. چۈنكى خىتاي دائىرىلىرى تېببىي مۇتەخەسسىسلەر ۋە باشقا مۇستەقىل تەكشۈرگۈچىلەرنىڭ تۇتۇپ تۇرۇش مەركەزلىرىگە كىرىپ، تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا يول قويۇپ باقمىغان.
ئاندېرىئو سۋان، مەزكۇر دېلونىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ناھايىتى تېز بىر تەرەپ قىلغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ، ئابدۇكېرىم مامۇتنىڭ سوتىدا خەلقئارا ئۆلچەم ۋە خىتاي قانۇنلىرىدىكى تەرتىپكە رىئايە قىلىنغانلىقىغا ناھايىتى زور گۇمانى بارلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ: بۇ ھالقىلىق بىر مەسىلە. بىز بۇ خىل دېلولاردا نۇرغۇن قېتىملاپ خەلقئارا كۆزەتكۈچى ياكى مۇستەقىل كۆزەتكۈچىلەرنىڭ كۆزەتكۈچى بولۇپ قاتنىشىشىغا يول قويۇلمىغان. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ خىل دېلولارنىڭ قانداق بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىغا بىر نېمە دېمەك تەس. بىراق بۇ خىل دېلولاردا بۇ كىشىلەرگە ئارتىلغان جىنايەتنىڭ تېزلىكى ۋە خاراكتېرىدىن قارىغاندا ئۇنىڭ خەلقئارا ئۆلچەم ۋە خىتاي قانۇنلىرىدىكى بەلگىلىمىلەرگىمۇ لايىق ئېلىپ بېرىلغانلىقىغا ناھايىتى زور گۇمانىمىز بار، دەپ كۆرسەتتى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى سەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا خىتاي دائىرىلىرىنى ئۇيغۇر ئېلىدە سوتنى سىياسىيلاشتۇرۇش بىلەن تەنقىد قىلغان. «بېيجىڭ باھارى ژۇرنىلى» دىكى خۇ پىڭ ئەپەندى بولسا ئابدۇكېرىم مامۇتنىڭ سوتى رايوندا سوتنىڭ سىياسىيلاشتۇرۇلىدىغانلىقنىڭ تىپىك مىسالى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ: قەشقەر قاغىلىق ۋەقەسىنىڭ ئۆزى بۇنىڭ تىپىك بىر مىسالى. دائىرىلەر ئون نەچچە ئادەمنىڭ پىچاق يەپ ئۆلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. بىراق بۇ ئون نەچچە كىشىنىڭ قانداق ئادەملەر ئىكەنلىكى، نېمە ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئۆلتۈرۈلىدىغانلىقى قاتارلىق تەپسىلاتلارنى تىلغا ئالمىغان. بىز ئىگىلىگەن يەنە بەزى خەۋەرلەردە ئۆلگەنلەرنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ ساقچىلار ئىكەنلىكى قەيت قىلىنغان. دائىرىلەرنىڭ شىنجاڭدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى بىر تەرەپ قىلىشى جۇڭگونىڭ باشقا جايلىرىغا قارىغاندا ئوچۇق -ئاشكارا ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئېغىرلاشتۇرۇپ جازا بېرىلىدۇ. ئۇلارغا ئارتىلغان جىنايەتنىڭ سىياسىي خاراكتېرى، بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى ئېغىر سىياسىيلىققا ئىگە. ئىچكىرى ئۆلكىلەردە پۇقرالار ھۇجۇمغا ئۇچرىغان ۋەقەلەر يۈز بەرسە بىز ئاساسەن ئۇنىڭ تەپسىلاتىدىن خەۋەر تاپالايمىز. تەرەپلەرنىڭ پىكرىنى ئاڭلىغىلى بولىدۇ. بۇ خىل دېلولار شىنجاڭدىكىدەك ئۇنىچىلىك ئېغىر سىياسىيلاشتۇرۇلمايدۇ، دەپ كۆرسەتتى.
خىتاي ھۆكۈمەتكە قارشىلىق قىلغان ھەرقانداق ئۇيغۇرنى دائىم تېررورلۇققا باغلاپ جازالاپ كەلدى. بۇ قېتىم ئابدۇكېرىم مامۇتمۇ بۇ خىل «جىنايەت» بىلەن ئەيىبلىنىپ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان. بىراق ۋاكالەتسىز مىللەتلەر ۋە خەلقلەر تەشكىلاتىدىكى ئاندېرىئو سۋان، خىتاينىڭ تېررورلۇق ۋە دىنىي ئەسەبىيلىككە بەرگەن چۈشەنچىسىنى تەنقىد قىلدى.
ئۇ مۇنداق دېدى: مېنىڭچە ئۇلارنىڭ بۇنىڭغا بەرگەن ئېنىقلىمىسىنىڭ توغرا بولۇشى ناتايىن. ئۇلارنىڭ بۇ خىل ۋاسىتىنى قوللىنىشى ئەھمىيەتسىز بولۇپلا قالماي، مەسىلىنى مۇرەككەپلەشتۈرۈۋېتىدىغانلىقىنى كۆردۇق. بۇ ئۇقۇم 2001-يىلدىن بۇيان يولغا قويۇلۇپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قانۇنلۇق تىنچ سىياسىي ھەرىكەتلەرنى باستۇرۇشىنى قانۇنلاشتۇرىدىغان قورال بولۇپ قالغان.